خەلق كومپىزوتىرى-ئېلاخۇن كۆككۆز(1866-1970)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 خەلق كومپىزوتىرى-ئېلاخۇن كۆككۆز(1866-1970)  

     ئۇيغۇر مۇزىكا تارىخىدا ھالقىلىق ئورۇن ئىگەللىگەن، ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئىجاتكارلىرىدىن بىرى بولغان ئېلاخۇن كۆككۆز 1866-يىلى تۇغۇلۇپ بىر ئەسىردىن ئارتۇق ياشاپ نادىر ناخشىلىرى بىلەن خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ بىرى.
     بىر ئەسىردىن بېرى توي–تۆكۈن، مەشرەپ–ئولتۇرۇشلاردا ئېيتىلىپ، خەلقىمىزنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىپ كېلىۋاتقان «خانلەيلۇن» قاتارلىق ناخشىلار كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئۆلمەس ناخشىلىرىمىز قاتارىدا ياشاپ كەلمەكتە:
تەلكىنىڭ داۋانىدىن،
كارۋان توختىماي ئۆتتى.
سۇلايمان يىغلىغان بىلەن،
ئېلاخۇن يىغلىماي ئۆتتى.
* * * * * * * * * * *
سايرامنىڭ كۆلى دەيدۇ،
قىش كىرگەندە توڭلايدۇ.
غەم قىلماڭلار ئاغىنىلەر،
خۇدايىم باشنى ئوڭلايدۇ.
بۇ ناخشىلارنىڭ خەلق قەلبىدىن ئۆچمەس ئورۇن ئالالىشى، كىشىلەرنىڭ بۇ ناخشىلارنى يېنىش–يېنىشلاپ ئاڭلىسىمۇ يەنە ئاڭلىغۇسى كېلىشىدىكى سەۋەب ئۇلاردا خەلقنىڭ ساداسى ئەكس ئەتكەنلىكىدىن ئىبارەت. بۇ ناخشىلارنىڭ ۋە ئۇنىڭ تەكتى بولغان قوشاقلارنىڭ ئىجادچىسىنىڭ يۈرىكى زامان رېتىمىغا تەڭكەش بولۇپ، خەلقنىڭ مۇڭ–زارىنى ۋە ئارزۇ–ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى خەلقىمىزنىڭ ئىززەت–ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن بۇ ئادەم — ئىلىدا ئۆتكەن ئاتاقلىق ناخشىچى، چالغۇچى ۋە خەلقپەرۋەر قوشاقچى ئېلاخۇن تىلىۋالدى (لەقىمى كۆككۆز)دۇر. دەرۋەقە، تالاي «سۇلايمان»لارنى يىغلاتقان ئۆمۈر «داۋان»لىرى، تەتۇر زامان قىسمەتلىرى ئېلاخۇن تىلىۋالدىنى يىغلىتالمىدى.
