خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق
چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەششوتلاندىيە مۈشۈكى=苏格兰猫=scottish cat
شوتلاندىيە مۈشۈكى دۇنيادا كەم تېپىلىدىغان، مىجەزى مۇلايىم، تارتىنچاق، ئەقىللىق بولغان داڭلىق ئەرمەك مۈشۈك. شوتلاندىيە مۈشۈكى تۇنجى قېتىم 1961-يىلى شوتلاندىيەدىكى بىر مۈشۈك فېرمىسىدا سىكاندىناۋىيە مۈشۈكى ئاسلانلىغان بىر جۈپ سالپاڭ قۇلاق ئاسلان بولۇپ دەسلەپتە كېسەل دەپ قارالغان, كېيىن بارا بارا ئېتىراپ قىلىنىپ تېزلىكتە دۇنيادىكى ئەرمەك ھايۋانلار بازىرىدا بىر نەچچە قېتىم مۇكاپاتلىنىپ قىممەت باھالىق مۈشۈكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. شوتلاندىيە مۈشۈكى ھازىر شوتلاندىيە ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۈردە مەبلەغ سېلىپ كۆپەيتىۋاتقان تۈر بولسىمۇ سانى بىر قەدەر ئاز بولغانلىقتىن تاپماق تەس، باھاسى يۇقۇرى.
شوتلاندىيە مۈشۈكىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى قۇلىقىنىڭ سالپاڭ ئىكەنلىكىدە بولۇپ بەدىنى ئادەتتىكى مۈشۈكلەردىن قىسقا ۋە پۇتلىرى تومراق، كۆزى چوڭ، بۇرنى ئىگىز، قۇيرۇقى قىسقا ۋە يۇمىلاق كېلىدۇ. ئارىلاش ئۇزۇقلىنىدۇ. تارتىنچاقلىقى ۋە پاكىزلىقى بىلەن داڭلىق(ئاڭلاشلارغا قارىغاندا شوتلاندىيە مۈشۈكى ئادەم بار يەردە تەرەت قىلمايدىكەن، ئەگەر خالى جاي تاپالمىسا تەرەت قىلالماي ئۆلۈپ قالىدىكەن).
شوتلاندىيە مۈشۈكى قىممەتلىك مۈشۈك بولۇپ، گىن تەتقىقاتىدىن ئىسپاتلىنىشىچە ئەڭ قەدىمى مۈشۈك نەسىللىرىدىن بىرى بولسىمۇ بىراق بەك كېچىكىپ بايقالغان. كۆپچىلىك كىشىلەر شوتلاندىيە مۈشۈكىنىڭ سوغۇققا ئامراقلىقى ۋە سوغۇققا ئىنتايىن چىداملىق ئىكەنلىكىگە قاراپ شوتلاندىيە مۈشۈكى شوتلاندىيەگە ئافرىقىدىن كېلىپ قالغان يېپىق قۇلاقلىق مۈشۈك بىلەن سىكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ سوغۇققا چىداملىق مۈشۈكىدىن تۆرەلگەن شالغۇت مۈشۈك دەپ قارايدۇ. ئەمما كېيىنكى چېتىشتۇرۇپ سىناشلاردا بۇ ئىككى خىل مۈشۈكتىن زادىلا شوتلاندىيە مۈشۈكىگە ئوخشايدىغان تۈر مۇۋەپپىقىيەتلىك يېتىشتۈرۈلمىدى.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1
>