ھۇنلارنىڭ تىلى ۋە ئېتنىك تەۋەلىكى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ھۇنلارنىڭ تىلى ۋە ئېتنىك تەۋەلىكى
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

   ھۇنلار قەدىمدە ئوتتۇرا ۋە شىمالى ئاسىيادا  ياشىغان قەۋم بولۇپ، شەرقى ۋە ئوتتۇرا-شىمالى ئاسىيانىڭ  مىلادىدىن بۇرۇنقى بارلىق ئەسىرلىرىنى ئۇلارسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا ھۇنلار زادى قانداق مىللەت، ئۇلار قايسى تىلدا سۆزلەشكەن؟
   كۆپچىلىك بىرلىككە كەلگىنى شۇكى، ئاسىيادىكى يەرلىك مىللەتلەردىن ھۇنلار خەن-زاڭ سېستىمىسىدىكى مىللەت ئەمەس، ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتمۇ ئەمەس، ئۇلار پەقەت ئورال-ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىدىكى مىللەت. ئۇنداقتا ئۇلار، فىن-ۋېنگىرىيە سېستىمىسىدىمۇ، تۈرك سېستىمىسىدىمۇ ياكى موڭغۇل سېستىمىسىدىمۇ؟
   بىزگە مەلۇمكى ئورال-ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى ئۆز ئىچىدىن فىن-ئۇگۇر (فىنلاندىيە فىن تىلى، ئېستونىيە ئېستون تىلى، ۋېنگىرىيە ماجار تىلى) تىللىرى، ساموئېد (غەربىي سىبىرىيە خەلقلىرى) تىللىرى، تۈركى (تۇران) تىلى: توڭگۇس (ناناي(خېجې)، مانجۇ، شىبە، ئېلۈنچۈن، ئېۋېنكى) تىللىرى، موڭغۇل تىللىرىدىن ئىبارەت بەش تارماق تىل سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە بەزى تىلشۇناسلار ئورال-ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنى تۈركىي تىللار، موڭغۇل تىلى، توڭگۇس-مانجۇ تىل تارماقلىرىغا بۆلىدۇ. ئۇلار ھازىرقى جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى بويىچە فىن-ئۇگۇر تىلىنى ياۋرۇپا تىلى سىستېمىسى سۈپىتىدە قاراپ، ئۇنى فىنلاندىيە تىلى، سامى تىلى، ئېستون تىلى، ھۇنگار (ۋېنگىر) تىللىرىغا ئاجرىتىدۇ. ساموئېد تىللىرىنى پارچە تىللار سۈپتىدە ئايرىم بىر تەرەپ قىلىدۇ.
    ئورال-ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدا نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ شۇنداقلا تارماقلىرى كۆپرەك ئاساسىي تىلنىڭ تۈركىي تىل ئىكەنلىكى روشەن، تۈركىي تىل تارماق سىستېمىسىغا كىرىدىغان خەلقلەر ۋە تىللار، ئۇلارنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى، خۇسۇسىيىتى، قاتارلىقلار تۈركلوگلار-تىلشۇناسلارنىڭ تەتقىقات تېمىسى بولۇپ، بۇ يەردە چەتنەپ ئۆتىمىز.
  تۈركىي تىلنى تىل سىستېمىلىرى شەكىللەنگەن تۇچ قۇراللىرى ياكى ئېنېلوئىت دەۋرىدە شەكىللەنگەن تىل دېيىش كېرەكمۇ ياكى تۈركىي خەلقلەر شەكىللىنىش جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن دېيىش كېرەكمۇ؟ بۇ مۇھاكىمە تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە.
