ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئاسۇرىيە ئىمپىرىيىسى(مىلادىدىن بۇرۇنقى 20-ئەسىر)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئاسۇرىيە ئىمپىرىيىسى(مىلادىدىن بۇرۇنقى 20-ئەسىر)

   ئاسۇرىيە ئەسلىدە بابىلنىڭ شىمالىي تەرىپدىكى بىر كىچىك دۆلەت بولۇپ، دەجلە دەياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدىكى ھازىرقى كۇردىستان بىلەن ئوتتۇرا دېڭىز تۇتىشىدىغان جايغا-ھازىرقى سۈرىيەنىڭ شىمالى قىسمىغا توغرا كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان.
     ئاسۇرىيەمىلادىدىن 2000 نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى مىسىرلىقلارنىڭ تەسىرىدە مەدەنىيەت قوبۇل قىلىپ دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 8 - ئەسىرگە كەلگەندە ھەربي تەلىم _ تەربىيىنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە قورال- ياراقنىڭ ئۈزۈكسىز ياخشىلىنىشى ئارقىسىدا شۇ زامانلاردىكى «دۇنياۋى» (غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز رايونلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) كۈچلۈك ھەربىي دۆلەت بولۇپ قالغان. ئاسۇرىيە مىلادىدىن ئىلگىرى 742-يىلى كىچىك ئاسيا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى بېسىۋالغان مىلادىدىن ئىلگىرى 732 - يىلى سۈرىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ پايتەختى دەمەشقنى ماھاسىرە قىلىۋالغان.  مەنچاناق ۋە سېپىل بۇرغىسى ئسۇرىيىلىكلەرنىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ شۇ چاغدا ئاسۈرىيە قوشۇندىلا بار بولغان ھۇجۇم قورالىبولۇپ قالغان.  مەنچاناق يوغان ياغاچ سىۋەت ياسىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە ئالاھىدە ياسالغان ئىككى ئايلانما تەخسە بار قويۇلۇپ، ئۇنىڭغا ئات يايلى ۋە كاۋچۇك دەرىخى قوۋزىغىدىن ئىشلىگەن ئاغامچە ئۆتكۈزۈلۈپ كۇچەپ تارتىدىغان بولسا، يوغان _ يوغان تاشلارنى ۋە كويۇپ تۇرغان ماي تۇڭلىرىنى ئاتقىلى بولىدىغانقورال بولۇپ ئەينى دەۋرنىڭ زەمبىرىكى دىيىشكە بولاتتى.   
    «سېپىل بۇرغىسى» چوڭ قاسقان شەكلىدە بولۇپ، ئاستىغا تۆت دانا چاق ئورنىتىلغان، ئالدى تەرىپىگە ئېغىر ھەم توم چوڭ مىس بازغان ئورنىتىلغان. چوڭ مىس بازغاننىڭ ئۇچى ئۇچلۇق تاسما بىلەن تارتىپ قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن ياغاچنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن سېپىلنى بۇزىدىغان ئىسىل قورال بولغان. قورال ئۈسۈتنلىكى ۋە ئۇزۇن يىللىق ھاكىمىيەت تەرىپىدىن يىغىلغان بايلىق ئاسۇرىيەلىكلەرنى ئۇرۇش ئۈستۈنلىكىگە ئىگە قىلغان. ئاسۇرىيە ئەسكەرلىرى بارغانلا يېرىدە باشقا خەلقنى ۋەھشىلىك بىلەن قىرغان: ئەسىرلەرنىڭ باشلىرىنى مىجىۋەتكەن بۇيۇنلىرىنى كېسىپ تاشلىغان پۇخرالارنىڭ ئۆي _ جايلىرىنى كۆيدۇرۋەتكەن، مال - مۈلكىنى بۇلاپ كەتكەن، بالا - ۋاقىلىرىنى ئەسىرگە ئېلىپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بېسىۋېلىنغان جايدىكى ئالتۇن- مىس، پىل چىشى ۋە باشقا قىممەتلىك بۇيۇملارنى ھارىۋىلارغا بېسىپ ئاسۇرىيىگە ئېلىپ كەتكەن.
