بۆرەكنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

      مېدىتسىنادا دوختۇرلار بۆرەكنى ھاياتلىق ئىشىكى دەپ ئاتايدۇ. چۈنكى بۆرەك ئادەم بەدىنىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىرقى زامان تىببى ئىلمىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، بۆرەك ئادەم بەدىندە ماددا ئلماشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ئادەم بەدىندىكى قان بېسىمنىڭ يۇقىرى -تۆۋەن بۇلىشى، قىزىل قان دانچىسىنىڭ ئاز-كۆپ بۇلىشى، سۆڭەكتىكى كالتسىيلىق تۇز ماددىلىرىنىڭ ئاز- كۆپ بۇلىشى بۆرەكنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاجىرلىپ چىققان ماددىلار تەرىپىدىن بەلگىلىندۇ.
بۆرەك شۇنچە مۇھىم ئىكەن، نىمە ئۈچۈن دەسلەپكى مەزگىلدىكى كىسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى ئاسانلىقچە سەزگىلى بولمايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق: ئىككى بۆرەك 3مىليون بۆرەك بىرلىكىدىن تەركىپ تاپقان، ھەربىر بۆرەك بىرلىكى مۇستەقىل ئىشلەش ئىقتىدارىغا ئىگە، ھەرقايسى بۆرەك بىرلىكى ئادەم بەدىنى ۋە بۆرەكنىڭ ئۆزىنىڭ رىفىلكىس سېستىمىسىغا تايىنىپ ئاڭلىق ئىشلەيدۇ، ۋەزىپىسى كۆپەيگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، كومپىناتسىيە قىلىدۇ. بۆرەك بىر مىنۇتتا 1.2 لىتىر قاننى سۈزۈپ تازىلايدۇ، بەش مىنۇتتا پۈتۈن بەدەندىكى قاننى بىر قېتىم سۈزۈپ بولىدۇ، ۋەزىپىسى ئېغىر، لېكىن بۆرەك بىرلىكى قايتا ئۆسمەيدۇ، بىرسى كاردىن چىقسا بىرسى ئازىيىپ مېڭىۋېرىدۇ، كومپىناتسىيە ئىقتىدارىنى يوقاتقاندا، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى بىلىندۇ. شۇڭا تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
 1. بۆرەكتە كىسەل يوق چاغدا بۆرەكنى ئاسراشقا دىققەت قىلىش كېرەك. بۆرەكتە كىسەللىك سېزىلگەندە، مەسىلەن، بەدەن ئىشىغاندا، قان بېسىمى يۇقىرى بولغاندا، سۈيدۈك يولى غىدىقلانغاندا، بەل ئاغرىغاندا، سۈيدۈكتىن كۆپ مىقداردا ئاقسىل ماددىلىرى چىقىپ كەتكەندە، قان ئازلىق، ماغدۇرسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە دەرھال دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈپ، ئاكتىپ داۋالىنىش كېرەك.
2. بىر قىسىم دورىلار بۆرەككە زىيانلىق ئىشلەتمەسلىك ئىمكانىيىتى بولسىلا ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
3.يىمەك- ئىچمەككە دىققەت قىلىش، مۇۋاپىق مىقداردا سۈپەتلىك ئاقسىل ماددىلىرىنى قۇبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
4. ئىشلەش بىلەن دەم ئېلىشنىڭ مۇۋاپىق بۇلىشى بۆرەكنى ئاسراشتىكى ئاچقۇچ.
5. ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە قاراپ بىر قىسىم يەڭگىل، يۇمشاق چېنىقىش ئۇسۇللىرىنى تاللاپ، ھەرىكەت بىلەن جىمجىتلىقنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 991 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01