بىلۇز=布鲁斯=blues

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
     بىلۇز ئەسلىدە ئەنگلىزچە كۆك ئاكورت (blue note) دىگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يىللاردا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى قارا تەنلىكلەر كومىتېتلىرىنىڭ دىنى ناخشىلىرى، ئەمگەك ناخشىلىرى، ئېتىز جىرلىرى ۋە قوشاق ئېتىش شەكلىدىكى خەلق ناخشىلىرىدىن پەيدا بولغان. مۇزىكىدا كۆك ئاھاڭنى،  تېكىستلەردە  چاقىرىققا-جاۋاب (call-and- response) ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئافرىقىنىڭ تەسىرىنى بىلدۈرىدۇ. بىلۇس كېيىنكى ئامېرىكا ۋە پۈتكۈل غەربنىڭ ئاممىباب مۇزىكىلىرىغا(popular music) زور تەسىر كۆرسەتكەن، يەنە جەز، رېزىم بلۇز، روكنرول، بلۇگىراس، ھىپ-ھوپ ۋە باشقا ئاممىباب مۇزىكىلارنىڭ يىلتىزىغا ئايلانغان.
       بلۇزنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر مەلۇمات يوق، ئادەتتە 1870-يىللاردىن 1900-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بارلىققا كەلگەن دەپ قارىلىدۇ. شۇ چاغدىكى مەمفېس بلۇزىنى  ئېجاد قىلغۇچى ۋېلىيام كىرېستوفىر خەندي بىلۇسنىڭ  چالغۇلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە سېمفونىيەلىك ئوركىستىرلاشتۇرۇش قاتارلىق تۆھپىلىرى بىلەن بلۇزنى ئاممىبابلاشتۇرغان. شۇڭا ئۇ «بلۇزنىڭ ئاتىسى» دىگەن نامغا مۇيەسسەر  بولغان.
        بلۇز دىگەن بۇ سۆزنى ئافرىقىلىقلارنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى كۆك ئالۋاستىغا باغلاشقا بولىدۇ، قارامتۇل كۆك رەك غەربى ئافرىقىدا چۈشكۈنلەشكەن روھ، قايغۇ ۋە ئازابقا سىمىۋۇل قىلىنىدىغان بولغاچقا دەسلەپتىلا ئازاپلىق ئىپادىلەر بىلەن تونۇلغان گىتار ئۇسلۇبى بىلۇس دەپ ئاتالغان. بىلۇس سۆزىنىڭ مۇزىكا بىلەن ئەڭ دەسلەپكى باغلىنىشىنى جىئورجى كولمان(george colman)نىڭ 1798-يىلى ئورۇنلانغان ئېپىزوتى كۆك ئالۋاستىدىن تېپىشقا بولىدۇ. بىلۇس سۆزى بۇ ئېپىزوتتا جۆيلۈش ۋە ساقچى دىگەن سۆزلەرنىڭ ئورنىغا سىمۋۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. گەرچە بىلۇس سۆزى ئافرىقىلىق-ئامېرىكا مۇزىكىلىرىدا ئشلىتىلىپ كېلىۋاتقىنىغا ئۇزاق بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ   1912-يىلى  خارىت ۋاند( hart wand)نىڭ داللاس بىلۇزى(dallas blues) بىرىنچى قېتىملىق نەشىر ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بلۇز  ئېجادىيىتى  بولۇپ قېلىشى  بىلەن  ھەقىقى رەسمىيلەشكەن. تېكىسلەردە بۇ سۆز دائىم دېگۈدەك قايغۇلۇق كەيپىياتنى ئىپادىلەيدۇ.
     بۇ يەردە بىر قانچە خۇسۇسىيەتلەر بارلىق بلۇزغا ئورتاق، چۈنكى بۇ ئۇسلۇب ئۆزگىچە بولغان ئورۇنلاش ئالاھىدىلىكىدىن شەكىللەنگەن. قانداق بولمىسۇن بلۇزنىڭ بەزى بىر خۇسۇسىيەتلىرى ھازىرقى زامان بلۇزى ئېجاد قىلىنىشتىن  ئۇزۇن زامانلار بۇرۇن پەيدا بولغان.
