ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

نورىس ئىمپىرىيىسى (9-ئەسىردىن12-ئەسىرگىچە)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

  نورىس ئىمپىرىيىسى (9-ئەسىردىن12-ئەسىرگىچە)  

    ياۋروپادىكى نورىسلار يۇنان، رىم، كىلىتلار بىلەن بىرلىكتە ياۋروپادىكى مۇستەقىل مەدەنىيەت تىپى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ياۋروپانىڭ نەچچە يۈز يىللىق تارىخىدىكى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك نورىسلارنىڭ ئەۋلادىدىن تارالغان دىسەك ھەرگىز خاتالاشقان بولمايمىز.
     نورمانلار گېرمانلارنىڭ شىمالى تارمىقى بولۇپ، يۇتلاندىيە، سىكاندىنوۋىيەنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىغا ئولتۇراقلاشقان ئىدى. گېرمانلارنىڭ يەنە بىر تارمىقى بولغان گوتلارنىڭ بىرىنچى قېتىم كۆچۈپ مىلادى 4-ئەسىردە غەربى رىم ئىمپىرىيىسىنى ۋەيران قىلىپ كېيىنكى ئىسپانىيە ۋە كارولىن ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمدارلار سىنىپىنىڭ ئەجدادى بولۇپ قالغىنىدىن كېيىن  ۋە 5-6-ئەسىرلەردە گېرمانلارنىڭ ئوتتۇرا تارمىقى بولغان ئانگىلو-ساكسونلارنىڭ ئەسلىدە كىلىتلارنىڭ زىمىنى بولغان بۈيۈك بىرىتانىيە ئارىلىغا كۆچۈشىدىن كېيىنكى كېڭىيىشى بولۇپ كۆپىنچە ياۋروپادىكى ئىككىنچى كۆچۈشنىڭ باشلىنىشى دەپ قارىلىدۇ.
     بېلىقچىلىق، كانچىلىق ۋە دېڭىز قاراقچىلىقى نورىسلارنىڭ ئاساسى كەسپى ئىدى. نورىسلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان، رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ئىپتىدائىي دىنى ياۋروپادىكى باشقا رايونلار خىرىسىتان دىنىنى قوبۇل قىلىپ بولغاندا يەنىلا ياۋروپانىڭ سىمالى رايونلىرىدا ھۆكۈمران ئورۇندا بولغاچقا، ياۋروپالىقلار خىرىستان دىنىنىڭ رەھىمدىل بولۇش ھەققىدىكى نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندا نورىسلار ئۆزىنىڭ توقماق كۆتىرىۋالغان يەكچەشمە سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدىغان ئىلاھى تورىسقا ئېتىقاد قىلىۋاتقان بولۇپ بېلىقچىلىق ۋە دېڭىز قاراقچىلىقىدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسى كەسىپ ئۇلارنىڭ دېڭىز قاتنىشىغا ناھايىتى پىششىق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
      ياۋروپانىڭ شەرقى ۋە جەنۇبى قىسمى مۇسۇلمانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقاندا بۇلاڭچىلىقنى شەرەپ دەپ قارايدىغان نورىسلار بايلىق قوغلىشىپ پۈتكۈل بالتىق دېڭىزىدىن تارتىپ ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىغا قەدەر بولغان زىمىندا نورىسلارنىڭ ئايىقى تەگمىگەن يەر قالمىغان ئىدى.
      9-ئەسىردە نورىسلارنىڭ دانىيەلىكلەرنى ئاساس قىلغان  بىر تارمىقى بىرىتانىيە ئارىلىغا بېسىپ كىرىپ ئۇ يەردىكى ئانگىلو ساكسون ۋە كىلىت خەلقلىرىنى بويسۇندۇردى.
     911-يىلى يەنە نورىسلارنىڭ بىر ھەربى قوماندانى بولغان روللو تاجاۋۇز قىلىپ فىرانسىيەنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى سىنا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىن دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىنى بېسىۋالدى. كارىل ئىمپىرىيىسىمۇ دەتالاش قىلىپ يۈرمەي روللونى نورماندىيە كېنەزى قىلىپ تەيىنلىدى. نورماندىيە كېنەزىنىڭ فىرانسۇزلىشىپ كەتكەن كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئەنگىلىيەنى بېسىۋېلىپ ئۇ يەرنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ھۆكۈمرانى بولۇپ كەلمەكتە.
     نورىسلارنىڭ يەنە بىر قوماندانى روبېر گىسكال دېڭىز بويلاپ جەنۇپقە يۈرۈپ ئوتتۇرا دېڭىزغا كىردى ۋە ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىنى ئىشغال قىلىپ نىئاپۇل دۆلىتىنى قۇردى، كېيىن يەنە ئەرەبلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ سىتسىلىيەنى ئىشغال قىلدى، ئۇنىڭ ئەۋلادىلىرى كېيىنكى ئىسپانىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئەجدادى بولۇپ قالدى.
     نورىسلارنىڭ شەرققە قاراپ يۈرگەن يەنە بىر قوشۇنىنىڭ قوماندانى دىيۇرىك شەرقى سىلاۋيانلارنى بويسۇندۇرۇپ نوۋگورد كېنەزلىكىنى قۇردى ۋە كېيىنكى چاررۇسىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئەجدادى بولۇپ قالدى.
    قىسقىسى نورىسلار 860-يىلى ئىسلاندىيەنى، 983-يىلى گىرىنلاندىيەنى بويسۇندۇردى، مىڭىنچى يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە شىمالى ئامېرىكا دېڭىز قىرغانلىرىغا كېلىپ بۇ يەرگە يېڭى فىنلاندىيە ئارىلى دەپ نام بەردى(بۇ نام ھازىرمۇ كانادانىڭ بىر ئۆلكىسىنىڭ نامى).
    نورىسلار ھەققىدە قالدۇرۇلغان خاتىرىلەر بەك ئاز بولغانلىقتىن 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى شىۋىتسىيە، نورۋېگىيە، دانىيە، ئىسلاندىيەلەردىن تۈزۈلگەن كارمان ئىتىپاقى قۇرۇلغانلىقىدىن باشقا  ئىمپىرىيەنىڭ قۇرۇلغان كونكىرت ۋاقتى ۋە ياكى ئىمپىراتۇرلار ھەققىدىكى خاتىرىلەر ئېنىق ئەمەس. ئەممە ئۇلارنىڭ كونكىرت بىر پادىشاھنىڭ كونتىرۇللىقىدا ئەمەس بەلكى بىر نەچچە قومانداننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىتىپاق شەكلىدە ئىمپىرىيەنى كېڭەيتىپ ماڭغانلىقى ناھايىتى ئېنىق.
    گەرچە نورىسلارنىڭ بويسۇندۇرغان زىمىنى شۇنچە چوڭ بولسىمۇ نوپۇسى بەكلا ئاز بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى قوماندانلارنىڭ باش-باشتاقلىقى ۋە ئارىلىقنىڭ يىراقلىقى تۈپەيلىدىن نەچچە ئەسىرگە بارمايلا يەرلىك مىللەتلەرگە سىڭىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما دېڭىز قاراقچىلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئادەت ئۇلار ئارقىلىق پۈتكۈل ياۋروپاغا تارقالدى،  ياۋروپانىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى ئارىسىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھادىسى شەكلىللىنىپ خىرىستان دىنىغا يېڭى ئويلىنىش ئېلىپ كەلدى ۋە يېڭى قان بىلەن تولۇقلىنىپ ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ ئويغىنىشغا تۈرتكە بولدى.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 9:44:25]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 493 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01