   شۇنى ئالدىن ئىزاھلاپ ئۆتۈش كېرەككى، تىل ۋە تىل سىستېمىسى مەسلىسى نوقۇل تىل ھادىسىسى ئەمەس، ئەلۋەتتە، تىل سىستېمىسى شەكىللىنىش ئانتروپولوگىيىلىك ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ ئىجتىمائىي ھايات تارىخىنى تايانچ قىلغان سەۋەبىياتلىق سەمەرىدىن ئىبارەت، ئەگەر بىز ھازىرقى تۈركىي تىل سىستېمىسىنى ئۇلاردىكى ئومۇملۇق ۋە ئايرىمىلىقلار بويىچە تۈرلەرگە بۆلۈنۈش، ئۇلارنىڭ فونىتىكىلىك، لېكسىكىلىق، مورفولوگىيىلىك، دىئاكتولوگىيىلىك ۋە باشقا گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تەرىپلەش بىلەنلا چەكلەنگىنىمىزدە تولىمۇ يۈزەكى بىر قاتلاملىق ئىلمىي خىزمەتتىن نېرىغا ئۆتمىگەن بولىمىز.
   مېنىڭچە، تۈركىي تىل مىلادىيدىن ئىلگىرىكى مىڭىنچى يىللار ئارىسىدا «شەكىللەنگەن» ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ بۇ ئىككىلەمچى ئانتوپولوگىيىلىك ئادىمىنىڭ تىلى سۈپىتىدە تەدرىجىي مەيدانغا كەلگەن دېيىشتىن كۆرە، بۇ تىلنى تۈركلەشكەن، ئېنىقراق ئېيتقاندا تۈركىي شەكىل ئالغان، تۈركىي خەلقلەر بولۇپ قايتا تەشكىل تاپقان ئاندرونوپ-ئارىيانلار ئەۋلادلىرىنىڭ تىلىنىڭ ئۆزگەرگەن داۋامى دېيىش ھەقىقەتكە ئۇيغۇن، بۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ جىسمانىي تۈزۈلۈشى، قان تىپىدە ئاسىيا ئاق جىنسلىرى دەپ ئاتالغان ئاندروپ- ئارىيانلار ئەۋلادلىرىنىڭ يەنىلا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەنلىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ھادىسە، «ۋىداس» (دانىش كىتابى) دەستۈرىگە كىرگەن. «رىگاۋىدا» جەڭنامە كىتابىدا ئايان قەبىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن پەنجىئاپ ۋادىسىغا كەلگەن جەريانى ۋە جەڭلىرى بايان قىلىنىدۇ. مۇشۇ باياندىلا «تاران» ئېقىن، «قاناۋىچ» (خان ئاغچى)، «پىتكا» (پۈتۈك، كىتاب)، «ئالىي» (مۆتىۋەر)، «داس» (پەس، تۆۋەن)، «گرامما» (گەمە، كەنت)، «جىنابىل» (يۇرت بېشى)، «يابغۇل» (يامغۇر)، «مۇلۇت» (بۇلۇت)، «ۋاز ئورگ» (ئۇلۇغ، بۈزۈك)، «پۇترا» (پەرزەنت، پۇشتى)، «نۇسخا» (پۇل)، ئاباسىن» (ئانا دەريا، ئانا ساي)، «سىرۇتى» (سوراپ بىلىش)، «ئاغى» (ئاغا، ئاكا)، «ئاگاينى» (ئاغا ئىنى، قېرىنداش)، «ئاگنى» (ئوت)، «ياجانا» (ئازنا، قۇربانلىق)، «ئوتتۇرا» (ئارىلىق