قۇمۇل ۋىلايىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالى:
   قۇمۇل ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. شەرقى گەنسۇ ئۆلكىسى جەنۇبى يايىنغۇلۇن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى. غەربى تۇرپان ۋىلايىتى. ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتۇنۇم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال مۇڭغۇليە بىلەن چىگىرلىنىدۇ. قۇمۇل ۋىلايىتىگە قۇمۇل شەھىرى، باركۆل قازاق ئاپتۇنۇم ناھىيسى ۋە ئاراتۈرك ناھىيسى قارايدۇ، ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمە قۇمۇل شەھىرىگە جايلاشقان. 2004-يىلنىڭ ئاخىرقى ئۇمۇمى نۇپۇسى526 مىڭ  بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ 360مىڭ514، ئۇيغۇر 97مىڭ205،قازاق47مىڭ143، خۇيزۇ 15711موڭغۇل 2308، مانجۇ 1683نەپەر باشقا مىللەتلەر 5مىڭ ئەتراپىدا.
     تەبىي بايلىقى: 
    قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئوتتۇرسى ئىگىز، جەنۇبى شىمالى پەس بۇلۇپ،ئوتتۇرا قىسمى تەڭرىتاغ تىزىملىرى شىمالى قىسمى ساي تۇزلەڭلىك، جەنۇبى قىسمى ئويمانلىق   سۇ بايلىقىدىن تەڭرىتاغ قار-مۇزلىرىدىن شەكىللەنگەن ، 140 تىن ئارتۇق دەريا ۋە يەر ئاستى يولى بار. بايقالغان،    زاپپىسى ئېنىقلانغان قىزىلما بايلىقلىرىدىن كۆمۇر، يۆمۇر   نىفىت، تەبى گاز، مانگان، ۋانادىي، ئالتۇن، كۇمۇش، مىس نىكېل، تۈز، گىلاۋبىرتۇزى، فۇلۋىك، كىسلاتتا، تاش ماتىريال، قاتارلىق.  76 خىلى بار. بۇنىڭ ئىچىدە فۇلۋىك كىسلاتانىڭ زاپاس مىقدارى دۇنيا بۇيىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. گىرانىت ،تاشلاردىن تەڭرىتاغ كۆكى يۇلتۇزلۇق قاتارلىق قىممەتلىك كۆك گىرانىتلار     دۆلىتىمىزدە پەقەت مۇشۇ يەردىنلا چىقىدۇ. ياۋايى ھايۋانات بيلىقىدىن يىلپىز، قۇڭۇر ئېيىق، قىزىل تۇلكە،ئاق ئاغمىخان   قاراتايغان، بۇغا، سۇلەيسۇن ئارقان، جەرەن قاتارلىقلار بار .  ياۋا دورا ئۈسۇملۇك بايلىقىدىن زاراڭزا، چاچ سەي، سوغاگۇل يالغان مىھرىگىيا، ئەنجۇدان، قانتىپەر، پەربۇن، يالپۇز قۇنچاققول، چاكاندا، تاغ لەيلىدى قاتارلىقلار بار. قۇمۇل ۋىلايىتى   مۆتىدىل بەلۋاغ چوڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكىقۇرغاق ئقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرچە تىمپىراتۇرسى 5.2 سېلسىيە گىرادوس، يىللىقئوتتۇرچە ھول-يىغىن مىقدارى 121.00مىللىمىتىر يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2124.7 مىللىمىتىر يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 163 كۇن.
ئىگىلىك ئىقتىسادى:
   قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ زىمىنى كەڭ، ماددى ئەشيا بايلىقى مول، يىرىم مۇنبەت بۇلۇپ،دېھقانچىلىقتا بۇغداي، پاختا، قولماق ، ئۈزۈم، قوغۇن، چىلان، قاتارلىقلار چىقىدۇ.   بۇنىڭ ئىچىدە ئۈزۈم، قوغۇن ۋە چىلان دۆلەت ئىچى سىرتىغا مەشھۇر. سانائەت ئاساسى بىر قەدەر ياخشى بۇلۇپ، ئېنىرگىيە خېمىيە سانائىتى ۋە كانچىلىق كەسپى نىسپەتەن تەرەقىي قىلغانئاساسلىق تۇرلەردىن كۆمۇر، ئېلىكتېر ئېنىرگىيىسى،تۇقۇمچىلىق قۇرۇلۇش ماتىريالى، تاش ماتىريالى، ئالتۇن قىزىش، نىئورگانىڭ تۇزخېمىيە سانائىتى، سانائەت مەھسۇلاتلىرىدىن  ،   تۆمۇر رودىسى، سىمۇنت، گىرانىت، پاختا يىپ، كۆمۇر، ئۈزۇمھارىقى، سۇيۇقلۇق سۈت خام تۈز قاتارلىقلار  بار.
قاتناش سانائەتچىلىكى:
   قۇمۇل ۋىلايىتى«شىنجاڭنىڭ چوڭ دەرۋازىسى»دېگەن نامغا ئىگە بۇلۇپ، لەنجۇ شىنجاڭ تۆمۇر يولى، دۆلەت تاشيولىنىڭ 312-لىنيىسى ۋىلايەت تەۋەسىدىن كىسىپ  ئۇتۇپ تاشيول تۆمۇر يولىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ «قان تومۇر»شەرىقتىن غەرىپكەقوش يۆلىنىشلىك تارقالغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۇرگەن. ئۆلكەيولىنىڭ 302-، 303لىنيىلىرى قۇمۇلنى  تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئاساسلىق تاش يولغا تۇتىشىاۇ. تۆمۇر تام دۆلەت 1-دەرىجىلىك پورتى شىنجاڭنىڭ مۇڭغۇليەگە ئېچىلغان مۇھىم سودا يولى قۇمۇل ئىلگىرى قەدىمى شەھەر قەدىمى قەبرە، قىياتاش سىزىملىرى قاتارلىق يادىكارلىقلار، نامى جۇڭگۇ ۋە دۇنياغا مەشھۇر بولغان قارادۆۋە قەدىمىي قەبرىلىرى، تاغلىرى، سۇلىرى قاراڭغۇ ئورمانلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان ئاقتاش مەنزىرە رايونى ۋە قىياتاش سىزىملىرى،لاپچق قەدىمى شەھەر خارابىسى ۋە بەيياڭگۇ جىلغىسى ئىبادەت خانىسى، ئاجايىپ ئوخشىتىپ ياسالغان خىلمۇ-خىل قىياپەتلىكى كۇڭمىڭلۇ تەبىي غەلىتە تاشلىرى، شەيتانكەرىش ۋە ئەتراپى يايلاق بىلەن ئورالغان ھەيۈەتلىك سار چوققا قاتارلىقلار بار.       

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 602 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01