ئېلاخۇن تىلىۋالدىنىڭ ناخشا–قوشاقلىرىدا زامان رېتىمىنىڭ شۇنچە يارقىن ئىپادىلىنىشى ئۇنىڭ ئېغىر نامراتچىلىق ۋە تەقىپ قىلىش، جازالاش ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئېلاخۇن تىلىۋالدى 1866–يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئېلاخۇن بىر ياشقا كىرگەندە دادىسى تىلىۋالدى ۋاپات بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە قالغان. ئېغىر نامراتچىلىق دەستىدىن بىچارە ئېلاخۇن جەمئىيەتتە قېقىلىپ–سوقۇلۇپ چوڭ بولغان، ئوقۇپ بىلىم ئېلىش پۇرستىگە ئىگە بولالمىغان. ئېلاخۇن كىچىكىدىنلا ناخشا–قوشاققا، سازغا ئامراق بولغان، ئۇ ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى ۋە تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا شۇ چاغدا خەلق ئارىسىدا تونۇلغان قوشاقچىلار، ناخشىچىلار، سازەندىلەرگە ئارىلىشىپ يۈرۈپ، خەلق قوشاقلىرى ۋە ناخشا–مۇزىكىلىرى بىلەن تونۇشقان ھەم بۇلارنى پۇختا ئىگىلىگەن. ئېلاخۇن ئۆسكەن كۈلپەتلىك ھاياتنىڭ مەنزىرىلىرى ئۇنىڭ ياش قەلبىگە قاتتىق تەسىر قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزى قاتناشقان نەغمە–ناۋا سورۇنلىرىدا خەلقنىڭ مۇڭ–زارىنى ئىپادىلەيدىغان قوشاق–ناخشىلارغا قەلب تۆرىدىن ئورۇن بەرگەن. خەلق ئارىسىدىكى شىر يۈرەك ئەزىمەتلەرگە مەدھىيە ئوقۇلغان قوشاق–ناخشىلار ئۇنىڭ ئەلنىڭ غېمىنى يېيىش پەزىلىتىگە ۋە ئەلنىڭ ھۆرلۈكى يولىدا كۈرەش قىلىش ئىرادىسىگە كۈچلۈك ئىلھام بەرگەن. شۇ چاغلاردا سادىر پالۋان قوشاقلىرىنى يادقا ئېيتىش بىلەن تەڭتۈشلىرى ئارىسىدا تونۇلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقلى–ھوشى، خەلق ئەدەبىيات–سەنئىتىگە بولغان ھېرىسمەنلىكى بىلەن قوشاق توقۇش ۋە ناخشا ئىجاد قىلىشقا كىرىشكەن. ئۇنىڭ تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى مەزمۇن قىلغان ھازىر جاۋاب قوشاقلىرى يىراق–يېقىنغا تارالغان. ئېلاخۇن يىگىتلىك قورامىغا يەتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق، جاراڭلىق ناخشىلىرى ۋە توقۇغان مەزمۇنغا باي قوشاقلىرى ئارقىلىق خەلق ئارىسىدا تونۇلۇشقا باشلىغان.
ئېلاخۇن تىلىۋالدى ئۆسكەن ۋە ياشىغان زاماندا ئىجتىمائىي زۇلۇم ھەددىدىن ئاشقان بولۇپ، ئەمگەكچى خەلق ئېغىر ئازاب–ئوقۇبەت ئىچىدە زار قاقشىغان، باي–ئەمەلدارلار ئەمگەكچى خەلقنىڭ قان–تەرى بەدىلگە راھەت–پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئېلاخۇن تىلىۋالدى ئۆزى توقۇغان قوشاقلىرىدا خەلق ئاممىسىنىڭ دەردىگە ھەمدەرد بولۇپ، ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكنى قاتتىق سۆككەن، تەڭسىز زامان ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان، نائىنساب بايلار، ئەمەلدار–بەگلەر ۋە ئۇلارنىڭ غالچىلىرىنىڭ قىلمىش–ئەتمىشلىرىنى پاش قىلغان:
قەشقەردىن ئادەم چىقسا،
تۇتىدۇ چىقىپ چېرىك.
ئۇقماستىن يېنىپ قويسا،
كۆمىدۇ گۆرگە تىرىك.
* * * * * * * * * * *
زامانەڭنىڭ ھالى شۇ،
كىم بىلەن كىمنىڭ ئىشى.
ياخشىنى يامان دېمە،
تىرىك ئۆلمەمدۇ كىشى.
* * * * * * * * * * *
سەكسەن بەگلەر بىر بولۇشۇپ،
ھەددىدىن ئاشتى.
ئەلنىڭ ئاققان كۆز–ياشلىرى،
سەل بولۇپ تاشتى.
* * * * * * * * * * *
ئېلاخۇن دەپ ئېتىم بار،
شەنگەنلەرگە ئۆچۈم بار.
نېمە قىلساڭ قىل شەنگەن،
ساڭا تېتار ئوغلۇم بار.