جايلار)، «ئاتامان» (قەھرىمان)، «ئاناش» (بۇرنى پەس، پاناق)، «ۋىز» (بىز)، «ياۋانغ» (ياۋا، يات كىشىلەر)، «ئىشغارا» (ھىمايىچى)، «ئۇلتۇرخان» (ئۆلتۈرگۈچى خان، ئۇرۇشقۇچى خان) قاتارلىق سۆزلەر ئۇچرايدۇ. گەرچە ھازىرقى زامان تۈركىي تىل بىلەن قەدىمكى زامان پەنجىئاپ ئارىيانلىرىنىڭ لېكسىكىنى بىۋاستە سېلىشتۇرۇش ئۆلچەملىك سېلىشتۇرۇش قائىدىسىغا ئۇيغۇن بولمىسىمۇ، يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرگەنلەر تۈركىي تىلىنىڭ ئاسماندىن چۈشمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ مۇڭغۇلوئىد تەسىرىگە ئۇچرىمىغان (ياكى ئاساسەن ئۇچرىمىغان) ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ مەۋجۇت تىلى ئاساسىدا ئۆزگىرىپ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
  شۇنداق قىلىپ، ئورال-ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى ھىند-ياۋرۇپا تىللىرى ئاندورۇپ -ئارىيان، ئاندورۇپ-سىكفلارنىڭ غەربكە ۋە جەنۇبقا كۆچكەن بىر قىسىم جەڭگىۋار ۋە غالىپ قەبىلىلىرى تەسىرى تۈپەيلى بەزى ئوخشاشلىقلارغا ئىگە. بۇ مۇھىمى گرامماتىكىلىق جەھەتتە گەۋدىلىكرەك. مىكگوۋېرن ۋە ۋ.شېمىدت بۇنى گرامماتىكىلىق ئورتاقلىق جەھەتتە پەرەز قىلغانىدى. بىز بۇنى لېكسىكىلىق جەھەتتىمۇ پەرەز قىلىمىز.
  ھۇن خانلىقى كۆپ قەبىلىدىن (تارىخىي مەنبەلەردە 24 قەبىلە دېيىلگەن) تەشكىل تاپقان ئىختىيارىي ھەم مەجبۇرىي سىياسىي بىرلەشمە ئىدى. ھۇن خانلىقى تەركىبىدىكى فىن-ئۇگۇرلىرى بىلەن سامويېدلار تۇران رايۇنىدىن قاچان يىراقلاپ كەتكەنلىگى دېگەندەك ئېنىق ئەمەس. توڭغۇزلار ھۇن خانلىغىغا كېيىنچە قوشۇۋېلىنغان بولسىمۇ گەۋدىلىك ئورۇن تۇتمىغان. ھۇن خانلىقىدىكى ئاساسىي خەلق يەنىلا تۈركلەر، جۈملىدىن كېيىنچە قوشۇۋېلىنغان بولسىمۇ گەۋدىلىك ئورۇن تۇتمىغان. ھۇن خانلىغىدىكى ئاساسىي خەلق يەنىلا تۈركلەر، جۈملىدىن كېيىنچە مۇڭغۇل خەلقىنىڭ ئاساسىنى تەشلىك قىلغان «ئورمان قەبىلىلىرى» بىلەن «يايلاق قەبىلىلىرى» (ب.يا.ۋىلادېمرىزوف) ئىدى. ئۇنداقتا بۇلاردىن باشقا يەنە «ھۇن» ناملىق ئېتنىك خەلق بولغانمۇ؟ «ھۇن تىلى» دەپ ئاتالغان ئايرىم بىر مىللىي تىل بولغانمۇ؟ تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرسەتتىكى ھۇن نامى بىرەر ئېتنىك خەلقنىڭ خاس نامى بولمىغىنىدەك، بىرەر تىلىنىڭمۇ نامى بولمىغان.
