كەرەپشە=芹菜=celery

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    كەرەپشە كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق  سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ،  يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى تۇخۇم شەكلىدە، يوپۇرماق سېپى توم ۋە چوڭ بولۇپ، رەڭگى ئاق سېرىق ۋە يېشىل كېلىدۇ؛ گۈلى ئۇششاق ئاق، مېۋىسى ياپىلاق بولىدۇ.
كەرەپشە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، گاھىدا يوپۇرمىقى، يىلتىزى ۋە ئۇرۇقى دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
كەرەپشە ياش ھالىتىدە كۆتىكى ئېلىۋېتىلىپ كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. پىشقاندا پۈتۈن چۆپى، ئۇرۇقى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ دورا ئۈچۈن قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى:    ئىككىنچى دەرىجىدە  قۇرۇق ئىسسىق.
كەرەپشىنىڭ خۇسۇسىيىتى:    توسالغۇلارنى ئېچىش، يەل تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.ئىشلىتىش مىقدارى  ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغان بالىلارغا 3 ~ 6 گرام،  5 ~ 10 ياشقىچە بولغان بالىلارغا 7 ~ 10  گرام،  10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا  10 ~  15 گرام  ياكى 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

كەرەپشە تەركىبلىك رېتسېپلار  
كەرەپشە ئۇرۇقىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە،  دەم سىقىلىش، بېقىن ئاغرىقى، ئىچكى ئەزانىڭ سوغۇقلۇقىنى پەسەيتىپ، قۇسۇش،  ئۈچەينىڭ ئېچىشىشى، قورساق ئاغرىقى، ئىشتىھاسىزلىق ۋە بەدەن ئاجىزلىقلىرىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
كەرەپشىنى قاينىتىپ،  ئانار سۈيى ۋە  شېكەر بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، زەھەر ئىچىشتىن كېلىپ چىققان زەھەرلىنىشلەرنى قايتۇرىدۇ.
كەرەپشىنىڭ  يوپۇرماق ۋە يىلتىزىنى  قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە،  زەھەر قايتۇرىدۇ، قوقاق قاتارلىق ئېغىز ئەتراپى ياللۇغلىرىنى قايتۇرىدۇ.
كەرەپشىنى  ئەدەس بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، قۇستۇرۇپ، زەھەر تەسىرىنى يوقىتىدۇ.
كەرەپشىنى  ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا،  ھەرخىل تېرە كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كەرەپشىنى  گۈڭگۈرت پوقى، قارا توغرىغۇ، نۆشۈدۈر بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، سۆگەلنى ۋە  ئۇنىڭ ئورنىدا قالغان داغنى چۈشۈرىدۇ.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 492 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01