بۈركۈت=Eagle

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

بۈركۈت 

    بۈركۈت ئومۇرتقۇلۇق ھايۋان تۈرىگە يىرتقۇچ  قۇش ئائىلىسىگە  مەنسۈپ، ئاغزى ئەگىمەش ئۇچلۇق كەلگەن، قاناتلىرى چوڭ، ئىككى پۇتى ناھايىتى   كۈچلۈك بارماقلىرىدا ئىنتايىن ئۆتكۈر تىرناقلىرى بار بولغان ۋەكىل خاراكتىرلىك قۇش تۈرى بولۇپ نۇرغۇن دۆلەتلەر بۈركۈتنى دۆلەت قۇشى دەپ ھىسپلىغان    بەزى دۆلەتلەر ھەتتا بۈركۈتنى دۆلەت گىرىبى ۋە بايرىقىغا چۈشۈرگەن. بۈركۈت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، مۆتىدىل بەلباغدا       تۈرلىرى ۋە سانى كۆپ. ئادەتتە تاغ جىلغىلاردا، گاھى دەريا- دېڭىزلاردا يىمەكلىك ئىزدەيدۇ. تۈرىنىڭ ئوخسىماسلىقىغا ئاساسەن يىلان، بېلىق، چاشقان، كىچىك قۇشلارنى بەزىلىرى بۆكەن، ياۋا كالا قاتارلىق چوڭ ھايۋانلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.

    بۈركۈت بىر قېتىمدا بىردىن ئۈچكىچە تۇخۇم تۇغىدۇ. بۈركۈتنىڭ تۈرلىرى كۆپ بۇلۇپ كىچىكلىرى كەپتەردىن سەل چوڭ، چوڭراقلىرى خورازدىن نەچچە ھەسسە چوڭ كېلىدۇ. بۈركۈتنىڭ باشقا قۇشلارغا ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەر بار.  بىر قەدەر چوڭ ھىساپلىنىدىغان ئامېرىكا ئاقباش بۈركۈتىنىڭ يېتىلگەنلىرىنىڭ  تېنىنىڭ ئۇزۇنلىقى 56 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، قانتىنىڭ ئۇزۇنلىقى 417-465 سانتىمېتىرغىچە، بەدەن ئېغىرلىغى 6-10 كىلوگىرامغىچە بولىدۇ. بىر قېتىىمدا بىردىن ئۈچكىچە تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمنىڭ تېگى ئاق قوڭۇر رەڭ چېكىتلەر بار، تۇخۇم بېسىش ۋاقتى 38 كۈن، بۈركۈت بالىلىرىبىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ، ھەتتا بىر-بىرىنى يەۋىتىدۇ.

ئەڭ تىپىك بۈركۈت: ئامېرىكا دۆلەت قۇشى- ئاقباش بۈركۈت

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 19:06:14]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 449 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01