پارىس مۈشۈكى=波斯猫=Paris cat

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

پارىس مۈشۈكى=波斯猫=Paris cat

      پارىس مۈشۈكى دۇنيادا كەڭ قالغان، مىجەزى مۇلايىم ۋە شوخ، ئىنكاسى تېز، ئىنتايىن ئەقىللىق، ئادەمگە يېقىن تۇرۇشنى بىلىدىغان داڭلىق ئەرمەك مۈشۈك بولۇپ، 16-ئەسىردە فىرانسىيە ئارقىلىق ئەنگىلىيەگە كىرىپ تەدرىجى دۇنياغا تارقالغان ۋە ئەسىرلەردىن بۇيان ياۋروپادا ئىسىلزادىلەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئەرمەك ھايۋانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن.
   ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ۋىكتورىيەنىڭ بىر جۈپ كۆك پارىس مۈشۈكى بار بولۇپ شۇندىن بۇيان ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ خان جەمەتىدە پارىس مۈشۈكى بېقىش باياشاتلىق ۋە غەلىبىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان.
   پارىس مۈشۈكىنىڭ يۇڭى ئۇزۇن ۋە قۇيۇق، پىلىدەك يۇمشاق ۋە پاقىراق بولۇپ ، ئىلگىرى تېرىسى ياۋروپادا ئىسىل شارپا ياسايدىغان ماتېرىيال ئىدى. پارىس مۈشۈكىنىڭ ئادەتتىكى مۈشۈكلەرگە سېلىشتۇرغاندا بېشى يوغانراق، پۇتى قىسقا، بۇرنى قىسقا ۋە پاناق، قۇلىقى كىچىك، كۆزى چوڭ ۋە كۆز ئارىلىقى يېقىن، قۇيرۇقى قىسقا ۋە يۇمىلاق كېلىدۇ. رەڭگى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ قىزىل رەڭلىكلىرى بىر قەدەر قىممەتلىك ھىساپلىنىدۇ، ئۆلچەملىك رەڭدىكىلىرىدىن باشقىلىرى، شالغۇت نەسىللىكلىرىنىڭ باھاسى تۆۋەن بولىدۇ. (قايسى كۈنى تېخى خۇالىندىكى ئەرمەك ھايۋانلار بازىرىدا بىر شالغۇت نەسىللىك قېرى بىر پارىس مۈشۈكىنى كۆردۈم، باھاسى 3000سوملۇق بۇ مۈشۈك گەرچە شالغۇت بولسىمۇ ئۇزۇن تۈكلىرى، ئويماق بۇرنى بىلەن ئۆزگىچە كۆرۈندى) .
    پارىس مۈشۈكى قىممەتلىك مۈشۈك بولۇپ، ئەسلى ئافغانىستاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى يۇڭلۇق مۇلۇنى بىلەن ئاناتولىيە ئىگىزلىكىنىڭ ئەنقەرە مۈشۈكىنىڭ ئەۋلادى دەپ قارىلىدۇ. پارىس مۈشۈكى يىلدا بىر قېتىم 2دىن 6گىچە كۆپىيىدۇ. يىمەك ئىچمەك ۋە باشقا ئادەتلىرى ئۆي مۈشۈكى بىلەن ئوخشاش.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 363 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01