مېگاپتىرا كىتى=座头鲸=Humpback whale

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

  مېگاپتىرا كىتى دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى تۈرىگە سۈت ئەمگۈچىلەر سىنپىغا مەنسۈپ.
 ئېنگىلىزچە ئىسمى 座头鲸=Humpback whale ئەركەك مېگاپتىرا كىتىنىڭ ئۇزۇنلىقى 12.9 مېتىر، چىشى مېگاپتىرا كىتىنىڭ ئۇزۇنلىقى 13.7 مېتىر، 18مېتىرلىق مېگاپتىرا كىتى بايقالغان. ئېغىرلىغى 25-30 توننا، دۈمبە پالاقچىسى بىر قەدەر كىچىك دۈمبىسى قارا بۇلۇپ داغ سىزىقچىلىرى بار، پالەقچە پۇتى بەك ئۇزۇن بۇلۇپ پۈتۈن بەدىىنىڭ 3تىن بىرقىسمىنى ئىگەللەيدۇ. قاسراقلىقلار ۋە كىچىك بېلىقلار تۈرى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئولجىسى، چىشى مېگاپتىرا كىتى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم قورساق كۆتىرىدۇ.  قورساق كۆتۈرۈش ۋاقتى ھەر ئىككى يىلدا  بىر قېتىم ،ھەر قېتىمدا بىرنى تۇغىدۇ. مېگاپتىرا كىتىمۇ باشقا سۈت  ئەمگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشاشلا سۈتى ئارقىلىق بالىلرىنى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. بالا كىتلەر ھەر ئايدا 40-50 مىڭ گىرام ئېغىرلايدۇ. ئادەتتە ئۇلار 60-70 يىل ياشىيالايدۇ. مېگاپتىرا كىتىنىڭ كۆپ قىسمى تىنىچ ئوكيان بۆلىكگە تارقالغان. ئومۇمى سانى 4000 ئەتراپىدا،جوڭگونىڭ خۇاڭخەي، دوڭخەي، نەنخەي رايونلىرىغا تارقالغان. دۆلەت ئىككىنجى دەرىجىلىك قوغدىلدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزىلگەن.گەرچە قوغدىلدىغان ھايۋانلار تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇلار يەنىلا خاتىرجەم ياشاشقا ئامالسىز قېلىۋاتىدۇ، ساياھەتچىلەر تاشلىغان زور مىقداردىكى سۇلياۋ خالتىلار ئۇلارنىڭ ئىككىنجى تامىقى بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئۇلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار. 2007-يىلى12-ئاينىڭ 21-كۈنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيەنىڭ كىت ئوۋلاشنى قەتئىي مەنئىي قىلىشىنى ئوتتۇرغا قويدى، بۇ ياپونىيەنىڭ 40يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىمىلىق كىت ئوۋلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى بۇلۇپ خەلقىئارانىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 402 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01