يەھۇدىلار

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

      يەھۇدىلار -ئىبرانى تىلىدا Yehud  ياكى Yehudhi دېيىلىدۇ. يەھۇدىلار تارىختا كەنئانلىقلار دەپ ئاتالغان بولۇپ، يەنە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئوغلى ئىسرائىل ئەلەيھىسسالامغا باغلىنىپ ئىبرايلار،  بەنى ئىسرائىللار دەپمۇ ئاتالغان.  ئاسىيا ئافرىقا ئىككى قىتئەدىكى زېمىنى چېگرىلىنىدىغان فەلەستىن زىمىنى(قەدىمقى كەنئان) يەھۇدىلارنىڭ تارىخى ماكانى بولۇپ، غەربى قىسمى ئىئوردان دەرياسى بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئىسرائىلىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىغا سازاۋەر مىللەت. 2011-يىلى ئىسرائىلىيەدىكى يەھۇدىلارنىڭ ئۇمۇمى نوپۇسى 5مىلىيون 703 مىڭ بولۇپ مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ 76.4%نى ئىگەللىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكىدا 5مىلىيۇن 275مىڭ ، فرانسىيەدە 473مىڭ، كانادادا 375مىڭ، ئەنگىلىيەدە 292مىڭ، روسىيەدە 205مىڭ ، ئارگېنتىنادا 187مىڭ ، ئاۋسترالىيەدە 107مىڭ يەھۇدى تارقاق ياشايدۇ. دۇنيادىكى باشقا ياۋروپا ئامېرىكا ئەللىرىنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك يەھۇدىلەر تارقالغان  بولۇپ 2012-يىلىدىكى ئەڭ يېڭى سىتاتىسكىغا قارىغاندا يەھۇدىلارنىڭ دۇنيادىكى نوپۇسى 13مىلىيۇن 428مىڭ بولغان.
   تىلى: يەھۇدىلار ئەرەب تىلى بىلەن بىللە ھام سام تىل سېستېمىسىنىڭ ھام تىلى ئائىلىسىگە تەۋە بولغان يەھۇدى تىلىنى ئىشلىتىدۇ. شۇنداقلا ئۆلچەملىك يەھۇدى تىلى تېخى 1947-يىلى كونا تەۋرات ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بولغاچقا دۇنيا بويىچە ئۆزىنىڭ قەدىمىلىكىنىى ساقلاپ قالغان تىل ھىساپلىنىپ گىراماتىكا ۋە ئاساسى سۆزلۈكتىن باشقا جەھەتلەردە ھازىرقى زامان ئەرەب تىلى بىلەن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. يەھۇدىلار ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن تەۋرات ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يەھۇدى ئېلىپبەسى ئەدەبىي تىل-يېزىق قىلىنىپ بۈگۈنگىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. يەھۇدىلار نىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۆزى ياشىغان رايوندىكى ئاساسى تىلنى ئانا تىلى ئورنىدا ئىشلەتسىمۇ ئەمما كۆپ ھاللاردا ئىبادەتكە ئۆزىنىڭ كونا تەۋرات تىلىنى ئىشلىتىدۇ. نۆۋەتتە دۇنيادا ئىبراي تىلىنى ئىشلىتىدىغانلار 8مىلىيۇن ئەتراپىدا ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. ئىسرائىلىيىلىك يەھۇدىلار  ئىبرانى تىلىنى ئۆزىنىڭ  دۆلەت تىلى قىلغان بولۇپ ئومۇميۈزلۈك ئىنگىلىز تىلى ئىشلىتىدۇ، رۇسىيا كۆچمەلىرى رۇس تىلىنى، جەنۇبى ئامېرىكا كۆچمەنلىرى ئىسپان تىلىنى ئىشلىتىدۇ، نېمىس تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يەھۇدى تىلى-ئىدىش تىلىمۇ ئىسرائىلىيەدە ئېتىراپ قىلىنغان تىللارنىڭ بىرى .
ئىقتىسادى: يەھۇدىلار ئەنئەنىۋى شەھەر سودا مىللىتى بولۇپ دېھقان چارۋىچىلىقنى كەسپ قىلغانلار يوق. يەھۇدىلاردا بىر يۈرۈش سودا ئىقتىساد قارىشى خۇددى دىنى ئەقىدىلەردەك يىلتىز تارتقان بولۇپ، ئەنئەنىۋى يۆتكەش سودىسى ، گۆرۆكەشلىك، ئۆسۈم ئامانىتى قاتارلىقلار ئۆسۈم ھارام ھىساپلىنىدىغان ئوتتۇرا ئەسىر دۇنياسىدا ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى يەھۇدىلارنى غايەت زور چۇغلانما مەبلەغگە ئىگە قىلغان. يەھۇدىلار ھەقىقەتەن پۇلنى ياخشى كۆرىدۇ، بىىراق ئۇلارنى پۇلنى ياخشى كۆرىدۇ دىگەندىن كۆرە پۇلدىن پايدىلىنىشنى بىلىدۇ، پۇلنى قانداق  تېپىشنى ۋە قانداق خەجلەشنى بىلىدۇ دىسەك تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. يەھۇدىلار دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇن يېزىق قوللانغان شۇنداقلا ئەڭ بۇرۇن بىر خۇدالىق دىنغا ئېتىقاد قىلغان مىللەت بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردىكى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىلا ئۇلار يۈكسەك تەرققى قىلغان مەدەنىيەتلىك دۆلەتكە ئىگە بولغان. 
    يەھۇدىلاردىن دۇنياغا داڭلىق باي روكفېللىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۇنياۋى كاتتا بايلار ۋە ماركىس، فىروئىد، كافكاغا ئوخشاش مۇتەپەككۈرلەر، ئېينىشتېيىندەك كاتتا ئالىملار چىققان. 2010-يىللىق سىتاتىسكىدا نوبېل مۇكاپاتى تارقالغان 10يىل ئىچىدە ئارانلا 15مىلىيۇن نوپۇسى بار يەھۇدىلارنىڭ 21%نى ئىگەللەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۈگۈنكى دۇنيادىكى داڭلىق كارخانىلاردىن گوگۇل، فاسىبووك  قاتارلىقلارنىڭ قۇرغۇچىلىرىمۇ يەھۇدى مىللىتىدىن.

