بەلۇجىلار

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   بەلۇجىلار

    بەلۇجىلار پاكىستان، ئافغانىستان ۋە ئىراننىڭ بەلۇجىستان دەپ ئاتىلىدىغان ئۆلكىلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى ئومان يېرىم ئارىلىى بىلەن ھورمۇز بوغۇزى ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدىغان  غەربىي ئاسىيا ۋە جەنۇبى ئاسىيا چېگرىلىنىدىغان سىتراتىگىيىلىك زىمىندا ياشىغۇچى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى. بەلۇجىلار ئاھالىسىنىڭ 71 پىرسەنتى پاكىستاننىڭ بەلۇجىىستان ئۆلكىسىدە (3 مىليون 500 مىڭ نوپۇس بولۇپ ئۆلكە ئاھالىسنىڭ 37%نى ئىگەللەيدۇ )، 23 پىرسەنتى ئىراننىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى پاكىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان شىستان بەلۇجىستان ۋە شۇنىڭغا چېگرىداش بەندەر ئابباس، جەنۇبى خۇراسان ئۆلكىلىرىگە  ئۆلكىسىدە (ئىككى مىلىيۇن 500مىڭ نوپۇس بولۇپ شىستان بەلۇجىستان ئۆلكىسىدە ئۆلكە ئاھالىسىنىڭ 90%نى ئىگەللەيدۇ)، ئافغانىستاننىڭ ئىران ۋە پاكىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان نىمرۇز ئۆلكىسىگە(ئۆلكە ئاھالىسىنىڭ 58%نى ئىگەللەيدۇ) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بەلۇجىلار ئولتۇراقلاشقان يۇقارقى زىمىنلار بىرلەشتۈرۈلۈپ بۈيۈك بەلۇجىستان دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە  يەنە ئوماندا 400مىڭدىن كۆپرەك، ھىندىستان، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە تۈركمەنىستاندىمۇ ئاز ساندا بەلۇجىلار بار. بەلۇجىلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 8 مىليوندىن كۆپرەك.
    بەلۇجىلار ياۋرۇپا ئىرقىنىڭ ئىران تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسى غەربى تىل تۈركۈمىگە تەۋە بەلۇجى تىلىنى قوللىنىدۇ(بەلۇجى تىلى كۇرد تىلى بىلەن ئەڭ يېقىن)، ھازىر پاكىستاندىكى بىر قىسم بەلۇجىلار سىندى ياكى پەنجاپ تىلىنى، ئىراندىكىلىرى پارىس تىلىنى قوللىنىشقا باشلىدى. ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى پارىس يېزىقىنى قوللىنىدۇ. بەلۇجىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
    بەلۇجىلار ئۆز ئىچىدىن راھشان، سارۋان، لاشېر، كېچ قاتارلىق بىر نەچچە چوڭ قەبىلىگە بۆلۈنگەن بولۇپ قەبىلىلەر ئارا تىل-شىۋە پەرقى خېلى چوڭ. بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلاشقان بەلۇجىلار دېھقانچىلىقنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە قىلىدۇ. چۆل - جەزىرە ۋە تاغلىق رايۇنلاردىكى بەلۇجىلار كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساس، دېھقانچىلىقنى قوشۇمچە قىلىدۇ، چارۋىچىلىقتا كالا، قوي ۋە تۆگە باقمىچىلىقى ئاساس قىلىنىدۇ؛ كارۋانچىلىق بەلۇجىلارنىڭ ئەنئەنىۋى داڭلىق كەسپى.
    بەلوجىلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زاماندا ئىراننىڭ شىمالىدىكى كاسپى دېڭىزى ئەتراپى ۋە كىرمان، شىستان ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشاپ كەلگەن مېدىيانلار بولۇپ، كېيىن ئېفتالىتلار، سالجۇق تۈركلىرى ۋە مۇڭغۇللارنىڭ بېسىپ كىرىشى تۈپەيلىدىن Ⅹ -ⅩⅤ ئەسىرلەردە جەنۇب تەرەپكە سىلجىپ، خۇراسان ئارقىلىق بەلۇجىىستانغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. بەلۇجىلار تارىختىن بۇيان ئەتراپتىكى مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىشغالىيىتى ئاستىدا ياشىغانلىقتىن ئىجتىمائى تەرەققىياتى بەك ئارقىدا قالغان بولۇپ 19-ئەسىردىن بۇرۇن يازما ئەدەبىياتى بولمىغان. 
بەلۇجىلارنىڭ  توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم قاتارلىق قائىدە - يوسۇن، ئۆرپ ئادىتى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىبىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۆرپ - ئادەت جەھەتتە قۇملۇق رايوندىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇلار ئات مىنىشكە ماھىر، قەيسەر كېلىدۇ.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-9 8:38:10]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 713 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01