كومپيوتېر يىغىندا كېسەللىكى=电脑综合症

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

كومپيوتېر يىغىندا كېسەللىكى دېگىنىمىز :ئادەتتە كومپيوتېر بىلەن مەشغۇلات قىلىدىغان ،پروگرامما تۈزگۈچى خادىملارنىڭ ،مەركىزى نېرۋا سېستېمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان.بىر خىل ئۇنۋېرسال كېسەللىك بۇلۇپ ،كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى:كۆز قۇرۇش،قىزىرىش،بارماقلىرى ئۇيۇشۇپ قىلىش، -باش ئاغرىش،ئۇيقۇسىزلىق،بويۇن-گەجگە مۇسكۇللىرى تارتىشىپ ئاغرىش،يۈرىكى رىتىمسىز سۇقۇپ كېتىش، كۆپ تەرلەش، ئىشتىھاسىزلىق،كەيپىياتى تۇراقسىز،روھى ھالىتى تۆۋەن بۇلۇش،ئىنكاسى ئاستىلاش،ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش،ئاسان ئاچچىقلىنىش، دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىش .قىز-ئاياللاردا ئادىتى قالايمىقان بولۇشتەك كېسەللىك ئالامەتلىرى يۇز بېرىدۇ.
   بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن توۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.
   1 خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاش.2.ھاۋا ئۆتۇشچانلىغى ياخشى ئۆيدە خىزمەت قىلىش3.يۇرۇقلۇق دەرىجىسى مۇۋاپىق ،كۇن نۇرى ياخشى چۈشىدىغان ئۆينى تاللاش.4.ئولتۇرۇش ھالىتى توغرا بۇلۇش. 5شارائىت ياربەرسە كۈندە بىر-ئىككى قېتىم ھۆل لۆڭگە بىلەن كۆزگە ئىسسىق ئۆتكۈزۇش.6مەشغۇلات ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىغىغا قاراپ ھەر 2سائەتتە بىر قېتىم 5-10مىنۇتتىن ئورنىدىن تۇرۇپ پۈتۈن بەدەننى ھەركەتلەندۇرۇپ ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.ئۇنىڭدىن باشقا  يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە دىققەت قىلىش.ۋىتامىن مول ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ،ياغ تەركىۋى تۆۋەن ،ئاسان ھەزىم بولدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك(سەۋزە،يېسىۋىلەك،پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، چىلان، سۇت، تۇخۇم،ھايۋانات جىگىرى، ئۇرۇق گۆش قاتارلىقلار .)   بولۇپمۇ كېچىسى تۈنەپ خىزمەت قىلىدىغانلار، مەشغۇلات ۋاقتى زىيادە ئۇزۇنلار، ئۇخلاش ۋاقتىدا چوقۇم تەكشى جايدا  بېشىنى تۇز قۇيۇپ يېتىش،پۇتنى سەل ئېگىز قۇيۇش بۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە ئىككى پۇتنىڭ ئىششىپ قېلىشىنىڭ پۇت ۋېنا تومۇرنىڭ كۆپۇپ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. تەرتىپلىك خىزمەت، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، ئىلمى ئۇزۇقلىنىش ئارقىلىق يۇقۇرقىدەك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىللە ئىش ئۇنىمىڭىزنىمۇ يۇقۇرى كۆتىرىش مەقسىدىگە يېتەلەيسىز. ساغلام تەن ساغلام روھى كەيپىيات سىزنىڭ مۇۋاپىقىيىتىڭىزنىڭ ئاشقۇچى.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-8 12:23:40]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 515 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01