تۈرك مۈشۈكى=土耳其猫=Turkish cat

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    تۈرك مۈشۈكى دۇنيادا نەسلى قۇرۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان،  سۇ ئۈزۈشنى ياخشى كۆرىدىغان، بېلىقنى ئاساسى يىمەكلىك قىلغان ئەلا نەسىللىك مۈشۈك بولۇپ، يىلدا بىر قېتىم 2دىن 6گىچە كۆپيىدۇ.  1955-يىلى ئەنگىلىيىلىكلەر تەرىپىدىن ئەرمەك مۈشۈك قاتارىدا تۇنجى قېتىم ئەنگىلىيەگە ئاپىرىلىپ يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەندىن بۇيان دۇنيادىكى ئىسىلزادىلەرلا ئېرىشەلەيدىغان ئەڭ قىممەتلىك ئەرمەك مۈشۈك بولۇپ تونۇلغان(ئالدىنقى يىللىق جۇڭگۇ ئەرمەك ھايۋانلار بازىرىدا بىر شالغۇت نەسىللىك تۈرك مۈشۈكى 371مىڭ سومغا سېتىلدى).
   تۈرك مۈشۈكىنىڭ بەدىنى مەزمۇت ۋە چوڭراق، قۇلىقى بىر قەدەر كىچىك كۆزى قوڭۇر ياكى كۆك رەڭدە، تۈكلىرى يۇمشاق ۋە قىسقا، قۇيرۇقى تۈلكە قۇيرۇقىسىمان بولۇپ، ساپ نەسىللىكلىرى ئاق رەڭدە بولىدۇ.
تۈرك مۈشۈكى مۇلايىم، ھەركىتى چاققان، ℃38سېلسىيەلىك سۇدا ئۈزۈپ ئويناشقا، ئەركىلەشكە ئامراق بولۇپ، ئەركىكىنىڭ كىندىكىدىن ئىپار ئېلىنىشى، سۈيدۈكىنىڭ تاتلىق پۇرىقى بىلەن ئىپار مۈشۈكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.   

    ھازىر دۇنيادا تەخمىنەن 200ئەتراپىدا ساپ نەسىللىك تۈرك مۈشۈكى قالغان بولۇپ بۇلارنىڭ يېرىمى تۈركىيەنىڭ ۋان كۆلىدە ياشايدۇ. شۇڭا تۈرك مۈشۈكى بەزىدە ۋان مۈشۈكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دۇنيادا تۈرك مۈشۈكىنى ئاسراش ۋە قوغداش ئۈچۈن تۈرك ۋان مۈشۈكى كۇلۇبى ۋە فوندى تەسىس قىلىنغان بولۇپ تور ئادرېسى:http://www.turkishvancatclub.co.uk

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 559 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01