ياپون مۈشۈكى=日本无尾猫=Japan cat

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ياپون مۈشۈكى=日本无尾猫=Japan cat

      ياپون مۈشۈكى پەقەت ياپونىيەگىلا تارقالغان، ئامېرىكىدا ئەتىۋارلىنىپ بازار تاپقان مىجەزى مۇلايىم، ئادەمگە ئامراق، ئەقىللىق بولغان داڭلىق ئەرمەك مۈشۈك. ياپون مۈشۈكى تۇنجى قېتىم ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيەگە كەلگەن مۈشۈكخۇمار بىر گېنېرال تەرىپىدىن بايقالغان بولۇپ، گېنېرال توشقانغا ئوخشاش قۇيرۇقى يوق مۈشۈكنى كۆرۈپ قۇيرۇقى كېسىۋېتىلگەن مۈشۈك ئوخشايدۇ دەپ قالغان ۋە كېيىن ياپونىيەدە بۇنداق قۇيرۇقى يوق مۈشۈكنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، قۇيرۇقى ئۇزۇن مۈشۈكلەرنىڭ ياۋا مۈشۈك دەپ قارىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ قىزىقىپ قالغان. ياپۇن مۈشۈكىمۇ ئاخبارات خەۋەرلىرى بىلەن تەڭلا تېزلىكتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا تارقالغان. ياپون مۈشۈكى ھازىر ياپونىيە تەرىپىدىن قايتىدىن ئېتىبارغا ئېرىشىپ دۆلەت ھايۋىنى سۈپىتىدە ئەتىۋارلانماقتا. ياپون مۈشۈكىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى قۇيرۇقىنىڭ زىيادە قىسقا ئىكەنلىكىدە بولۇپ بەدىنى ئادەتتىكى مۈشۈكلەردىن سېمىزراق، بۇرنى ئۇزۇنراق، كۆزى يۇمىلاق ۋە يوغان، قۇلىقى ئۈچ بۇرجەك شەكىلدە كېلىدۇ. (ئۆتكەن يىلى خۇالىندىكى ئەرمەك ھايۋانلار بازىرىدا بىرسى ئادەتتىكى مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىنى كېسىپ ياپون مۈشۈكى دەپ خېرىدارنى گوللاپ سېتىپ كېيىن تۆلەمدە قالغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم). ياپون مۈشۈكى باشقا ئاسىيا مۈشۈكلىرىگە ئوخشاشلا چاشقان تۇتۇش ماھىرى ئەمما، دەرەخكە يامىشىش ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس. ئارىلاش ئوزۇقلىنىدۇ. كۆپىيىشى ئادەتتىكى مۈشۈكلەرگە ئوخشاش يىلدا بىر قېتىم، 2دىن ئالتىگىچە بولىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 515 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01