ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى.(ئەنگىلىزچە: Italian Republic ، ئىتالىيانچە :la Repubblica Italiana
پايتەختى :رىم . نوپۇسى 4مىلىيۇن 157مىڭ (2007-يىلى 9-ئايدىكى ستاتىكا).
   نوپۇسى: 58،147،733 (2007-يىل ئاخىرىدىكى ستاتىكا )،بۇنىڭ ئىچىدە %38 نى ئىتاليانلار ، 15%نى لومباردىيانلار، 10%نى كالابرىيانلار، 8%نى سىتسىلىيىلىكلەر، 6%نى پىئودمونتلار، 4%نى ۋېنتسىيىلىكلەر، 2%نى ئېمىلىيانلار، 2%نى لىگۇرىيانلار، 2%نى ساردىنىيىلىكلەر، 1%نى نېمىسلار، 1%نى فىرانسىيىلىكلەر ئىگەللەيدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە 1مىلىيۇندىن  كۆپرەك ئەرەب، 200مىڭغا يېقىن ئالبان كۆچمەنلىرى، 200مىڭدىن كۆپرەك ئافرىقىلىق مۇسۇلمان كۆچمەنلەر بار. ئىتالىيان تىلىنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ. ئاھالىنىڭ %90 رىم كاتۇلىك دىنغا ،%2ئىسلام دىنغا ئىتىقاد قىلىدۇ، دىنسىزلار ۋە باشقا دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغانلار % 8 ئىگلەيدۇ.
 يەر مەيدانى: 301مىڭ230كۋادىرات كىلومېتىر. يازلىق ئوتتۇرچە تىمپۇراتۇرسى 25، قىشلىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 5سىلسىيە گىرادۇس.
پۇلى: ياۋرۇ .  2002-يىلىدىن باشلاپ ئىتالىيە لىرا ئوبوروتىنى رەسمىي توختىتىپ، ياۋرۇنى ئىتالىيەنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇلى قىلىپ ئىشلتىشنى باشلىغان. ئىتالىيە تۇنجى تۈركۈمدە ياۋرۇ ئىشلەتكەن دۆلەتنىڭ بىرى.
 ئىقتسادىي: ئىتالىيە يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان سانائەت دۆلىتى. تەبئىي بايلىقى كەمچىل بولۇپ، خام ماتېرىيال ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسى جەھەتتە زور دەرىجىدە ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىغان بولۇپ،ئۇچتىن ئىككى قىسىم دەسلەپكى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئىمپورت قىلىدۇ. يىمەكلىك ، كىيىم-كېچەك، قول-ھۈنەر سەنئەت، كانچىلىق ، نېفىت پىششىقلاش،كېمىسازلىق ۋە ماشىنىسازلىق سانائىتىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلار كۆپ، سانائەت قۇرۇلمىسىنىڭ تارقىلىشى تەكشى. ئىتالىيە ياۋروپادىكى كونا سانائەت دۆلىتى بولۇپ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى دۇنيادا 7-ئورۇندا ئورۇندا تۇرىدۇ.
       ئىتالىيە زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى يازدا قۇرغاق، قىشتا ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق بولغان ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان، ماشىنلىشىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى. ياۋروپادىكى ئەڭ داڭلىق زامانىۋىلاشقان گۈرۈچ تېرىلغۇ ئېتىزى ھېسابلىنىدىغان  پو دەرياسى تۈزلەڭلىكىدىن باشقا زېمىنىدا تاغلىق كۆپ، تۈزلەڭلىكلىرى پارچە بولغاچقا يېزا ئىگلىك تېرىلغۇ يېرىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى ئىتالىيە زىمىننىڭ 10%گە توغرا كىلىدۇ.   مىۋە -چىۋە كۆكتاتلاردىن باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ئاساسەن ئىمپورتقا تايىنىدۇ. ساياھەتچىلىك ، قاتناش- ترانسپورت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.
   ئىتالىيەدە پۇقرالارنىڭ ساپاسى يۇقىرى، ئاھالىنىڭ 23% ئالى مائارىپ سەۋىيىسىگە ئىگە.ئۇنۋىرسسال مىللى  ئىشلەپچقىرىش قىممىتى : $1تېرلىيۇن800مىلىيارد دوللار (2007-يىلدىكى ستاتىكا ).كىشى بېشغا توغرا كېلىدىغان مىللى ئىشلەپچقىرىش قىممىتى 31000$ (2006-يىلدىكى ستاتىكا )،يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى : %2
   ئىتالىيەدە بېكىتىلگەن خاتىرە كۈنلەردىن ئىتالىيەنىڭ بىرلىككە كېلىش كۈنى: 3-ئاينىڭ 17-كۈنى( 1861-يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقى سىتسىلىيەنى ئىشغال قىلىپ رىم پاپىسى رىم شەھرىدىن چېكىنگەن كۈنى)، ئازاتلىق كۈنى:4 -ئاينىڭ 25-كۈنى(مۇسسۇلىن ھاكىمىيىتى يوقىتىلىپ نورمال دىموكراتىك تەرتىپ ئورنىتىلغان كۈنى)، دۆلەت بايرىمى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى(1946-يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىق تۈزۈمدىن قۇتۇلۇپ جۇمھۇرىيەت قۇرغان كۈنى) قاتارلىقلار بار.