  ئۇنداقتا، ھۇن خانلىقىنىڭ ئاساسىي ئېتنىك گەۋدىسى تۈركىي قەبىلىلەرمىدى ياكى مۇڭغۇل خەلقنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان باشقا قەبىلىلەر (مۇڭغۇل تىلى قەبىلىلىرى)مىدى؟ بۇ مەسلىگە كۆپلىگەن ئەسەرلەر بېغىشلاندى. ئالىملار ئەڭ ئاخىرى «ھۇنلار» تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ئىدى. دېگەن خۇلاسىگە كېلىشتى. رېمۇستات، كلاپروتى، خاۋاننېس، فرانكې، رادلوف، ھىرتى، لائوفېر، پاركېر، پېللىئوت ۋە كرائۇسكىي قاتارلىق ئالىملار كۆپ يىللىق تەتقىقاتلىرى ئاساسىدا «ھۇنلار» تىل ۋە ئېتنىك جەھەتتىمۇ تۈركىي خەلقلەرگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتلىرىمۇ ئوتتۇرا ۋ مەركىزىي ئاسىيا ساكلىرى، سارماتىنلىرىنىڭ «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» تىپىگە، باشقىچە ئېيتقاندا «يايلاق مەدەنىيىتى» تىپىگە مەنسۇپ بولغان دېگەن خۇلاسىگە كېلىشتى. ما چاڭشۇ «شىمالىي دىلار ۋە ھۇنلار» ناملىق كىتابىدا: «نۆۋەتتە ھۇن تىلىنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىملار ھۇن تىلىنىڭ ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، بىردەك تونۇپ يەتتى. بۇنىڭغا ھېچاقانداق گۇمان بولماسلىقى لازىم». ھۇن تىلى تۈرك تىلى ئاساسىغا قۇرۇلغان، «ھۇن تىلىنى تۈركىي تىل گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ دېيىش ياۋرۇپا ئالىملىرىدا ئۈستۈنلۈك ئالغان پىكىر ئېقىمىدىن ئىبارە» دەپ كۆرسىتىدۇ. جى. كلاپروتى «ھۇنلار كۆكتۈركلەرنىڭ ئاتا-بوۋىسى ھېسابلانغان تۈركلەردۇر» ناملىق ئەسىردە ئوتتۇرا ئەسىر كۆكتۈرۈكلەرنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولغان قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ھۇنلار بىلەن، فىن-ھۇنلارنى تۈركلەرنىڭ فىن-ئۇگۇر قسىمىغا باغلاپ ئىزاھلايدۇ، بېرنىشتام «ھۇن تارىخىنىڭ ئوچېرىكلىرى» ناملىق كىتابىدا: «ھۇنلاردا، ھۇن قەبىلە ئىتتىپاقىدا تۈركىي تىل ئۈستۈنلۈك مەۋقەسىدە ئىدى» (لېنىنگراد نەشرى، 55- بەت) دەپ كۆرسىتىدۇ.
  پېللىئوت بولسا خەنزۇ ھەرپى بىلەن خاتىرلىنىپ قالغان ھۇن ئاتالغۇلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ھۇنلار ياكى كەم دېگەندىمۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمران قاتلىمى تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكەن، دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن.
  ھۇنلارنىڭ ئىشلەتكەن تىلىنى گرامماتىكىلىق، لېكسىكولگىيىلىك جەھەتتە تەتقىق قىلىشىمۇ ھۇنلار ئىشلەتكەن تىلىنى مۇڭغۇل تىلىنڭ غەربىي تارمىقى بولغان قالماق تىلىغا باغلاش خاھىشىنىڭ (مەسلەن H. خوۋورد ۋە S.p پاللاسلار تەشەببۇس قىلغىنىدەك) ئاساسسىزلىقىنى كۆرسەتتى.