    ئاسۇرىيە قوشۇنلىرى ھارىۋىلىرىنى غۇيۇلدىتىپ ھەيدەپ، ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىگەن. ئۇرنىڭ ھەربى يۈرۈشى ناھايىتى تېز بولغان، ھەتتا دەريالاردىن ئۆتكەندىمۇ قىينالمىغان، ئۇلار يەل بېرىلىگەن تۇلۇملار بىلەن دەريادىن ئۆتۈشكە ماھىر بولغاچقا، بۇنداق تۇلۇملارنى بىر - بىرىگە چېتىپ، ئۇلارنى بۇ قىرغاقتىن ئۇ قىرغاققىچە قاتار تىزىپ، ئۈستىگە شاخ - شۇمبا ياتقۇزۇپ ھەربى ئاسما كۆۋرۈك ياسىغان، بۇنداق كوۋرۈكتىن ھەتتا ئۇرۇش ھارىۋىلرىمۇ ئۆتەلىگەن. ئاسۇرىيە پادىشاھى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغىلى ئونىمىغان دۆلەتلەردىن ئىنتايىن دەھشەتلىك ئۇسۇللار بىلەن ئىنتىقام ئالغان. ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، پادىشاھ دائىم ئەسىرگە ئېلىنغان تۆت پادىشاھ سۆرىگەن ئىككى چاقلىق ھارۋىغا ئولتۇرۇپ، ئۆز پايتەختىنى ئايلىنىپ چىققان. كوچىلارغا ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن ئاقسوڭەكلىرى سولانغان قەپەزلەرنى كۆرگەزمە قىلىپ قويغان. شۇڭا ئاسۈرىيە قوشۇنلىرى يېتىپ كېلىش بىلەن نۇرغۇن دۆلەتلەر دەرھال تەسلىم بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 729 -يىلى ئاسۇرىيە پۈتۈن بابىلنى بېسىۋالغان.
    ئاسۈرىينىڭ مۇستەبىت پادىشاھى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋارىسى مىلادىدىن ئىلگىرى 671- يىلى مىسىرنى، مىلادىدىن ئىلگىرى 639- يىلى ئىران ئىگىزلىكىنى بېسىۋالغان. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئاسۈرىيە  شۇ زامانلاردا دۇنيادا ئەڭ قۇدرەتلىك بولغان ئىككى مەدىنى دۆلەتنىڭ -مىسىر بىلەن بابىلنىڭ پۈتۈن زىمىنىنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان، شۇنڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەتراپتىكى رايونلارغا كېڭىيىپ، شىمالدا كاۋكاز تاغ تىزمىلىرىدىن جەنۇپتا نىل دەرياسى ۋادىسىغىچە، شەرقتە پىرسيە بۇغىزىدىن غەرىپتە ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان شۇ ۋاقىتتىكى پۈتكۈل مەدەنى دۇنيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسۇرىيە ئىمپىرىيىسنى قۇرغان.
    بىراق، سىرتقا قارىتا دەھشەتلىك تۇردە بۇلاڭچىلىق  سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش، ئىچكى جەھەتتە ئەمگەكچىلەرنى قۇل قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان ئاسۈرىيە ھەربى ئىمپىرىيىسى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئانچە ئۇزاققا داۋاملاشتۇرالمىغان. 100 يىلغا يەتمەيلا ئاسۈرىيە بويسۇندۇرۇۋالغان بىر مۇنچە دۆلەتلەر ئارقا- ئارقىدىن قوزغىلىپ قارىشىلىق كۆرسىتىپ، ئارقا -ئارقىدىن ئاسۈرىيە  ئىمپىرىيىسىنىڭ تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتكەن ئاسۈرىينى قالايمىقانچىلىق باسقان. مىلادىدىن ئىلگىرى 612 - يىلى ئىران ئىگىزلىكىدىكى مېدىيە بىلەن ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى بابىل بىرلەشمە ئارمىيىسى ئاسۈرىيەنىڭ پايتەختى نىنېۋېنى ئاشغال قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بىر مەھەل دەۋران سۈرگەن ئاسۈرىيە ئىمپىرىيىسى ئاخىر ھالاك بولۇپ قايتا باش كۆتىرەلمىگەن. ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئاستا-ئاستا باشقا مىللەتلەرگە ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەن.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 9:40:04]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 453 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01