ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

چاناق قەلئە ئۇرۇشى - The Dardanell War

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 5 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

چاناق قەلئە بوغۇزى تەخمىنەن 70 كېلومىتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، ئەڭ كەڭ يېرى 7800 مېتىر، ئەڭ تار يېرى 1300 مېتىر. چاناق قەلئە بوغۇزىدا سائىتىگە 5 كىلومېتىر سۇرئەت بىلەن ئاققان بىر سۇ ئۇستى ئېقىمى ۋە ئەكسى تەرىپىگە ئاققان بىر سۇ ئاستى ئېقىمى بار. بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىرىدا چاناق قەلئە بوغۇزى ( تۇركچىسى- Canakkale, ئىنگىلىزچىسى - Dardanell ) ئىنتايىن مۇھىم بىر سىتراتېگىيەلىك نۇقتىغا ئايلاندى. ئەگەر بۇ دېڭىز بوغۇزى تۇركلەرنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىنپ ئوتتۇرا دېڭىزغا ئېچىلسا، رۇسىيە دۇنيانىڭ بايلىق مەنبەلىرىدىن پايدىلىنالايتتى تېخىمۇ مۇھىمى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەر خىل ياردەملىرىنى ئالالايتتى. يەنە بىرسىگە رۇسىيەنىڭ تارىختىن بۇيانقى دەردى بولسا، قارا دېڭىزنىڭ كونترولىنى پۇتۇنلەي قولىغا ئېلىپ، ئىستانبۇل بوغۇزىنى ئىشغال قىلىپ ئۇ يەردىن چاناق قەلئە بوغۇزىغا ئۆتۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا چىقىدىغان بىر دېڭىز يولى تېپىش ئىدى. چۇنكى ئوتتۇرا يەر دېڭىزى دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم سىتراتېگىيەلىك دېڭىزى بولۇپ، رۇسىيە بۇ دېڭىزدا چوقۇم ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىشنى خالايتتى. ئەمما ئوتتۇرا دېڭىزغا چىقىدىغان بىردىنبىر يول بولغان چاناق قەلئە بوغۇزى تارىختىن بېرى تۇركلەرنىڭ قولىدا بولۇپ كەلدى. بۇ بەلكى جانابى اللە نىڭ بىر ھىكمىتى بولسا كېرەك.

شۇنداق قىلىپ 1914- يىلى 11- ئاينىڭ 3- كۇنى ئەنگىلىيە چاناق قەلئەگە ھۇجۇم باشلىدى. چاناق قەلئەنى ئىشغال قىلىپ ئارقىدىن تۇركلەرنىڭ قەلبى بولغان ئىستانبۇلنى ئېلىپ، ئەڭ ئاخىرقى ئىسلام ئىمپېراتورلىقىنى مۇنقەرىز قىلىش پىلانىنى تۇزگەن كىشى بولسا 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل ئىدى. چېرچىل بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەنگىلىيە دېڭىز مىنىستىرى ئىدى. ئەنگىلىيەنىڭ بۇ بىرىنجى ھۇجۇمى سىناپ بېقىش بولۇپ، تۇركلەرنى ھىچقانچە قىينالماي يېڭىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. رەسمى چوڭ ئۇرۇش بولسا 1915- يىلى 3- ئاينىڭ 18- كۇنى باشلىدى. شۇنداق قىلىپ ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، گرىتسىيە، ئۇ ۋاقىتتىكى دۇنيانىڭ ئەڭ كۇچلۇك ئارمىيەسى بولغان ئىنگىلىزلارنىڭ قوماندانلىقىدا تۇركىيەگە رەسمى ھۇجۇمنى باشلىدى. ئاۋىسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە ۋە كانادادىن 250 مىڭ ئەسكەر ياردەمگە كەلدى. رۇسلار بولسا چاناق قەلئە بوغۇزىنىڭ گرىتسىيەگە بۆلۇپ بېرىلىشىدىن قورقۇپ، دەرھال 40 مىڭ كىشىلىك بىر قوشۇننى ئەنگىلىيەنىڭ ياردىمىغا ئەۋەتىش توغرۇلۇق پەرمان چىقاردى. ئەمما ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە چاناق قەلئە بوغۇزىنى رۇسلارغا بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلدى ۋە رۇسلارنىڭ تۇركىيەگە قارا دېڭىزدىن ۋە شەرىقتىن تېخىمۇ شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئاخىرىدا ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىشقا كېلىشتى. يەنى پۇتۇن ياۋروپا تۇركىيەگە قارشى بىرلەشتى، ھەتتا ئامېرىكا ۋە ئوكيانىيە قىتئەسىدىن نەچچە يۇز مىڭ ئەسكەر كەلدى. مەخسەت تۇركلەرنى يەر يۇزىدىن مەڭگۇلۇك يوق قىلىش، تۇركلەرنىڭ ياۋروپاغا قىلغان 500 يىللىق ھۇكۇمرانلىقىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئىدى.