ئېلاخۇن تىلىۋالدى ناخشا–قوشاقلىرى ئارقىلىق چىرىك باي–ئەمەلدارلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىپلا قالماي، ناھەقچىلىق ئەھۋاللىرىغا دۇچ كەلگەندە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەققانىيەتنى ياقلىغان. ئۇنىڭ جەسۇرلۇقى ھەققىدە ئەل ئىچىدە مۇنداق بىر رىۋايەت تارقالغان: قەشقەردىن بىر كىشى ئىلىغا تىرىكچىلىك قىلغىلى چىقىدۇ. چېرىكلەر ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆز–ئۆزىگە يەر كولىتىپ، ئۇنى تىرىك كۆمىۋېتىدۇ. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بۇ ئىشنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ قالغان ئېلاخۇن بۇ ئەھۋالغا چىداپ تۇرالماي، چېرىكلەر بىلەن ئېلىشىپ، يەرلىككە چېرىكلەرنى كۆمۈپ، ھېلىقى قېرىندىشىنى قۇتۇلدۇرۇۋالىدۇ.
ئېلاخۇن تىلىۋالدى خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان قوشاق–ناخشىلىرى ۋە خەلقپەرۋەر ئىش–ھەرىكەتلىرى بىلەن جامائەت ئىچىدە شۆھرەت قازانغان، بىراق باي–ئەمەلدارغا يامان كۆرۈنۈپ قالغان. ئۇلار ئېلاخۇنغا كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ساقلاپ، تۈرلۈك بەدناملارنى چاپلىغان، كېيىن تەرەپ–تەرەپكە ئات چاپتۇرۇپ، ئۇنى تۇتۇپ يامۇلغا سولىتىۋەتكەن. ئېلاخۇن بۇ ھەقتە مۇنداق قوشاق توقۇغان؛
چېقىمچى مېنى چاقتى،
ئالدىمغۇ يامان ئاتاق.
پۈتمىدى شۇندىن بېرى،
ئېلاخۇنغا سوئال–سوراق.
* * * * * * * * * * *
ئاستىمغا سېلىپ ياتقان،
كالا يۇڭى تېكمەت.
تۆھمەت بىلەن سولىدى،
بۇ قارا يۈز ھۆكۈمەت.
* * * * * * * * * * *
يامۇلدا بولار سوراق،
بىرى بىرىدىن يامان.
تارتماسقا نېمە چارە،
باقمىسا بىزگە زامان.
* * * * * * * * * * *
يامۇلۇڭغا چۈشكەن بىز،
تاملىرىنى تەشكەن بىز.
مەنمەن دېگەن بەگلەرنىڭ،
ئەدىپىنى بەرگەن بىز.
ئېلاخۇن تىلىۋالدىنىڭ بىگۇناھ قامىلىشى جەمئىيەتتە جىددىي غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. بۇ ئەھۋال شۇ چاغدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى قاتتىق تەشۋىشكە سالغان. ئۆزلىرىنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 1929–يىلى كۈزدە ئېلاخۇن تىلىۋالدىنى دوستى سۇلايمانغا قوشۇپ ئۈرۈمچىگە نازارەت ئاستىدا ئەۋەتكەن، ئۇلارنى چېرىكلەر قولىغا كويزا، پۇتىغا كىشەن، بوينىغا قوۋۇق سېلىپ قەپەسكە سولاپ ئېلىپ ماڭغان. بەزى يازما مەنبەلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇلارنى 300 چېرىك مۇھاپىزەت قىلىپ ماڭغان(«ئالماناخ»قا قاراڭ، 1947–يىل، غۇلجا، ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى نەشرى). ئېلاخۇن غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە نازارەت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىش جەريانىنى مۇنداق قوشاق ئارقىلىق بايان قىلغان:
ئۈرۈمچىدىن خەت كەلسە،
يالغان چېغى دەپتىمەن.
قەپەسكە سولاپ قويسا،
يامۇل چېغى دەپتىمەن.
* * * * * * * * * * *
تار قەپەستە مەن ياتقان،
ئار قەپەستە سۇلايمان.
بىزنى بۇ كۈنگە قويغان،
ياڭتۇڭ ۋاقتى — شۇم زامان.
* * * * * * * * * * *
قول–پۇتتا كىشەن–كويزا،
سۆڭەككە پېتىپ كەتتى.
