تاتار مىللىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 تاتار مىللىتى

 

    تاتارلار رۇسىيە فىدىراتسىيەسىنىڭ تاتارىستان جۇمھۇرىيتىدە ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتكە چېگرىداش ھەر قايسى جۇمھۇرىيەت ئوبلاستلارغا مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بولۇپ 2007-يىلى يىل ئاخىرىدىكى سىتاتىسكىدا رۇسىيەدىكى تاتارلارنىڭ ئۇمۇمى نوپۇسى 5مىلىيۇن 890مىڭ بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىدە 2مىلىيۇن 100مىڭ بولۇپ تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇمۇمى نوپۇسىنىڭ 53%نى ، باشقىرتىستان جۇمھۇرىيىتىدە بىر مىلىيۇن بولۇپ باشقىرتىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇمۇمى نوپۇسىنىڭ 24% تەشكىل قىلغاندىن باشقا يەنە تۈمەن ئوبلاستىدا 250مىڭ، سىۋىردولوۋىسكى ۋە ئوليانوۋىسكى ئوبلاستىدا 170مىڭدىن،  چېليابىنىسكى ئوبلاستىدا 210مىڭ، موسكۋادا 170مىڭ، سامارا ئوبلاستىدا 130مىڭ، سانكىت پىتىربورگدا 50مىڭ، ئاستىراخان ئوبلاستىدا 100مىڭ، ئۇدمۇرت جۇمھۇرىيىتىدە 110مىڭ، ئورېنبورگدا 166مىڭ، پىرىم ئوبلاستىدا 140مىڭ، كېمېروۋ، سارىتاۋ، ئومىسكى، كىراسنويارىسكى، كىروۋ، موردوۋا جۇمھۇرىيىتى، مارىئېل جۇمھۇرىيىتى، چۇۋاش جۇمھۇرىيىتى قاتالىق جايلاردا 50مىڭدىن تارقالغان. ئۇنىڭدىن باشقا روسىيەنىڭ ۋە سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ھەممىلا جايلىرىدا دىگۈدەك تاتارلار ئولتۇراقلاشقان. تاتارلار يەنە رۇسىيەدىن سىرتقى دۆلەتلەردىن  ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى ( 650مىڭ) ، يەنە تاجىكىستان (100مىڭ)، قىرغىزىستان (40 مىڭ)، قازاقىستان (260 مىڭ)، تۈركمەنىستان (30 مىڭ)  ۋە تۈركىيە(130مىڭ)، سەئۇدى ئەرەبىستان(51مىڭ)، ئامېرىكا(29مىڭ)، ئاۋستىرالىيە(31)، گېرمانىيە(18مىڭ)، كانادا(3700) قاتارلىق ئەللەر ۋە رايونلارغىمۇ تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 8مىليۇنغا يېقىنلىشىدۇ ئاشىدۇ.
     تاتارلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ موڭغۇل، ھىندى - پامىر تىپى ۋە كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئارىلاشمىسىغا كىرىدۇ. ئالتاي تىللىرى سىستېمسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى بۇلغار تىللىرى ئائىلىسى(گاھىدا شىمالى تىللار ئائىلىسى دىيىلىدۇ)گە تەۋە تاتار تىلىنىڭ قازان، ئاستىراخان، سىبىرىيە قاتارلىق كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ئىدى، سوۋېت ئىستىلاسىدىن كېيىن سىلاۋيان يېزىقىنىمۇ قوللىنىپ كەلگەن.
    تاتارلار بارلىق تۈركى مىللەتلەرگە ئوخشاشلا تارىختا شامان، زەردۇشىت، بۇددا، مانىزم قاتارلىق قەدىمكى دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن. 10-ئەسىردە مۇسۇلمان بولغان، ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. لېكىن سانى 30مىڭ ئۆپچۆرىسىدە بولغان كەرشىنۋاي تاتارلىرى 16-18ئەسىرلەردە رۇسلارنىڭ مەجبۇرى ئاستىدا پىروۋىسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرۇلغان بولۇپ بۈگۈنگىچە پىروۋىسلاۋ بولۇپ كەلمەكتە.
    تاتارلار ناھايىتى بالدۇرلا شەھەرلەشكەن بولۇپ ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودىغا ماھىر مىللەت. تاتارلار ئاساسەن شەھەرلەشكەن بولۇپ دېھقان- چارۋىچىلار يوقنىڭ ئورنىدا .
    تاتارلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي مىللەت تۈركلەرنىڭ بىرقىسمى بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىردە شەرقى ياۋروپادىكى تۇنجى پادىشاھلىق ھىساپلانغان ئىفتالىتلار(ئاق ھۇن) خانلىقى ھازىر تاتارلار ياشىغان ئىدىل(ۋولگا) ۋادىلىرىغىچە كېڭەيگەن. كېيىن ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى ھۇن ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ياۋروپا يۈرۈشلىرىگە قاتناشقان. مىلادى 10- ئەسىردە ئاستىراخاندىكى  بۇلغار(ھازىرقى تاتار) خانى ئەرەپ خەلىپىلىكىنىڭ ئەلچىسىنى قوبۇل قىلىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن، 13-ئەسىردە تاتارلار ئولتۇراقلاشقان رايون چىڭگىزخان قوشۇنلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان.  14 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چاغاتاينىڭ تۈركلەشكەن  ئەۋلادلىرىدىن بولغان باتۇخان ئوتتۇرا ئاسىيادىن تەخمىنەن 400مىڭ ئەتراپىدا تۈركى خەلقنى ئەسكەر قىلىپ كەڭ روسىيە تۈزلەڭلىكىنى بويسۇندۇرغا ، قوشۇندىكى سانى 5مىڭغا يەتمەيدىغان موڭغۇللار تۈركلىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىديادىن بارغانلار ئەسلىدىكى تۈركى خەلق بۇلغارلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بۈگۈنكى تاتارلار شەكىللەنگەن. گۈللەنگەن ئالتۇن ئوردا پادىشاھلىقى شەرقتە سىبىرىيەدىن تارتىپ غەرپتە موسكۋا چېگرىسىغىچە، جەنۇپتا ئاستىراخاندىن شىمالدا مۇز ئوكيانغىچە  بولغان كەڭ زىمىننى بويسۇندۇرۇپ مەدەنىيەتلىك دۆلەت قۇرغان. 15 - ئەسىردە ئالتۇن ئوردا خانلىقى پارچىلىنىپ قازان خانلىقى، ئاستىراخان خانلىقى، قىرىم خانلىقى، سىبىرىيە خانلىقى قاتارلىق ئۇششاق بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1565-يىلى رۇسلار قازان خانلىقىنى ئىشغال قىلىپ دەھشەتلىك ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغا ۋە قازان تاتارلىرىنىڭ 70% بۇ قىرغىنچىلىقتا قىرىپ تۈگىتىلىپ قالغان ئاز ساندىكىلىرىنىڭمۇ نۇرغۇنلىرى باشقا جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان.
    دۇنيادا تاتارلاردەك ئېغىر مىللى ئىكىسپولاتسىيەگە ئۇچرىغان ئىككىنچى مىللەتنى تاپماق تەس. ئۇلار 4ئەسىر مىللى كىملىكىنى قوغداش يولىدا ئۈن-تۈنسىز كۈرەش قىلىپ سانسىز قىرغىنچىلىق، مەجبۇرى ئاسمىلاتسىيا، دىن ئۆزگەرتىش، ئۆز يۇرتىدىن تۈركۈملەپ سۈرگۈن قىلىنىشتەك تەقدىرلەرگە يۈزلىنىپمۇ ئۆزىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيتىىنى ناھايىتى ياخشى ساقلاپ كېلىش بىلەن بىرگە رىزائىدىن پەخرىدىن، ئابدۇللا توقاي قاتارلىق ئالىملار  ۋە سانسىز بىجاندىل تۆھپىكارلار ئارقىلىق ئەتراپتىكى تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئويغىنىشىغا تۈرتكە بولغان.      1917 - يىلى سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ، تاتارلار تاتارىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ مىللى كىملىكى قىسمەن كاپالەتكە ئىگە بولغان. 1924 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى «تاتارىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيتى» قۇرۇلغان ۋە رۇسىيە فىدىراتسىيەسىنىڭ تەركىۋى سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان؛
    1990 - يىلى تاتارسىتان سوۋېتى (جۇمھۇرىيەت پارلامېنتى) «ئىگىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى» نى ماقۇللىغان. 1991 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. ئەممە بىر يېرىم يىلدىن كېيىن قايتىدىن رۇسىيە بىلەن شەرتنامە تۈزۈشۈپ موسكۋا بىلەن تەڭ ھوقۇقلۇق فىدىراتسىيە كېلىشىمىگە قول قويغان. نۆۋەتتە تاتارلار رۇسىيەدە  رۇسلاردىن قالسا ئىككىنچى چوڭ مىللەت، تاتار   تىلى روسىيە فىدىراتسىيەسى تەۋەسىدە رۇس تىلىدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ تىل بولۇپ تاتار تىلىدا باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتلار دەرسى ئۆتۈلىدۇ. تاتار تىلىدا گېزىت ژورنال، كىتاپلار نەشىر قىلىنىشتىن سىرت فىلىملەر ئىشلىنىۋاتىدۇ...

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1100 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01