مۈشۈك=猫=cat

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    مۈشۈك دۇنيادا كەڭ تارقالغان ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ بىرى بولۇپ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار تۈرى، گۆشخور ھايۋانلار تىپى، مۈشۈك ئائىلىسى مۈشۈك تۈركۈمىگە تەۋە.

      مۈشۈكنىڭ تېنى باش،بويۇن ،گەۋدە، تۆت ئەزا ۋە قۇيرۇق  قىسمىدىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ ئوتتۇرىچە بەدەن ئۇزۇنلۇقى 35سانتىمېتىر، ئىگىزلىكى 25 سانتىمتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ  پۈتۈن بەدىنىنى تۈك قاپلاپ تۇرىدۇ. بارماق ئارىلىرىدا ماي ۋە گۆش قاتلىمى بۇلغانلىقتىن ماڭغاندا تىۋىش چىقارماي  چاشقان تۇتقاندا قورقۇتۇپ قاچۇرۋەتمەيدۇ. بارماقلىرىدا ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولىدۇ. تىرناقلىرى سوزۇلۇپ يىغىلالايدۇ. مۈشۈكنىڭ چىشى ئۇتتۇر چىش، قوزۇق چىش، ئېزىق  چىشلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. قوزۇق چىشى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان بۇلۇپ، بېگىزدەك ئۆتكۈر، تۇتقان ئولجىنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. ئېزىق چىشىنىڭ چايناش يۈزى ئىنتايىن ئۆتكۈر بۇلۇپ ئولجىنى چايناپ يېيىشكە ماس كەلگەن. ئۇتتۇر چىشى تەرەققى قىلمىغان.
    مۈشۈكنىڭ ھەركىتى چاققان بۇلۇپ، سەكرەشكە ماھىر. چاشقان ۋە بېلىق يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

مۈشۈكنىڭ تۈى كۆپ ، ياۋروپا مۈشۈكلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئافرىقا تاغ مۈشۈكلىرى، ئاسىيا مۈشۈكلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئادەتتە ھىندىستان قۇملىقلىرى مۈشۈكلىرى دەپ قارىلىدۇ.

ياۋروپا مۈشۈكى، ساپ ئۇرۇقلۇق مۈشۈك ۋە ئارلاشما ئۇرۇقلۇق مۈشۈك، ئۆي مۈشۈكى ۋە ياۋا مۈشۈك، قىسقا مويلۇق مۈشۈك ۋە ئۇزۇن مويلۇق مۈشۈك دىگەندەك تۈرلىرى بار.

مۈشۈك

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 419 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01