  مېنىڭچە، ھۇنلار ئىشلەتكەن تىل قەدىمكى دىلار ۋە دىڭلىڭلار ئىشلەتكەن بىر خىل تۈركىي تىل بولۇپ، بۇ تىل ھۇن دۆلىتىنىڭ ئاساسىي تىلى بولغان. ھۇنلار ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى مۇڭغۇل نەسىللىك خەلقلەر _ ئوغان (؟ ) سىئانپىي (؟) قەبىلىلىرى ئۆز تىلىدا قالغان ۋە ئۆز تىلىغا تۈركىي ئىبارىلەرنى قوبۇل قىلغان. شەرقىي رۇسىيىدىكى چۇۋاش تىلىنى ئالىدىغان بولساق، بارتولد، پومېللىي قاتارلىقلار بۇ تىلنى ياۋرۇپاغا كۆچكەن ھۇنلار تىلىنىڭ بىۋاستە داۋامى دەپ ئىسپاتلىدى. بۇ تىل تۈركىي تىلىنىڭ قەدىمكى تىپىدىكى تىل بولۇپ چىقتى، فېھىر گومبۇكىز قاتارلىقلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بۇلغار ۋە ھازار تىلىمۇ چۇۋاش-ھۇن تىلىغا يېقىن ئۆلچەملىك تۈركىي تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. جۇڭگو يىلنامىلىرىدە ئىزچىل قەيت قىلىنىشىچە، خەن-ۋېي سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى دىڭلىڭلار شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە «تېلى» (؟) ۋە گاۋچې (ئېگىز ھارۋىلىقلار) دەپ ئاتالغان. سۈي-تاڭ دەۋرىدە ئۇلار خۇيخۇ (ئۇيغۇر) دەپ ئاتالغان. «ۋېينامە، ئېگىز ھارىۋىلىقلار شەجەرىسى»دە ئۇلارنىڭ «تىلى ھۇنلارنىڭكىگە ئوخشاش، بەزىدە ئازراق پەرقى بار» دەپ ئىزاھلانغان. ھۇنلار غەربكە كۆچكەندە كۇچانىڭ شىمالىدا قېپقالغان بىر قىسىم ھۇنلارنىڭ ئەۋلادلىرى مىلادىينىڭ VI~ V ئەسەرلىرىدە «يۇرت ئىلى» (؟) ناملىق شەھەر مەملىكىتى قۇرغانىدى. «تۇرپان» - ئاق قەلئە مەنىسىنى بېرەتتى. «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى (؟)، ئېگىز ھارۋىلىقلار شەجەرىسى»دە: «بۇ مەملىكەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە تىلى ئېگىز ھارۋىلىقلار بىلەن ئوخشاش» دەپ ئۇچۇر بېرىلگەن.
  ئەمدى ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلارغا مۇراجىئەت قىلايلى.
  كوزلوف 1926- يىلى شىمالىي مۇڭغۇلىيىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە قەدىمكى ھۇن قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ قەبرىسىدىن چىققان زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى ۋە سەنئەتلىك نەقىش نۇسخىلىرى بىلەن قازاقستاننىڭ تۈركىستان رايونى ۋە جەنۇبىي روسىيە-كاۋكاز قەدىمكى مەدەنىيىتىنى سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدە ئۇلاردىكى ئوخشاشلىقلارنى ۋە ھەتتا ئېلىنىزىم تەسىردىكى بۇيۇملارنىڭ شىمالىي مۇڭغۇلىيىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇجەي (؟) ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ياپونىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ جەنۇبىي سىبىرىيە، شىمالىي مۇڭغۇلىيىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلىرى ھۇنلارغا خاس ھېچقانداق ئۇچ ۋە نېئولىت دەۋرى مەدەنىيىتى بولمىغانلىقىنى، مۇنداق ئىپتىدائى مەدەنىيەت ئاندورۇپ-دىڭلىڭلارغا تەئەللۇق بولغانلىقىنى، بۇنىڭدا مۇڭغولوئىد ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەنلىكىنى، تۆمۈر ئىختىراسىدىن كېيىنكى ھۇن مەدەنىيتىنىڭ ئارىلاشما خاراكتېرىدە مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ ھۇن تارىخىنىڭ ئەڭ قەدىمقى ئاندورۇپ-دىڭلىڭلار تارىخىدا ۋارسىلىق قىلىش نەتىجىسىدە باشلانغانلىقىدىن دالالەت بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئاندرونوپ ۋە تۇران قەدىمكى قەبرىلىرى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشلەر شۇنى كۆرسەتتىكى، دىڭلىڭلاردا ئەركەكلەر چېچىنى چۈشۈرۈۋېتەتتى، ئايال-قىزلار قۇلاقلىرىنى تېشىپ ھالقا-سۆكە تاقىشاتتى. ۋە چاچلىرىنى سىكىلەك قالدۇرۇپ ئۇزۇن ئۆرۈۋالاتتى. بۇ ئادەت ھۇن ئېمپىرىيىسى دەۋرىدە ئومۇمىيۈزلۈك داۋام قىلدى. مىلادىيدىن كېيىنكى XVII ئەسىرگە يەتكەندە مانجۇلار بۇ ئادەتنى قوبۇل قىلدى.
  يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلاردىن شۇ نەرسە روشەنلەشتىكى، ئورال-ئالتاي تىل سىستېمىسىدىكى ئاساسلىق تىل گۇرۇپپىسى بولغان تۈركىي تىل ئەڭ قەدىمكى ئارىيان-دىڭلىڭلار تىلىنى ئۇل قىلىپ راۋاجلىنىپ شەكىللەنگەن. بۇ قەدىمكى تىل تۈركى تىلغا ئاساس سېلىش بىلەن بىللە ھىند-ياۋرۇپا تىللىرىدىكى بەزىبىر تىللارغا تەسىر كۆرسەتكەن ياكى مۇھىم بىر مەنبە بولغان. ئاۋايىپ، مىلىر، كاراكوف قاتارلىقلارنىڭ پەرىزىچە، شەرقىي ئىران تىلى دەپ ئاتىلىۋاتقان تىل يەرلىك كونا ئىران قەبىلىلىرىنىڭ تىلى بىلەن ئارىيان-ساك تىلىدىن ئىبارەت ئىككى مەنبە ئاساسىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن.
  يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلاردىن يەنە شۇ نەرسە روشەنكى، ھۇن خانلىقى تېررىتورىيسىدە تۈرك تىلى، موڭغۇل تىپىدىكى خەلقلەر تىللىرىدىن باشقا مۇستەقىل ھۇن تىلى گۇرۇپپىسى بولغان ئەمەس. ھۇنلار ئىشلەتكەن تىل ئەڭ قەدىمكى دىلار ۋە دىڭلىڭلار تىل ئۇلى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى، كۆكتۈرك خانلىقىدىن ئىلگىرى تۈركىي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن.
  شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ھاجەتكى، مىلادىيىدىن كېيىن تارىخ سەھىپىلىرىگە كىرىپ كەلگەن ئاق ھۇنلار (ئېفتالىتلار)-پامىرىمونلىرى شۈبھىسىز تۈركىي خەلقلەر ئىدى. ئۇلاركېيىنچە شەرقىي ئىران خەلقلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىچە، ئاق ھۇنلار موڭغۇل دالىلىرىدىن ئەمەس، جۇڭغار دالاسى ۋە يەتتە سۇدىن كەلگەن، موڭغۇلوئىد (سېرىق) تەسىرگە ئۇچراش دەرىجىسى ئازراق بولغان خەلقلەر ئىدى. يەتتەسۇ، فەرغانە (كەڭگوردىكى) ئەتراپىدا گورىلوف تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان، خارەزم (قۇياياز، شەھىت ئەسەردىكى) رايۇنىدا مىلادىيە IV~V ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان ئاق ھۇن قەبىلىرى خۇددى «لياڭنامە»دە زىكىر قىلىنغان ئادەت-قائىدىلەر بويىچە دەپنە قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتتى. بەزى تارىخچىلار كورلا يېنىدىكى «كۆنچى دەرياسى»نى، ھۇن (كۆن) ئاقساقاللىرىنىڭ نامىغا، قۇياشقا سېغىنىشقا ۋە ھەتتا قەدىمكى «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىكى ئوغۇزخاننىڭ چوڭ كۈن خان نامىغا، ئاق ھۇنلارنى بولسا «ئاخۇن» نامىغا باغلاپ ئىزاھلىشىدۇ.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-1 9:21:10]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 666 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01