ئاناتومىيە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 ئاناتومىيە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە    

 

  ئاناتومىيە مېدىتسىنادىكى ئەڭ ئاساسى پەنلەرنىڭ بىرى. كېسەلنى ئېنىقلاش ۋە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشىنى چۈشىنىش ۋە پىششىق بىلىشكە توغرا كېلىدۇ، ئاناتومىيە ئەنە شۇ ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلىدىغان، بىلدۈرىدىغان پەن. 
       ئىنسانلار ناھايىتى بۇرۇنلا خېلى كۆپ ئاناتومىيە بىلىملىرىنى توپلىغان. لېكىن، ئۇ چاغلاردا ئۇلار ئادەم بەدىنىگە خۇراپىيلارچە ئىشەنگەچكە، ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن تۈزۈلۈشلەرنى سىرلىق ھىساپلاپ يۈزەكى چۈشەندۈرۈپلا بولدى قىلغان. ئادەم بەدىنى مۇقەددەس سانالغانلىقتىن، ئادەم بەدىنىنى يېرىش ۋەھشى ئىش سانىلىدىغان بولغاچقا، ئۇزاق ئوتتۇرا ئەسىردە ئادەم بەدىنىنى يېرىپ كۆزىتىش ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئادەمنىڭ ئورنىدا ھايۋانلارنى يېرىپ كۆزەتكەن.  قەدىمكى يۇنان ۋە رىم ئالىملىرى ئاناتومىيىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئوبدان بىلسىمۇ، لېكىن ھايۋانلاردىن ئېرىشكەن ئاناتومىيە بىلىملىرىنى ئادەم بەدىنىگە تەتبىقلىغاچقا، نۇرغۇن خاتالىقلار كۆرۈلگەن. مەسىلەن: رىم دەۋرىدىكى مەشھۇر ئاناتومىيە ئاساسچىسى گاللېن ئادەمنىڭ جىگىرى ئىتنىڭ جىگىرىگە ئوخشاش بەش قاناتلىق بولىدۇ، جىگەر ۋېنانىڭ چىقىش مەنبەسى، يۈرەكنىڭ بۆلگۈچ پەردىسىدە كۆرگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن تۆشۈكچىلەر بولۇپ، قان ئۇلاردىن ئەركىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ، دېگەنگە ئوخشاش قاراشلاردا بولغان. گالېننىڭ ئاناتومىيە ھەققىدىكى ئەسىرى ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە كلاسسىك ئەسەر دەپ قارالغان ھەمدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى دىنىي جەمئىيەتمۇ جەسەتلەرنى يېرىشنى قاتتىق مەنئى قىلغاچقا، كىشىلەر بۇ خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە ئامالسىز قالغان.
        ئوتتۇرا ئەسىردە ئەرەب ئالىملىرى قەدىمقى يۇنان ئەسەرلىرىنى تەرجىما قىلىپ پايدىلىنىش جەريانىدا ئاناتومىيەگە يەنە بىر قېتىم دىققە قىلغان، بۇ جەھەتتە ئىبنى سىنا، جاھىزى قاتارلىقلار بىر بۆلۈك ئەسەرلەرنى قالدۇرغان بولسىمۇ ئەمما ئادەم بەدىنىنىڭ مۇقەددەسلىكى يانىلە ئۇلارنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق ئېلىپ بېرىشتىن چەكلەپ قويغان. 
      ھازىرقى زامان ئىلمى ئاناتومىيەسىگە پەقەت 16 - ئەسىردىن كېيىن ھەقىقى قول سېلىنغان. 16 - ئەسىرگە كەلگەندە فىرانسىيىلىك ئالىم ۋېسالىئۇس ئادەم بەدىنىنى بىۋاسىتە كۆزىتىشكە باشلىغان. ئۇ پارىژدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا، دارغا ئېسىلغان بىر جىنايەتچىنىڭ جەسىتىنى ئوغرىلىغان. ئۇ يەنە بىر ئۆلۈك ئادەمنىڭ باش سۆڭىكىنى پەلتوسىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ، كارىۋىتىنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويغان، ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ گۆردىن جەسەت ئوغرىلىغان. فرانسىيىنىڭ دىنىي سوتخانىسى ئۇنىڭ بۇ خىل «بىدئەت» قىلىقلىرىغا دىققەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىلاجسىز ھالدا ئىتالىيىگە بېرىپ دوختۇرلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئاناتومىيە پروفېسسورلۇقىغا كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ «ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشى» دېگەن ئەسىرى1543 - يىلى نەشر قىلىنغان. ئۇ بۇ ئەسىرىدە ئادەم بەدىنىدىكى ئىسكىلىتلار، مۇسكۇللار، قان تومۇرلار ۋە نېرۋىلارنىڭ تەبىئىي شەكلى ۋە تارقىلىشى قاتارلىقلارنى ئاناتومىيىلىك تەرتىپى بويىچە بايان قىلغان. «ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشى» دېگەن بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى يېقىنقى زامان ئاناتومىيىسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىىدىن دېرەك بەرگەن. ئۇنىڭ ئەھمىيىتى خۇددى كوپېرنىكنىڭ «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى نەزەرىيىسى» ئاسترونومىيە ئۈچۈن يېڭى دەۋر ئاچقانلىقىغا ئوخشاش بىئولوگىيە ئىلمى تەرەققىيات تارىخىدىكى نامايەندە ھېسابلىنىدۇ.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-29 19:24:20]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 766 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01