 

     تارىخى: يەھۇدىلار تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن مەشھۇر مىللەت بولۇپ، قۇرئان ۋە ئىنجىلدا بەنى ئىسرائىل دىگەن نامى بىلەن مەشھۇر بولغان، ئوتتۇرا شەرقتىكى دىنى داھىلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامدىن باشقا ھەممىسىلا يەھۇدى مىللىتىدىن بارلىققا كەلگەن. يەھۇدىلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىر ئەتراپىدا مۇسا ئەلەيھىسسەلامنىڭ باشچىلىقىدا بۈيۈك ئىسرائىل ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان بولۇپ داۋۇت ئەلەيھىسسالام ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە يەھۇدىلار دۆلىتى ئىنتايىن كۈچىيىپ مىسىرنى بېقىندۇرغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردىن كېيىن يەھۇدىلار دۆلىتى  ئېرۇسالىم ئەتراپىنى چېگرا قىلغان ھالدائىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ شىمالدىكىسى ئىسرائىلىيە، جەنۇپتىكىسى يەھۇدى دەپ ئاتالغان، يەھۇدى دىگەن نام شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدىلارنىڭ مىللەت نامى بولۇپ قالغان. مىلادى 8-ئەسىردە يەھۇدىلارنىڭ زىمىنى ئاسسۇرىئان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاپتونومىيىلىك بىر قىسمى بولغان. بىر نەچچە قېتىملىق ئۇرۇشتا  ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىنىڭ زىمىنى گاھ چوڭىيىپ گاھ كىچىكلەپ كەلگەن بولسىمۇ مىلادى1-ئەسىردە  رىم ئىمپىرىيىسى بېسىۋالغانغا قەدەر ئۆزىنىڭ يۈكسەك مەدەنىيەتكە ئىگە دۆلىتىنى ساقلاپ كەلگەن. رىم ئىمپىرىيسى دەۋرىدىن كېيىن يەھۇدىلاردىن چىققان، يەھۇدىلەر تەرىپىدىن بىدئەت ئەقىدە تارقاتتى دىيىلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان پەيغەمبەر ئىيسا ئەلەيھىسسالام كېيىنكى رىملىقلارنىڭ خىرىستان دىنىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ ئىلاھى سۈپەتلەنگەن، يەھۇدىلارمۇ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا زىيانكەشلىك قىلغان قەۋم ھىساپلىنىپ بارغانسېرى چەتكە قېقىلىپ توختىماي سۈرگۈن قىلىنغان.  مىلادى  7-ئەھىردە فەلەستىن زىمىنى ئەرەب ئىسلام ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ يەھۇدىلارنىڭ كەنئاندىكى مەۋجۇتلىقى ئاخىرلاشقان. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى 1948-يىلى ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغانغا قەدەر يەھۇدىلار دۇنيانىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن.
 يەھۇدىلار ئۇزۇن مۇددەت ئايرىلىپ ياشىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ مەدىنىيەت، ئېتىقاد، تۇرمۇش ئۇسۇلى جەھەتلەردە پەرقلەر شەكىللەنگەن بولۇپ بارا-بارا ياۋروپا گېرمانلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يىدىش تىلىدا سۆزلىشىدىغان شەرقى ياۋروپا يەھۇدىلىرى، كونا ئىبرانى تىلىدا سۆزلىشىدىغان شىمالى ئافرىقا  يەھۇدىلىرى ۋە لاتىن تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان لادىنو تىلىدا سۆزلىشىدىغان جەنۇبى ياۋروپا يەھۇدىلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سېستىما شەكىللەندۈرگەن. ئوتتۇرا ئەسىردە خىرىستىيان  دۇنياسىدا يەھۇدىلار باشتىن-ئاخىر ئەيساغا ئاسىيلىق قىلغان دىگەن گۇناھنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ھەممىلا يەردە  كەمسىتىشى ۋە  ئۆچمەنلىكىگە ئۇچىرغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياۋروپادىكى 6مىليون يەھۇدىلار گېرمانىيە ناسىستلىرىنىڭ بىگۇناھ قىرغىن  قىلىشىغا ئۇچىرغانلىقتىن يەھۇدىلار ئۆز دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتكەن ۋە ئوتتۇرا شەرقنى قانداق بۆلۈپ باشقۇرۇش ھەققىدە باش قاتۇرىۋاتقان بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئاۋال 120مىڭ يەھۇدى بولغان پەلەستىنگە ئۈچ يىل ئىچىدە 500مىڭ يەھۇدى يىغىلغان ۋە 1948 -يىلى 5-ئايدا  ئامېرىكا ۋە  ئەنگىلىيىنىڭ قوللىشى بىلەن  بۇ بىر قىسىم يەھۇدىلار پەلەستىندە ئىسرالىيە دۆلىتىنى قۇرغان. كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىلار ئارقا -ئارقىدىن  بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ نوپۇسى كۆپەيگەن.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1109 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01