ئافرىقا پىلى=非洲象=loxodonta africanna

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 

    ئافرىقا پىلى ئامرىكا تەرىپىدىن ھالاكەتكە يۈزلەنگەن ھايۋانلار قاتارىغا  CITES  (ھالەكەتكە يۈزلەنگەن ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش خەلقىئارا ئەھدى تەشكىلاتى) تەرىپىدىن بىرىنجى دەرىجىلىك قوغدىلدىغان ھايۋانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.  بىراق زىمبابۈۋى، بوتسىۋانا، نامبىيە 3 دۆلەتتە ئافرىقا پىلى قايتىدىن ئىككىنجى دەرىجىلىك قوغدىلدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزىلدى.
   تارىختا ئافرىقا پىلى سەھرايى كەبىر چۆللۈكىنىڭ جەنۇپ تەرىپىگە تارقالغان بۇلۇپ، ئىنسانلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى دىھقانچىلىق يەرلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئافرىقا پىللىرىنىڭ ياشاش مۇھىتى پەقەت دۆلەت باغچىلىرى، ۋە بىر قىسىم قوغدىلدىغان ئورمانلارغىلا مەركەزلىشىپ قالغان.  ئافرىقا پىلىنىڭ يېتىلگەنلىرى ناھايتى كۈچلۈك كېلىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى 4 توننىدىن يۇقىرى بۇلۇپ چوڭلىرى 10 توننىغا يېقىنلىشىدۇ. ئافرىقا پىلى قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ چوڭ سۈت ئەمگۈچى ئوتخۇر ھايۋان بۇلۇپ، ئاساسەن ھەرخىل ئوتلارنى دەرەخ ئۇچىدىكى يوپۇرماقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.  ئانا پىلنىڭ قورساق كۆتۈرۈش ۋاقتى 22 ئاي،(سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن) 4-9 يىلدا بىر قېتىم بىرنىلا تۇغىدۇ، بالا پىلىنىڭ ئېغىرلىقى 75-113 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولىدۇ،3-4 ياشقا كىرگىچە ئانىسىنىڭ سۈتىنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، 8-10 يىل ئانىسى بىلەن ياشايدۇ. يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ئافرىقا پىلى 2 تۈرگە بۆلىندۇ، بىرخىلى ئوتلاق پىلى يەنە بىر خىلى ئورمان پىلى . كۆپ ئۇچرايدىغان ئافرىقا ئوتلاق پىلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، قۇلىقى ناھايتى يوغان بۇلۇپ پەسكە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، مەيلى ئەركەك ئافرىقا پىلى بولسۇن ياكى چىشىى ئافرىقا پىلى بولسۇن ئىككىسىدىلا ئۇزۇن ۋە ئەگىمەش كەلگەن پىل چىشى بولىدۇ. مىجەزى قوپال بۇلۇپ باشقا ھايۋانلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئافرىقا ئورمان پىلىنىڭ قۇلىقى يۇمىلاق تېنى بىر قەدەر كىچىك، ئادەتتە ئېگىزلىكى 2.5 مېتىر دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئالدى پۇتىدا 5 بارمىقى كەينى پۇتىدا 4بارمىقى بار بۇلۇپ ئاسىيا پىلى بىلەن ئوخشاش، ئافرىقا ئورمان پىلى بىلەن ئوتلاق پىلىنىڭ ئوخشىمىغان ئىرسىيەت ئامىلى بار، ھەم ئىككىسى ئوخشاش ئۇرۇققا مەنسۈپ ئەمەس. ئورمان پىلى قۇملۇقتا ياشاشقا تېخىمۇ ماس كەلگەن.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 430 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01