ھالقىما رېئالىزىم=超现实主义=surrealism

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    ھالقىما رېئالىزىم فىرانسىيەدە پەيدا بولغان، دادائىزىمدىن كېلىپ چىقىپ 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋروپادا گۈللەنگەن ئەدەبىيات سەنئەت ئېقىمى بولۇپ،  1924-يىلى فرانسىيىدە پەيدا بولۇپ، تېزلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى رەسىم، ئەدەبىيات، مۇزىكا، ھەيكەلتاراشلىق، مىمارچىلىق، فوتو سۈرەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەرگىچە كېڭەيگەن ۋە ئومۇملاشقان سۈررېئالىزم (ئۈسترېئالىزم ياكى ئولترا رېئالىزم) ماھىيەتتە ئەڭ دەسلەپ رەسسساملىقتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان، كېيىنچە ئەدەبىيات ساھەسىدە رەسساملاردىن ئىلھام ئېلىپ ئەدىبلەرمۇ «ئىنقىلاپ خاراكتېرلىق» ئەدەبىي ئۆزگىرىش ياسىغانىدى.
   ھالقىما رېئالىزىمچىلار  فروئدنىڭ تەسىرىدە، چۈش ئاڭسىزلىق ۋە يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ بىۋاسىتە ئىپادىلىنىش شەكلى، تەبىئىي ئىقتىدارنىڭ ئەقىلىنىڭ كونتىروللۇقىغا پۈتۈنلەي ئۇچرىمىغان چاغدىكى بىر خىل قېنىشى، ئۇ ئادەم قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرىدىكى، پىنھان ماھىيەتنى ئۈزۈل - كېسىل ئاشكارىلايدۇ، دەپ قارىغان بىر خىل پەلسەپە ۋە ئەدەبى ئېقىم بولۇپ ئۇلارنىڭ قارىشىچە، چۈش ئەڭ چىن، ئەڭ مول ۋە مەنىلىك بولىدۇ. پەقەت چۈش ئارقىلىقلا، ئادەم جەمئىيەتنىڭ توسالغۇلىرىدىن قۇتۇلۇپ ئىپتىدائى كۈچلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلالايدۇ، ئەقىل ئارقىلىق ئىگىلىگىلى بولمايدىغان ھالقىما رېئاللىق نى تونۇيالايدۇ، ئۆزلۈك نى ئازاد قىلىپ، جىسمانىي تۇيغۇدىن ھالقىغان مەنزىلگە ئېرىشىپ، ئوبيېكتىپ دۇنيادىن ھالقىغان ھالدا، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ۋە دۇنيانىڭ ئىچكى مەخپىيىتىنى ئىگىلەپ، كەلگۈسى دۇنياغا تۇتىشىدىغان يول بىلەن سېھىرلىك ھالقىما رېئاللىق دۇنياسىغا يېتىپ بارالايدۇ.
    ئۇلار يەنە مۇنداق قارىغان: چۈش قەلبىنىڭ ئاپتوماتىكلىقى نى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ، ئۇ ھەممىگە قادىر، شۇڭا، ئاپتۇر ئۆزى قەلبىنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ ئۆز ئىدىيىسىنىڭ مەنبەسىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭ سېھرلىك ئاۋازىنى ئاڭلىشى، چۈشنى كۆرگەن ۋە ھېس قىلغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئەينى خاتىرىلىۋېلىشى، چۈشلەرنى بايان قىلىشى لازىم. چۈش پارچە - پۇرات، قالايمىغان لوگىكىسىز ۋە سەۋەب - نەتىجىسىز بولسىمۇ، يەنىلا (ھالقىما تۇرمۇش) نى بىۋاسىتە ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ، شەخس بىلەن تاشقى دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى  ھەقىقىي  باشلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ. شۇڭا، ھالقىما رېئالىزىمچىلار ھەر خىل چۈشلەرنى تەتقىق قىلغان، توپلىغان، ئۆز ئەسەرلىرىدە چۈشلەرنىڭ ئەينەن خاتىرىسىنى كۆپلەپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئادەمنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىشقا تىرىشقان. ئىدىيسىنڭ مەنبەسىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭ سېھىرلىك ئاۋازىنى ئاڭلىشى، چۈشنى كۆرگەن ۋە ھېس قىلغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئەينى خاتىرلىۋېلىشى، چۈشلەرنى بايان قىلىشى لازىم. چۈش پارچە - پۇرات، قالايمىقان لوگىكىسىز ۋە سەۋەب - نەتىجىسىز بولسىمۇ، يەنىلا ھالقىما تۇرمۇش نى بىۋاسىتە ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ، شەخس بىلەن تاشقى دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقىي باغلىنىشنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ. شۇڭا، ھالقىما رېئالىزىمچىلار ھەر خىل چۈشلەرنى تەتقىق قىلغان، توپلىغان، ئۆز ئەسەرلىرىدە چۈشلەرنىڭ ئەينەن خاتىرىسىنى كۆپلەپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئادەمنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىشقا تىرىشقان.

       ھالقىما رىئالىزىمنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى تىپىك ۋەكىللىرى فىرانسىيىلىك يازغۇچى روسسۇ(H.T.Rousseau)، جوئان مىرو (joan miro)، سالۋادور (salvador dali)،ئېرنىست(m.ernst)، ماگىرىتې (r.magritte)  قاتارلىقلار بولۇپ مىرونىڭ «قۇشقا تاش ئاتقان ئادەم»، «گوللاندىيە پاسونىدىكى ئۆي ئىچىدە» جوئان مىرونىڭ « مەڭگۈلۈك خاتىرە»، «قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ئالدىن سەزگۈ» قاتارلىقلار ھالقىما رىيالىزىمنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى ھىساپلىنىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 335 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01