ئىتالىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە گىرىبى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى:
   ئىتالىيىنىڭ دۆلەت نامى گرېك تىلى «ئىتالوس » تىن ئۆزگەرگەن بولۇپ « كالا» دېگەن مەنىگە ئىگە ، بۇ ئىتالىيەنىڭ ئەينى يىللاردا كالا باقمىچىلىقى تەرەققى قىلغان زىمىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىتالىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى يېشىل، ئاق ۋە قىزىل رەڭلىك تىك يوللۇق بايراق بولۇپ فىرانسىيەنىڭ بايرىقىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن.  تارىختا ئىتالىيىمۇ فراىسىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا ئوخشاش بايراقنى ئىشلەتكەن. خاتىرىلىنىشىچە، 1796 - يىلى، ناپالېئوننىڭ ئىتالىيە پولكى ئۇرۇش داۋامىدا ناپالېئون ئۆز قولى بىلەن لايىھىلىگەن يېشىل، ئاق ۋە قىزىل يوللۇق بايراقنى ئىشلەتكەن. 1861 - يىلى، ساردىنىيە پادىشاھى ئىتالىيىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن يېشىل، ئاق ۋە قىزىل تىك يوللۇق بايراقنى ئىشلىتىشنى ھەمدە بايراقنىڭ بۇلۇڭغا ساۋويە خاندانلىقىنىڭ كرېسىتلىك قىزىل قالقان شەكىلدىكى گېربىنى قوشۇشنى قارار  قىلغان.  1946 - يىلى ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى بايراقتىكى گېرب بەلگىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان. دۆلەت بايرىقىدىكى يېشىل رەڭ ئاپىننىن يېرىم ئارىلىدىكى گۈزەل زېمىنن،ئاق رەڭ ئالىپ تاغلىرىدىكى ئاپئاق قارنىڭ رەڭگىنى بىلدۈرگەن ھەمدە تىنىچلىق ۋە ئادالەتنىڭ يۈكسەك روھىغا سىمۋول قىلىغان؛ قىزىل رەڭ ۋەيەنپەرۋەرلىك ئىسسىق قېنىنى خاتىرلەش ئۈچۈن بېرىلگەن ھەم ئەركىنلىك، بارەۋەرلىك ۋە دوستلۇقنى نامايان قىلغان.
  

 ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت  گىرىبى:

 

     ئىتالىيە دۆلەت گېربى 1948 - يىلى پادىشاھلىق تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن  تۈزۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى چۆرىسى قىزىل بەش بۇرجەكلىك ئاق يۇلتۇزدۇر. ئۇ ئىتالىيە مىللەتچىلىرىنىڭ بەلگىسى؛ ئىتالىيىنىڭ تەرەققى تاپقان سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئىخچام سىزىلغان بىر چىشلىق چاق بىلەن ئىپادىلەنگەن. دۆلەت گېربى كۈچ ۋە تىنىچلىقنىڭ سىمۋلى بولغان كاۋچۇك شېخى بىلە زەيتۇن شېخى ئارىسىغا ئېلىنغان، بىر قىزىل لېنتىغا گىرەلەشتۈرۈلۈپ قويۇلغان ئىككى شاخ باغلانغان بولۇپ، لېنتىنىڭ ئۈسىتگە «ئىتالىيە جۇمھۇرىيتى» دېگەن خەت يېزىلغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 526 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01