    دەسلەپكى بلۇزدەك مۇزىكىلار بولسا چاقرىق-جاۋاب جىرلىرى بولغان بولۇپ بىر خىل فۇنكىسيىلىك ئىپادىلەشنى بىلدۈرگەن. بۇ دېگىنىمىز بىر خىل تەڭكەش ۋە خارمونىكىدىن خالى بولغان، قىسمەن مۇزىكا قۇرۇلما قېلىپلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان شەكىلنى كۆرسىتىدۇ.بۇرۇنقى بىلۇس  شەكلى بولسا قۇللار ئېتىزىدىن ئاڭلىنىدىغان جىر ۋە توۋلاشلار ئىدى، كېيىن " ھىسى تەركىبلەرگە تولغان يالغۇز كىشلىك ناخشىا"غا كېڭەيگەن.  بۈگۈنكى كۈندىكى بلۇز بولسا ئاۋاز بىلەن گېتارنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشغا ئۆزگەرگەن، ياۋرۇپانىڭ خارمونىكىلىق قۇرۇلمىسى ۋە ئافرىقىنىڭ چاقرىق-جاۋاب ئەنئەنىسىنى ئاساس قىلغان مۇزىكا ئۇسلۇبى دەپ قارىلىدۇ.
 بلۇزنىڭ نۇرغۇن تەركىبلىرىنى ،يەنى چاقرىق-جاۋاب ۋە كۆك ئاھاڭنىڭ ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلارنى ئافرىقا مۇزىكىسدىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ. كيىنىچىرەك بلۇز ئۆزىگە ئېفيوپىيە ھاۋاسى، مەددالىق، قاراتەنلىكلەرنىڭ روھانى مۇزىكىلىرىدىن تەركىبلەرنى يېققان، بۇلار يەنە چالغۇلۇق ۋە خارمونىكىلىق تەڭكەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنى بىلۇز مۇزىكا ئۇسلۇبىنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك نامايەندىلىرىدىن بولغان لېد بېللىي (lead belly)ۋە ھىنىرى توماس(henry thomas)لارنىڭ مۇزىكىلىرىدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ.  تونېك 1 (tonic), سۇبدومېنانت4(subdominant) , دومېنانت ئاكورىت5(dominant chord) لەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن 12، 8 ۋە 16كىچىك بۆلەكلىك قۇرۇلمىلار شۇ چاغدىكى ئورتاق قوللىنىلىدىغان شەكىلگە ئايلانغان.
      بلۇزنىڭ دەسلەپكى تېكىسىت شەكلى ئاساسەن تاق لېنىيىلىك بولۇپ تۆت قىېتىم قايتىلىناتتى. پەقەت كېيىنچە  ھازىرقى ناھايتتى ئوموملاشقان قۇرۇلما، يەنە  بىر  لېنىيە بىر قېتىم قايتىلىنىدىغان كەينىدىن تاق لېنىيىلىك خاتىمە ئەگىشىپ كېلىدىغان شەكىل ئۆلچەمگە ئايلانغان. بۇ لېنىيىلەر دائىم مىلودىيەگە قارىغاندا رېتىملىق گەپ قىلشقا ئوخشاشىراق ئېتىلاتتى. بلۇز كۆپ ۋاقىتلاردا ئەركىن بايان قىلش ئۇسۇلىنى تاللايتتى. ناخشىچى دائىم ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيانىڭ رەھىمىسىز رىئاللىقىدىن پەيدا بولغان ئازاپلىرىنى بايان قىلاتتى، مۇھەببەتتىن ئايرىلىش، بىر ساقچىنىڭ ۋەھشىلىكى،بىر ئاق تەنلىكنىڭ قول ئاستىدىكى بېسىم ۋە ئېغىر كۈنلەرگە ئوخشاش ۋەقەلەر تېما قىلىناتتى. گەرچە بلۇز  بىر خىل ئازاپ ۋە ئېزىلىشنى ئەسلەتسىمۇ لېكىن   بەزى چاغلاردا قىزىقارلىق ۋە شەھۋانى مەزمۇنلارغا ئېگە بولۇپ قالىدۇ....
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 482 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01