يۇرتىمىز قۇمۇل

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   قۇمۇل شەھىرى تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرقتىن گەنسۇ ئۆلكىسى بىلەن، جەنۇبتىن چەرچەن ناھىيىسى بىلەن، غەربتىن مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى ۋە پىچان ناھىيىسى بىلەن، شىمالدىن بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى ۋە ئاراتۈرۈك ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىي شىمالدا موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 47 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 404 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 322 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 79 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر. شەھەرگە ئىككى بازار، 16 يېزا، ئۈچ مەھەللە ئىش باشقارمىسى 53 ئاھالە كومىتېتى، 112 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. شەھەر تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇمۇل دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ئۇنىڭ قارمىقدىكى 17 دېھقانچىلىق مەيدانى (زاۋۇت) بار. شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 600 كىلومېتىر كېلىدۇ. 2007 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 471 مىڭ 900 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 99مىڭ ئادەم بولۇپ جەمئى 21% نى، خەنزۇلار %68.3نى، قالدىسىنى باشقا مىللەتلەر نى تەشكىل قىلىدۇ.
قۇمۇل شەھىرى قەدىمدە كۇنمۇ دەپ ئاتالغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئېۋىرغول دەپ ئاتالغان. شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە يېخې لەشكەر بېشى قويۇلغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي ئىۋىرغول ئايمىقى تەسىس قىلىنغان، كېيىن ئېۋىرغول ئايمىقىغا ئۆزگەرتىلگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە قۇمۇل دەپ ئاتالغان ۋە گەنسۇ ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭلې يىللىرى قۇمۇل ياساۋۇلخانىسى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) قۇمۇل نازارىتى قۇرۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 10 - يىلى (1884 - يىلى) دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت قىلىنغان. مىنگونىڭ 2 - يىلى (1913 - يىلى) نازارەت ناھىيە دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1961 - يىلى قۇمۇل شەھىرى قىلىپ تەسىس قىلىنغان، كېيىنكى يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1977 - يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1983 - يىلى قۇمۇل ناھىيىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قۇمۇل شەھىرىگە قوشۇۋېتىلگەن. قۇمۇل ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولغان. ھازىر قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە مۇشۇ يەردە.
شەھەرنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى % 71.1 نى، قۇملۇق ۋە بوستانلىق % 28.9 نى ئىگىلەيدۇ. چوڭ - كىچىك دەريالىرىدىن 29 ى بار، يەر يازدىكى سۇ بايلىقى 539 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 575 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرىدىن ياۋا تۆگە، يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، قارا تايغان بۇغا، ياۋا چوشقا، قىزىل تۈلكە، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، قارلەيلىسى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما باييلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، مانگان، ۋانادىي، مىس، ئالتۇن، كۈمۈش، نىكېل، ۋولفرام، تۇز، گىلائۇبېز تۇزى، ئىسلاندىيە شىپاتى، چىرىمتال، سىڭىرتاش قاتارلىقلار بار.
قۇمۇل شەھىرى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 9.8، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 43.9، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 32.0-. يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 97.7 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30دىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3360.3 سائەت. 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4038.3. قىروسىز مەزگىلى 229 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 34.6 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 3064.3 مىللىمېتىر.
بۇ شەھەر قازمىچىلىق ئاساس قىلىنغان يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەت شەھىرى. سانائىتىدىن كۆمۈر، نېئورگانىك تۇز خىمىيە سانائىتى، ئالتۇن قېزىش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ماشىنسازلىق قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچقىرىش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 14 مىڭ 300 گېكتار (215 مىڭ مو). ئورمان كۆلىمى 200 مىڭ گېكتار ( 3 مىليون مو)، ئوتلاق كۆلىمى بىر مىليون 240 مىڭ گېكتار (18 مىليون 600 مىڭ مو). يەنە دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان 373 مىڭ 300 گېكتار (5 مىليون 600 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق، قوناق، تېرىلغۇ، كېۋەز، مېۋە - چېۋە ۋە كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا قوي، كالا، ئات ئاساس قىلىنىدۇ.
قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى بىر قەدەر ياخشى. دۆلەت تاشيولى 312 - لىنىيىسى ۋە لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. شەھەر، يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. پروگراممىلىق تېلېفون، كۆچمە تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ، فاكىس قاتارلىق خەۋەرلىشىش قوراللىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلگەن.
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قۇمۇل ۋاڭى قەبرىستانلىقى، گەسكى قەبرىستانلىقى، لاپچۇق قەدىمكى شەھىرى، قارادۆۋە قەدىمكى قەبرىلەر توپى قاتارلىقلار بار. مەشھۇر مەنزىرىلىك جايلىرىدىن ئاقتاش(بەيياڭگۇ) جىلغىسى، جاڭجۈن ئىبادەتخانىسى، مايمۇن تېغى، قوراي، سارچوقا قاتارلىقلار بار.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 476 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01