بىرازىل ياغىچى=巴西木=brasil wood

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

بىرازىل ياغىچى ئېنگىلىزچە-   brasil wood   ، خەنزۇچە- 巴西木   دېيىلىدۇ.

بىرازىل ياغىچى جەنۇبى ئامېرىكىدىكى ئەڭ قەدىمى ۋە خاس دەرەخ شەكلى بولۇپ، بىرازىلىيە دەل مۇشۇ دەرەخنىڭ نامى بىلەن بىرازىلىيە دەپ ئاتالغان. بىرازىل ياغىچى  تروپىك بەلۋاغ رايونىدىكى قۇمساڭغۇ ھاۋا ئۆتۈشىدىغان تۇپراقتا بارلىققا كەلگەن بولغاچقا يۇقىرى گىرادۇسلۇق ئىسسق ۋە نەم ھاۋادا ، يېرىم قۇرغاق شالاڭ تۇپراق مۇھىتىدا ياخشى ئۆسىدۇ. كۈن نۇرى ۋە قۇرغاقچىلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.

ئالاھىدىلىكى:  بىرازىل ياغىچىنىڭ يىلتىز قىسمى تەرەققى قىلمىغان بولسىمۇ لېكىن ناھايىتى ئاسان كۆكلەيدۇ، دائىم ياپيېشىل تۇرىدۇ. يوپۇرماقلىرى تەكشى، غولى تۈپتۈز ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 40~90 سانتېمىتىر، كەڭلىكى 6~10 سانتېمېتىر بولۇپ، ئۇچۇق يېشىل يوپۇرماقنىڭ يۈزىدە سېرىق ياكى سۈت رەڭلىك يوپۇرماق تومۇرى بولىدۇ. بىرازىلىيە دەرىخى بىر يىلدىكى 4 پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئۆسەلەيدۇ. ئەمما غەيرى تىروپىك بەلباغدا ئۆستۈرۈلۈش توغرا كەلسە قىش پەسىلىدە ئەڭ ياخشىسى13 سېلىتسىيە گرادۇستا ئارام ئالدۇرۇش كېرەك. تېمپۇراتۇرا بەكلا تۆۋەنلەپ كەتسە يوپۇرماقلىرى سارغىيىپ كېتىدۇ. ئۆيگە قويغان ۋاقتىمىزدا كۈن نۇرى كۈچلۈك جايغا قويۇش كېرەك.

بىرازىل ياغىچىنى كۆپ بولغانداھەپتىدە 1 قېتىم سۇغۇرۇش، سۇنى بەك جىق قۇيماسلىق، تۇپراقنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى ۋە نەملىكىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا سۇغۇرۇش، يىلتىز قىسمىغا ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىشىغا كېرەك.

بىرازىل ياغىچى 80- يىللاردىن كېيىن جۇڭگوغا كىرگەن بولۇپ، ھازىر ئەتىۋارلاپ بېقىلىدىغان ئېسل مەنزىرە دەرەخ سورتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

[admin تەستىقلىدى . 2010-3-30 18:59:23]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 334 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01