دادائىزىم=达达主义=dadaism

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

دادائىزىم=达达主义=dadaism 

      دادائىزىم سەنئەت ھەركىتىى 1916-يىلدىن 1923-يىل ئارلىقىدا فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە شىۋىتسارىيىدە ئېلىپ بېرىلغان بىرخىل رەسساملىق سەنئىتى. دادائىزىم بىرخىل ھاكىميەت بولمىغان سەنئەت ھەركىتى، ئۇ، ئەنئەنىۋى بولغان مەدىنيەت ۋە ئېستىتىكا شەكلىنى بىكار قىلىپ ھەقىقى رېئاللىقنى تېپىشقا ئىنتىلدۇ. دادائىزىمنى بىر تۈركۈم ياش سەنئەتكارلار ئۇرۇشقا قارشى زاتلار رەھبەرلىك قىلغان. ئۇلار گۈزەللىك ئەسەرلىرىگە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پرولتارىيات قىممەت قارشى ۋە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا بولغان ئۈمۈدسىزلىكلىرىنى ئىپادىلىگەن. دادائىزىممنىڭ باياناتچىسى چالا باياناتنامىدە دادائىزىمغا تەبىر بېرىپ مۇنداق دىگەن: «بۇ چىدىغىلى بولمايدىغان ئازاپنىڭ ئاھۇ-زارى، ئاسارەت، زىدىيەت ۋە بىمەنىلىكلەرنىڭ ئارلاشمىسى، مانا بۇ ھاياتلىق. »
دادائىزىم 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپادا پەيدا بولغان پرولتارىياتنىڭ سەنئەت ئېقىمى. بىرىجى دۇنيا ئۇرىشىدا ئۇ ئالدى بىلەن شىۋىتسارىيىدە پەيدا بولغان. 1919-يىلى فىرانسىيە پارىژدا «دادا» گۇرۇھى قۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن دادائىزىم ئېقىمى ئاستا-ئاستا شەكىللەنگەن.
     دادائىزىم بارلىق شەيئىلەرگە مەۋجۇت بولماسلىق(يوقلۇق) نەزىرىدە قارايدۇ. ئۇلار دائىم پاسكالنىڭ مۇنۇ بىر جۈملە سۆزى بىلەن ئۆز مەقسەتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. « مەن ھەتتا ئالدىمدا باشقا بىرسىنىڭ بارلىقىنى بىلىشنىمۇ خالىمايمەن». دادائىزىمچىلارنىڭ ھەركەت مىزانى بولسا : بارلىق نەرسىلەرنى ۋەيران قىلىش . 1921-يىلى پارىژدىكى بىرقىسىم سىتىيۇدېنتلار دادائىزىمغا ۋەكىلىك قىلدىغانلارنى تۇتىۋىلىپ سېينا دەرياسىغا تاشلاپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ ئۆزلىرىنىڭ دادائىزىمغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. 1923-يىلى دادائىزىم ھەركىتىنىڭ بەربات بولغانلىغىنى جاكارلىغان.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 9:36:07]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 598 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01