ﻣﯘﺳﺎﯞﯨﻴﺎت ﺗﻪرەپەيىن

     ﻣﯘﺳﺎﯞﯨﻴﺎت ﺗﻪﺭەپەيىن-ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﯧﺌﯩﺮىيىتىگە ئەرەپلەردىن كىرگەن ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺗﻪﺱ. ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى ﻣﯩﺴﺮﺍلىرىدىكى سۆزلەر بىرىنچى مىسرادىكى تەرتىپ بىلەن ، ﺷﯘ ﻛﻮﭘﻠﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩپتىن سول تەرەپكە، ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻦ تۆۋەنگە ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.

ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ  ﺋﺎﺗﯘﺷﯘﻣﺴﻪﻥ ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻢ  ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺴﻪﻥ،
ﺋﺎﺗﯘﺷﯘﻣﺴﻪﻥ  ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍ  ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﺴﻪﻥ ﻣﺎﺯﺍﺭﯨﺴﻪﻥ.
ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﺴﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺟﺎﻧﻼﺭ ﭘﺎﻧﺎﮬﯩﺴﻪﻥ،
ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺴﻪﻥ  ﻣﺎﺯﺍﺭﯨﺴﻪﻥ ﭘﺎﻧﺎﮬﯩﺴﻪﻥ  ﺑﺎﺯﺍﺭﯨﺴﻪﻥ. 

تۆۋەندە مىسال ئۈچۈن  ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺭﻭﺯﻯ يازغان ئاتۇشۇمسەن نامىلق شېئىر بېرىلدى.

 
ﺋﺎﺗﯘﺷﯘﻣﺴﻪﻥ

( ﻣﯘﺳﺎﯞﯨﻴﺎت ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻴﯩﻦ )


ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ ﺋﺎﺗﯘﺷﯘﻣﺴﻪﻥ ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺴﻪﻥ،
ﺋﺎﺗﯘﺷﯘﻣﺴﻪﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﺴﻪﻥ ﻣﺎﺯﺍﺭﯨﺴﻪﻥ.
ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﺴﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺟﺎﻧﻼﺭ ﭘﺎﻧﺎﮬﯩﺴﻪﻥ،
ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺴﻪﻥ ﻣﺎﺯﺍﺭﯨﺴﻪﻥ ﭘﺎﻧﺎﮬﯩﺴﻪﻥ ﺑﺎﺯﺍﺭﯨﺴﻪﻥ.

ﺋﻪﻧﺠﯘﺭ ﺩﯨﻤﻪﻙ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﺴﻰ،
ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﻝ-ﭼﯩﭽﻪﻛﺴﯩﺰ ﺑﺎﻏﺪﺍ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﺷﺎﺧﻤﺎﻧﺘﯩﺴﻰ.
ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﺑﺎﻏﺪﺍ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﺩﺍﯕﻘﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺋﯩﭽﺮﻩ،
ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﺷﺎﺧﻤﺎﻧﺘﯩﺴﻰ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﺩﯗﺭﺩﺍﻧﯩﺴﻰ.

ﺩﯨﻴﺎﺭ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ ﺷﺎﺧﻤﺎﻧﺘﯩﺴﻰ ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﯩﺴﻪﻥ،
ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ ﭼﯩﭽﯩﻜﻰ ﻳﻮﻕ ﺷﯩﺮﯨﻦ ﻣﯧﯟﻩ ﺗﺎﺷﻠﯩﻘﺘﯩﺴﻪﻥ.
ﺷﺎﺧﻤﺎﻧﺘﯩﺴﻰ ﺷﯩﺮﯨﻦ ﻣﯧﯟﻩ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ،
ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﯩﺴﻪﻥ ﺗﺎﺷﻠﯩﻘﺘﯩﺴﻪﻥ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺳﺎﻳﻠﯩﻘﺘﯩﺴﻪﻥ.

ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ ﺳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻢ ﺯﻩﭖ ﺷﺎﺧﻤﺎﻧﺘﺎﯕﻨﻰ ﺧﯘﯞﻩﻳﻨﺎﯕﻨﻰ،
ﺳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻢ ﺯﻩﭖ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﺎﺋﺎﻣﯩﯖﻨﻰ ﺩﯨﻠﯩﻢ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ.
ﺷﺎﺧﻤﺎﻧﺘﺎﯕﻨﻰ ﺗﺎﺋﺎﻣﯩﯖﻨﻰ ﻳﯧﺴﻪﻡ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﮬﻮﺯﯗﺭ ﺷﯘﻧﭽﻪ،
ﺧﯘﯞﻩﻳﻨﺎﯕﻨﻰ ﺩﯨﻠﯩﻢ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﯧﺴﻪﻡ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﮬﻮﺯﯗﺭ ﺷﯘﻧﭽﻪ!
[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 9:42:22]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 769 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01