1915- يىلى 18- مارت كۇنى 18 چوڭ ئۇرۇش پاراخوتى، 109 ھۇجۇمچى پاراخوت، 308 ئەسكەر توشۇش كېمىسى ۋە يۇزلەرچە ئايرۇپىلان بىلەن نەچچە يۇزمىڭلىغان ئەسكەر دېڭىزدىن، قۇرۇقلۇقتىن ۋە ھاۋادىن چاناق قەلئە بوغۇزىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ چاغدا ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ ئاساسلىق قوشۇنلىرى بالقان يېرىم ئاراللىرىدا، كافكاسىيەدە ۋە ئوتتۇرا شەرىقتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ھەربى، ئىقتىسادى كۇچى ئىنتايىن ئاجىزلىغان ئىدى. بۇ كۆرۇلۇپ باقمىغان غايەت زور ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. پۇتۇن دۇنيا تۇركلەر تۇگەشتى دەپ ئويلىغان ئىدى ۋە ھىساپ - كىتاپ، پىلانلىرىنى بۇنىڭغا ئاساسەن تۇزۇپ بولغان ئىدى. چاناق قەلئەنى قوغداش ئۇچۇن مۇستافا كامال قوماندانلىقىدىكى 19- تۇمەن مۇداپىئەگە ئۆتتى. ياۋروپا ئارمىيەسى باشتا دېڭىزدىن ھۇجۇم باشلىدى، ئەمما ئىنتايىن شىددەتلىك بىر قارشىلىققا دۇچ كەلدى، نەچچە ئونلىغان پاراخوتلىرى ۋە مىڭلىغان ئەسكەرلىرى ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋادىن تەڭ ھۇجۇم باشلىدى. قىرغاقلارنى قورقۇنۇچلۇق بىر بومباردىمانغا تۇتتى، پۇتۇن چاناق قەلئە شەھىرى تۇپتۇز بولۇپ كەتتى. قىرغاقتىكى تۇرك زەمبىرەكلىرى ئېتىشتىن توختىغان ئىدى. دۇشمەنلەر ھىچكىم ساق قالمىدى دەپ ئويلاپ پۇتۇن كۇچى بىلەن چاناق قەلئە بوغۇزىنىڭ ئىچىگە ئىلگىرلەشكە باشلىدى. ئەمما مۆجىزە يۇز بەردى، ئالدىدا ماڭغان كېمىلەر تۇيۇقسىز پارتىلاپ سۇغا پېتىشقا باشلىدى. ئەسلىدە ئالدىدا ماڭغان كىمىلەرنىڭ ھەممىسى سۇ ئاستى مىنالىرىغا سوقۇلغان ئىدى. ئارقىدىن قىرغاقتىكى ساق قالغان تۇركلەر قايتىدىن زەمبىرەكلەر بىلەن توپقا تۇتۇشقا باشلىدى. نىمە قىلىشىنى بىلمەي تەمتىرەپ كەتكەن دۇشمەن كېمىلىرى دەرھال چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. قۇرۇقلۇقتىكى ئۇرۇش بولسا تېخىمۇ شىددەتلىك بولدى. ھەر ئىككى تەرەپتىن ئىنتايىن جىق ئادەم ئۆلىۋاتقان ئىدى. تۇرك ئەسكەرلىرى بولسا قورال- ياراقلىرى تۇگىگەن، ئىنتايىن ئاز قالغان ئىدى. دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇرۇشنى توختۇتۇپ ئۆلۇكلەرنى يىغىش ئېلىپ بېرىلدى. چۇنكى ئۆلگەن ئادەمنىڭ جىقلىقىدىن يەرلەردە مېڭىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەمما تۇركلەر ھەيران قالغۇدەك بىر جاسارەت بىلەن ئۇرۇشۇۋاتاتتى، ئاناتولىيە تۇپراقلىرىنىڭ باغرىدىن چىقىپ كەلگەن، ھەممىسى بىر ئارسلان بولغان تۇرك ئەۋلاتلىرى بۇ مۇقەددەس تۇپراقلار ئۇچۇن ئۇرۇشىۋاتاتتى. ئارقىسىدا قالغان ئانىلار، ئاياللار، بالىلار قانلىق كۆز ياشلىرى بىلەن ئۇرۇشقا ماڭغان ئەۋلاتلىرىنى ئۇزۇتىۋاتاتتى. ھەممىسى بۇ ئازاپنى يۇرىكىگە كۆمگەن ئىدى. << بېرىڭلار >> دەۋاتاتتى، << بۇ تۇپراقلار ئۇچۇن ئۆلۇڭلار، شېھىت بولۇڭلار، ئەمما قايتىقىنىڭلاردا زەپەر مارشلىرى بىلەن قايتىڭلار>> دەۋاتاتتى. ئۇرۇش بۇ تەرىقىدە بىر يىلدىن جىق سۇردى. ھەر ئىككى تەرەپتىن ئىنتايىن جىق ئادەم ئۆلدى. ئەمما بۇ ئۇرۇش بىر مۆجىزە ئىدى، 67 تۇرك ئەسكىرىنىڭ تۇمەنلىگەن دۇشمەن قوشۇنىنى ھەپتىلەپ تۇتۇپ تۇرالىشىدەك مۆجىزىلەر