يامانلارنىڭ قىلمىشى،
جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى.
* * * * * * * * * * *
تەلكىدىن ئۆتۈپ كەتتۇق،
ئىلىدىن چىقىپ كەتتۇق.
باشقا چۈشكەن كۈنلەرنى،
قوشاققا قېتىپ كەتتۇق.
ئېلاخۇن تىلىۋالدى يامۇلدا بىگۇناھ بەش يىل ئازاب چەككەن. ئۇ 1933–يىلى دوستى سۇلايمان بىلەن يامۇلدىن چىقىپ، يۇرتى غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىدىمۇ ئارامچىلىق بولمىغان. ئەمەلدارلار ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولالماي، ئارقسىغا پايلاقچىلارنى سالغان. بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ تۆۋەندىكى قوشاقلىرىدىن مەلۇم:
مەن نەگە بارالايمەن،
بوينۇم قىلدا باغلاقلىق.
ھەربىر باسقان قەدىمىم،
مىڭ كۆز بىلەن پايلاقلىق.
* * * * * * * * * * *
ئەجەپمۇ بېشىم قاتتى،
دەردنىڭ ئۈستىگە دەردتىن.
ئالدىمدا سالاپ قىلىپ،
ماراپ يۈرىدۇ چەتتىن.
ئېلاخۇننىڭ بېشىغا كەلگەن بېسىم ئۇنىڭ غۇلجىدا داۋاملىق تۇرۇشىغا ئىمكانىيەت بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1933–يىلى بالا–چاقىسىنى ئېلىپ، غۇلجىدىن تېكەس ناھىيىسىگە كۆچۈپ كەتكەن. ئۇ تېكەسكە بارغاندىن كېيىن، بۇ مەنبەت كەڭرى زېمىندا باغ بەرپا قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ۋە غۇلجا شەھىرىدىن ئالما كۆچەتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، تېكەستە كاتتا ئالملىق باغ بەرپا قىلغان. ئۇنىڭ تېكەستىكى ھاياتى باغۋەنچىلىك ئۆتكەن. بۇ باغ «ئېلاخۇنكام بېغى» دەپ ئاتالغان.
   ئېلاخۇن تىلىۋالدى تۇغقان قوغلىشىپ 1963–يىلى تېكەس ناھىيىسىدىن قازاقىستاننىڭ ئالماتۇ ئوبلاستىغا كۆچۈپ كەتكەن، 1970–يىلى ئالمۇتا ئوبلاستى ئەمگەكچى قازاق ناھىيىسىنىڭ ئازاد يېزىسىدا 104 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئېلاخۇن تىلىۋالدىدىن توققۇز پەرزەنت (يەتتە ئوغۇل، ئىككى قىز)، 40نەۋرە، 59 چەۋرە قالغان.
   ئېلاخۇن تىلىۋالدىنىڭ زامان رېتىمىغا تەڭكەش قوشاق–ناخشىلرىى خەلق ئارىسىدا ئېغىزدىن–ئېغىزغا تارقىلىپ كەتكەن. كېيىنكى يىللاردا ئۇنىڭ ناخشا–قوشاقلىرى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى خادىملىرى تەرىپىدىن توپلىنىپ، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ كەلدى. «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىنىڭ 1987–يىللىق 6–سانىدا ئۇنىڭ 84 كۇپلىت شېئىرى بېسىلدى، غۇلجا شەھەرلىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىشخانىسى تەرىپىدىن 1989–يىلى باستۇرۇلغان «غۇلجا خەلق قوشاقلىرى»غا ئېلاخۇن تىلىۋالدىنىڭ 94 كۇپلىت قوشىقى كىرگۈزۈلدى. «مىراس» ژۇرنىلىنىڭ 1994–يىللىق 4–سانىغا ئۇنىڭ 59كۇپلىت قوشىقى بېسىلدى.
مەنبە: «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى (10)»، 182–بەت، غوجىئەخمەت يۇنۇس («شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، كاندىدات ئالىي مۇھەررىر)

---------------www.iliho.com/blogدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 469 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01