ياۋا كەپتەر=野鸽=pigeon;dove

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ياۋا كەپتەر=野鸽=pigeon;dove

      كەپتەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ بىز دائىم ئۇچۇرتىدىغىنىمىز ئۆي كەپتىرى، ئۇنىڭ ئوخشاش تۈرى بولغان ياۋا كەپتەر ئاساسلىقى ياۋروپا، ئافرىقىنىڭ شىمالى ۋە ئاسىيا رايونلىرىغا كەڭ تارقالغان بۇلۇپ جوڭگودا ئاساسلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ شىمالى، غەربى ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلىقى 295-360 مىللىمىتېر، باش، بويۇن، كۆكرەك ۋە دۈمبە قىسىملىرى تاشقا ئوخشاش كۈلرەڭ دۈمبىسىنىڭ ئالدى تەرىپى ۋە ئالدى كۆكرەك قىسمى يېشىل، بىنەپشە رەڭلەردە يالتىراپ تۇرىدۇ. قانتىدا قارا رەڭلىك توغرىسىغا كەلگەن داغلار بار، ئۈستى دۈمبە قىسمى سۈس كۈلرەڭ قۇيرۇق قىسمى قېنىق كۈلرەڭ، پۇتلىرى قىزىل رەڭدە ئەركەك ۋە چىشىسى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. مىجەزى مۇلايىم، كۆكرىكىنى كېرىپ ماڭىدۇ. ئۇلار ئۇچۇشقا ئىنتايىن ماھىر. كۈندۈزى تۇخۇم باسىدۇ، تۇخۇم بېسىش ۋاقتى 14 كۈندىن 19 كۈنگىچە بۇلۇپ، بالىلىرىنى كەپتەر سۈتسىمان سۇيۇقلۇق ئارقىلىق باقىدۇ. بالىلىرى تۇمشۇقىنى ئانا كەپتەرنىڭ ئېغزىغا سېلىش ئارقىلىق ئوزۇقلۇققا ئىگە بولىدۇ. كىشىلەر كەپتەرنىڭ ئالاھىدە بولغان ئۇچۇش ماھارىتى ۋە ئۆز ئۇۋىسىنى تېپىپ كېلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا خەت-چەك توشۇش ئىشلىرىنى قىلدۇرىدۇ. ئۇ يەنە تىنىچلىقنىڭ سىموۋۇلى.

[hotanboy تەستىقلىدى . 2010-10-17 13:54:46]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1164 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01