يۇز بېرىۋاتاتتى، بەلكى اللە ئۇلارنى دۇشمەننىڭ كۆزىگە 67000 كۆرسىتىۋاتاتتى. يېڭى زىللاندىيە ئەسكەرلىرى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئاسماندىن چۇشۇپ دۇشمەنگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان سېرىق كىيىملىك كىشىلەرگە ئوخشاش مۆجىزىلەر يۇز بېرىۋاتاتتى. ۋە ئۇرۇشنىڭ تەغدىرىمۇ بىر مۆجىزە بىلەن ئاخىرلاشتى. بىر تۆپىلىكتە 3 تۇرك ئەسكىرى قالغان ئىدى. ئىككىسى ئېغىر يارىدار ئىدى. قالغان تۇرك ئەسكەرلىرى تامامەن قىرىلىپ تۇگىگەن ئىدى. دۇشمەنلەر ئاخىرقى قېتىم پۇتۇن كۇچىنى توپلاپ چاناق قەلئە بوغۇزىنىڭ ئىچىگە كىرىشكە باشلىدى. ئۇلارغا تاقابىل تۇرىدىغان بىر نەرسە قالمىغاندەك قىلاتتى. دۇشمەن قوشۇنلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ پاراخوتى بولغان << يېرىم دۇنيا >> ئىسىملىك پاراخوتى بار ئىدى. ساق قالغان 3 ئەسكەرنىڭ بىرى بولغان سەئىد ئونبېشى دۇشمەنلەرنىڭ تېز سۇرئەت بىلەن ئىستانبۇلغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى كۆردى، ياردەمچى قوشۇن تېخى كېلىپ بولالمىغان ئىدى. يېنىدا بىر زەمبىرەك بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بىر زەمبىرەك ئوقى قالغان ئىدى. ئەمما زەمبىرەكنىڭ ئوقنى قويۇش ئۇچۇن كۆتۇرىدىغان پۇتى سۇنغان ئىدى. ئوقنى قويۇش ئۇچۇن پەقەت قول بىلەن كۆتۇرۇپ زەمبىرەكنىڭ ئىچىگە قويۇش كېرەك ئىدى. ئەمما ئوقنىڭ ئېغىرلىقى 275 كىلوگىرام ئىدى !!! قانداق قىلىش كېرەك؟ ۋاقىت ئىنتايىن ئاز ئىدى. تۇيۇقسىز << ئاللاھۇ ئەكپەر >> دىگەن بىر نارە ئاڭلاندى ۋە سەئىد ئونبېشى 275 كىلولۇق زەمبىرەك ئوقىنى كۆتۇرۇپ تۇققۇز بالداقلىق پەلەمپەيدىن زەمبىرەكنىڭ يېنىغا چىقىپ، ئوقنى ئىچىگە قويدى. ۋە << ئى اللە! بۇ مۇقەددەس تۇپراقلارنى، ئالەمى ئىسلامنى، سەن ئەزىز قىلغان تۇرك مىللىتىنى كاپىرلارنىڭ ئالدىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتما، مۇسۇلمانلارنى بۇ كاپىلارنىڭ قولىغا چۇشۇرمە، يا ئاللاھۇ ئەكپەر >> دەپ زەمبىرەكنى ئەڭ چوڭ كىمىگە قارىتىپ ئاتتى. ۋە بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئوق ئۇ ئەڭ چوڭ كىمىنىڭ دەل ئوتتۇرىدىكى تۇرخۇنىدىن ئىچىگە كىرىپ شۇنداق شىددەت بىلەن پارتىلىدىكى، پۇتۇن چاناق قەلئە ئاسمىنى زىلزىلىگە كەلدى. ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان كىمە، سۇنىڭ ئىچىدە ئەتراپىدا پېقىراشقا باشلىدى، ۋە باشقا كىمىلەرگە سوقۇلۇشقا باشلىدى. بۇنى كۆرگەن دۇشمەن قوماندانلىرى يېڭى تۇرك تۇمەنى ياردەمگە كەلدى دەپ ئويلاپ دەرھال چېكىنىشكە بۇيرۇق قىلدى، ۋە ئوسمان ئىمپىرىيەسى بىلەن سۇلھى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. چۇنكى بۇ ئۇرۇشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ 1 مىليونغا يېقىن ئەسكىرى قاتناشقان ئىدى. ۋە ياۋروپادىكى .ئۇرۇش مەيدانلىرىغا جىددى ئەسكەر لازىم ئىدى. چاناق قەلئە ئۇرۇشى، بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنى 2 يىل ئۇزاتتى، ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ 1 مىليونغا يېقىن ئەسكىرىنىڭ ياۋروپا ۋە ئافرىقىدىكى جەڭ مەيدانلىرىدىن يىراق قېلىشىغا سەۋەپچى بولدى.

