تۇخۇمگۈل=鸡蛋花=Plumeria rubra

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   تۇخۇمگۈل-ئېنگىلىزچىسى، Plumeria rubra  خەنزۇچىسىى鸡蛋花 
تۇخۇمگۈل دۇنيادىكى مەشھۇر، شۇنداقلا تارقىلىش دائىرىسى كەڭ گۈللەرنىڭ بىرى بولۇپ،  ئەسلى يۇرتى ھىندىستان ئارىلى  ۋە ئامرىكا قىتئەسىدكى مېكسىكا. تۇخۇمگۈل تالگۈل ئائىلىسىگە تەۋە تىروپىك بەلباغ ۋە سۇبتىروپىك بەلباغ رايونلىرىغا تارقالغان.   دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان، نۆۋەتلىمە شەكلىدە ئۆسىدىغان قاتتىق غوللۇق ئۆسۈملۈك. تۇخۇمگۈلىنىڭ ئېگىزلىكى 4-5 مېتىرئەتراپىدا بولىدۇ شاخلىرى توم، قېلىن، يوپۇرمىقى يوغان، گۈللىرى قىزىل، سېرىق رەڭلەردە بولىدۇ،گۈلى 5 ياپراقتىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ،خۇددى كىچىك بالىلار ياسىۋىلىدىغان قەغەز شامالدۇرغۇچقىلا ئوخشايدۇ. تۇخۇمگۈل ياز پەسلىدە ئېچىلدۇ، ئىنتايىن خۇشپۇراق بۇلۇپ ھەرخىل خۇشپۇراق ماتىرياللارنى ياساشقا ئىشلىتىدۇ..گۈلى 5-10 ئايغىچە سولاشماي تۇرالايدۇ. ھويلا-ئاراملاردا ئوتلاقلاردا ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ. تەشتەكلەردە ئۆستۈرسىمۇ بولىدۇ.  .
     تۇخۇمگۈلنىڭ تىبابەتتىكى رولى،  تۇخۇمگۈلى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەر قايتۇرىدۇ. يۆتەلنى توختىتىدۇ، ئۆچەي يالقۇغى، ھەزىىم ناچارلىق، يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلارغا ياخشى شىپا بولىدۇ.
تۇخۇمگۈلنىڭ غولىدىن مۇزىكا ئەسۋاپلىرىنى ياساشقا بولىدۇ.  تۇخۇمگۈلى لائۇسنىڭ دۆلەت گۈلى جۇڭگۇغا كىرگەندىن كېيىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جاۋچىڭ شەھرىنىڭ شەھەر گۈلى بولغان. ھازىر مەملىكەتتىكى داڭلىق گۈللەر مۇسابىقىسدە كەم بولسا بولمايدىغان ئىسىل گۈل سورتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

 

 

 

 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 441 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01