ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئىتالىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
    1848-يىلىدىكى ياۋروپا ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىتالىيىنىڭ غەربى شىمالىدىكى ساردىنىيە ئارىلى ۋە پو دەرياسى تۈزلەڭلىكىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساردىنىيە پادىشاھلىقى توسكانىيە بەگلىكى، مودىنا بەگلىكى، پارما بەگلىكى ۋە لۇككا بەگلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئىتالىيىنىڭ غەربى شىمالىدىكى بىر قەدەر باي، نوپۇسى زىچ بولغان زېمىننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ تۇنجى قەدەمنى ئوڭۇشلۇق باسقان ئىدى. رىمنى مەركەز قىلغان پاپاغا قاراشلىق زىمىن، ئاۋستىرىيە ئىشغالىدىكى ۋېنىتسىيە ۋە ئىسپانىيە ئىشغالىدىكى  ئىككى سىتسىلىيە يەنىلا بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئازات قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇراتتى.
    1860-يىلى كىرىشى بىلەن تەڭ ئىسپانىيەنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇستەملىكىلىرى ئارقا-ئارقىدىن قوزغىلاڭ كۆتىرىپ ئىسپانىيە ئارمىيىسىنى تۇتۇپ تۇرۇش بىلەن بىللە ئارمىيەنىڭ مالىيە ۋە ئەسكىرى كۈچىنى خورىتىۋەتتى، نەتىجىدە پۇرسەتتىن پايدىلانغان سىتسىلىيىلىكلەر ھەربى ئالىم جۇسىپى گارىبالدىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈردى، سىتسىلىيە يېرىم ئارىلى قىسمى ئازاد قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن 5-ئاينىڭ15-كانى گارىبالدى باشچىلىقىدىكى قوشۇن سىتسىلىيىنىڭ غەربى قىرغىقىدىن كالاتافىمدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئىسپانىيە ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. ئەتىسى گارىبالدى قوشۇنى سىتسىلىيەنىڭ مەركىزى ناپلېسنى ئىشغال قىلدى. بۇ پۇرسەتتە ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى كاۋۇر سىتسىلىيەگە ئەسكەر چىقىرىپ سىتسىلىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. گارىبالدى گەرچە ئىنقىلابنى داۋاملىق كېڭەيتىپ دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى ئويلىسىمۇ بىراق كۆز ئالدىدىكى ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ «يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن، بىرلىككە كەلگەن ئىتالىيىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش بىلەن دۇنياغا كۆز ئېچىشىنى» خالىمىدى ۋە ئۇمۇمى خەلق ئاۋازى بېرىشكە قوشۇلدى. نەتىجىدە سىتسىلىيە ئارىلى ۋە جەنۇبى ئاپىنىن يېرىم ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ جەنۇبى ئىتالىيە ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇلدى. 1861-يىلى 3-ئايدا تۇرىندا يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ بىرلىككە كەلگەن ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.
    رىم پاپاسى ئىشغال قىلىپ تۇرغان زىمىندا فىرانسىيە قوشۇنلىرى بار ئىدى، ۋېنتسىيەدە ئاۋستىرىيەنىڭ خىل قوشۇنى بار ئىدى. يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن  ئىتالىيە بۇ ئىككى كونا جاھانگىر بىلەن بىرلا ۋاقىتتا توقۇنۇشۇپ قېلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. ئىتالىيە باش ۋەزىرى كاۋۇر ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى دۈشمىنىگە ئورتاق دۈشمەن بولغان پىرۇسىيەنى ئېسىگە ئېلىپ پىرۇسىيە بىلەن ئاۋستىرىيىگە قارشى يۇشۇرۇن ئىتىپاق تۈزدى. گېرمانىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارزۇسىدىكى پىرۇسىيەگە نىسبەتەن ئاۋىستىرىيە ئىمپىرىيىسى ئەڭ چوڭ رەقىب ئىدى. 1866-يىلى پىرۇسىيە ئاۋستىرىيەگە ھۇجۇم قوزغاپ غەلبىگە ئېرىشتى، پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئىتالىيەمۇ ۋېنتسىيەگە ئەسكەر چىقىرىپ ئىتالىيانلار ئولتۇراقلاشقان ۋېنتسىيەنى قولغا كەلتۈردى. 1870-يىلى پىرۇسىيە فىرانسىيەگە ھۇجۇم قىلدى، لۇئى بۇناپارت رىمدا تۇرۇشلۇق قوشۇنلىرىنى پىرۇسىيەگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قايتۇرۇپ كەتتى، ئىتالىيە پادىشاھلىقى ۋە گارىبالدى قوشۇنلىرى رىمغا ئەسكەر كىرگۈزدى. پاپا ۋاتىكانغا چېكىنىپ رىمنى ئىتالىيە پادىشاھلىقىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئىتالىيىنىڭ بىرلىكى ئاخىرقى ھىساپتا ئورۇنلاندى. ئىتالىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشى ئىتالىيىدىكى ئەسلىدىنلا ناھايىتى تەرەققى قىلغان ئۇششاق كاپىتالىزىمنىڭ تەرەققىياتىنى كەڭ بازار بىلەن تەمىنلىدى، ئەسىرلەر بويى پارچىلىنىپ كەتكەن، باشقا مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇز نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان كونا رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بۆشۈكى بولغان ئىتالىيە، ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 371 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01