  قىسقىچە تارىخى: مىلادىدىن ئىلگىرى ئىتالىيە چېگىرىسى ئىچىدە گېرمانلار ئولتۇراقلاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 8-ئەسىردە دەسلەپكى شەھەر دۆلەتلىرى بارلىققا كېلىپ رىم شەھرى قۇرۇلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە رىم شەھرى ئەتراپتىكى باشقا شەھەر دۆلەتلىرىنى تەدرىجى بويسۇندۇرۇپ تەدرىجى قۇدرەتلىك رىم ئىمپېرىيىسى شەكىللەندۈرگەن ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردە ئىسپانىيە ۋە گىرىتسىيەنى بويسۇندۇرغان ئىمپىراتۇر كايسارنىڭ دەۋرىدە گاللىيە(فىرانسىيە)، ئوكتاۋىئۇسنىڭ دەۋرىدە مىسىرنى بويسۇندۇرغان. ئىمپىراتۇر كونىستانتىننىڭ دەۋرىدە خىرىستان دىنىنى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ دۆلەت دىنى قىلغان مىلادى 4-ئەسىردە ئىمپېرىيە ئىككىگە پارچىلىنىپ ئىتالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربى رىم ئىمپېرىيىسىنى گوتلار(گېرمانىيە) يوقاتقان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىتالىيە زېمىنى نۇرغۇن ئۇششاق دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈپ كېتىپ گاھ ھۇنلارنىڭ گاھ ئەرەبلەرنىڭ، گاھ نورۋىگىيىلىكلەرنىڭ ئىشغالىيىتىدە ياشىغان. ئەرەپلەرنىڭ تەسىرى بىلەن قايتا يېتىپ كەلگەن قەدىمقى گىرىك مەدەنىيتىنىڭ ئويغىتىشى ئارقىسىدا  11-ئەسىردە ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى كېنەزلىكلەردە دەسلەپكى قەدەمدە كاپىتالىزىم بىخلىرى پەيدا بولۇپ دۇنيادىكى تۇنجى ھازىرقى زامان ئالى مەكتىپى -پولونىيە ئۇنىۋېرسىتى بارلىققا كەلگەن. 15-ئەسىرگە كەلگەندە، فىلورېنسىيەنى مەركەز قىلغان شىمالى ئىتالىيەدە مىكىلانجىلو، رافىللو، داۋىنچىدەك داڭلىق رەسساملار، دانتىدەك مەشھۇر يازغۇچىلار بارلىققا كېلىپ پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ئەدەبىيات سەنئەت ئويغىنىش ھەركىتى باش كۆتەرگەن.  ياۋروپانىڭ  گېنۇيە ۋە ۋېنىتسىيەلەردە سودا ھەركىتى جۇش ئۇرۇپ پۈتكۈل ئوتتۇرا دېڭىز سودىسى ۋېنتسىيە ۋە گېنۇيەلىكلەرنىڭ قولىغا مونوپول بولغان. 16-ئەسىردىن باشلاپ جەنۇبى ئىتالىيە ئىسپانىيەنىڭ، غەربى شىمالى ئىتالىيە فىرانسىيەنىڭ، شەرقى شىمالى ئىتالىيە ئاۋىستىرىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. 1848-يىلىدىكى ئىنقىلاپتىن كېيىن ئەسلىدىكى گىنۇيە پادىشاھلىقىنى مەركەز قىلغان ساردىنىيە پادىشاھلىقى توسكاناغا قەدەربولغان زىمىننى بويسۇندۇرغان. 1861-يىلىىغا كەلگەندە ئىسپانىيە، ئاۋستىرىيە ۋە فىرانسىيەلەرنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى سىتسىلىيە، ۋېنتسىيە ۋە لومباردىيە، رىم قاتارلىق جايلار بىرلىككە كېلىپ ئىتالىيەنىڭ ھازىرقى زامان مۇساپىسى باشلانغان. بىرلىككە كەلگەن ئىتالىيە تەدرىجى كۈچىيىپ ئافرىقىدىكى جەنۇبى سۇمالى ۋە ئېرىتېرىيە قاتارلىق جايلارنى مۇستەملىكە قىلىۋالغان. 1914-يىلى ئەنگىلىيە فىرانسىيەلەر بىلەن بىر سەپتە ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسىگە قارشى1- دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ غەلىبە قىلغۇچىلار قاتارىدا ئۇرۇشتا يېڭىلگەن تۈركىيەدىن لىبىيەنى بۆلۈۋالغان. 1921-يىلى مۇسسۇلىن باش ۋەزىر بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمىرانلىقىنى يولغا قويغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ،1945-يىلى 4-ئايدا مۇسسۇلىننىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغان.  ئۇرۇشتىن كېيىن لىبىيە، ئېرىتېرىيە، جەنۇبى سۇمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مۇستەملىكىسىدىن ۋاز كەچكەن. 1945-يىلى 6-ئايدا ئىتالىيە پارلامېنتى يىغىن چاقىرىپ پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ئورناتقان.
   2007-يىلى ئىتالىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى 1.9%، سانائەت 28.8%، مۇلازىمەت 69.3%نى ئىگەللىگەن بولۇپ، -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى25مىلىيۇن 433مىڭ، يانپون ئابونتى 71 مىليۇن231مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 28مىلىيۇن855مىڭ بولغان.[admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 0:06:11]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 798 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01