بۇ ئۇرۇشتا 500 مىڭدىن جىق تۇرك ئەسكىرى شېھىت بولدى. 300 مىڭ دۇشمەن ئەسكىرى ئۆلدى. ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئىنتايىن ئېغىر چىقىملارغا ئۇچرىدى.

چاناق قەلئە ئۇرۇشى- ئۇلۇغ رەھبەر مۇستافا كامال ئاتاتۇركنىڭ << مەن سىلەرنى ئۇرۇشۇشقا ئەمەس، ئۆلۇشكە ئەمىر قىلىۋاتىمەن >> دىگەن سۆزلىرى بىلەن پۇتۇنلەشكەن تۇرك ئەسكەرلىرىنىڭ ئەسىرىدۇر. بۇ تۇپراقلاردا ھازىر تۇرك ئەۋلاتلىرى ياتىدۇ... ئىسىمى مەخمەت، ئەلى، ئوغۇزخان، ئالپ ئارسلان... ۋە جورج، ئالېكس، ھېنرىي، توم... مىڭلارچە كىلومېتىر يىراقلىقتا ئۇلارنى سۆيىدىغانلارنى ئازاپ ئىچىدە تاشلاپ بۇ تۇپراقلاردا ياتىدۇ. ئاتاتۇرك ئۆلگەن دۇشمەن ئەسكەرلىرى ئۇچۇن: << ئۇلار بۇ تۇپراقلاردا ئۇرۇش قىلدى ۋە ھازىر بىزنىڭ ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ قاتارىدا ياتىدۇ >> دىگەن سۆزى، بەلكىم ئۇلارنى سۇيىدىغانلار ئۇچۇن ئەڭ ياخشى بىر تەسەللى ئىدى.
يۇرىكى يارا، ئەمما بېشى تىك تۇرك ئانىلىرىدىن بالىلىرى سورالغان چاغدا << يىگىت ئوغلۇمنى چاناق قەلئە ئۇرۇشىدا شېھىت بەردىم >> دەيتتى ئىپتىخار بىلەن.

بۇ ئۇرۇشتا تۇركلەرنىڭ غەلىبە قىلىشى دۇنيادا چوڭ بىر غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. بۇ ئۇرۇش - چىش تىرنىقىغىچە قۇراللانغان بىر كۇچنىڭ، ئىماننىڭ كۇچى ئالدىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بىر ئۇرۇش ئىدى. تۇرك خەلقى ئاسارەتنى ۋە قۇللۇقنى ئەسلا قۇبۇل قىلمايدىغانلىقىنى پۇتۇن دۇنياغا كۆرسەتتى. تۇركلەر قان بىلەن ۋە شان - شەرەپ بىلەن تۇرك ۋە دۇنيا تارىخىغا يېڭى بىر داستان يازدۇردى. ھازىرقى زامانىۋى، مەدەنى ۋە يېپ يېڭى تۇركىيە مانا بۇ قانلار بىلەن تازلانغان تۇپراقلاردا مەيدانغا كەلدى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 914 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01