مەرۇپ سەئىدى(1898-1942)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
    مەرۇپ رېھىم باقى ئوغلى سەئىدى 1898- يىلى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا ئوبلاستى بايسېيىت يېزىسىدا دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندىن كېيىن چىلەكتىكى يېڭىچە مەكتەپلەردە ئوقۇغان ۋە مەرۇپ ھاجى، ساۋۇت ئاخۇن قاتارلىق ئىلغار پىكىرلىك، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئىجتىمائىي پەنلەردە مول بىلىم ئىگىلىگەن.
    مەرۇپ سەئىدى 1918- يىلى ( بەزى ماتېرياللاردا 1920- يىلى) ئىلىغا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى باشلىغان . دەسلەپتە غۇلجا ناھىيىسىنىڭ بوربۇسۇن ( ئۇيغۇر ئۈچ ئون ) يېزىسىدا، ئاندىن قاش، دادامتۇ، نوغايتۇ يېزىلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، يۇقىرىقى يېزىلاردا يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدە زور رول ئوينىغان. مەرۇپ سەئىدى بۇ يېزىلاردىكى مەكتەپلەردە تىل، ھېساب، جۇغراپىيە دەرىسلىرىنى ياخشى ئۆتۈپ، ئوقۇتۇش جەھەتتە داڭ چىقارغان . بۇنى ئاڭلىغان غۇلجا شەھىرىدىكى يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن ھۈسەيىن بەگ يۈنۈس، ئابدۇراخمان ئەپەندى، مەمتىلى ئاخۇن قاتارلىق كىشىلەر مەرۇپ سەئىدىنى تەكلىپ قىلىپ غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈرۈپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1931- يىلىدىن باشلاپ غۇلجا شەھەر ئۈچ دەرۋازا مەكتىپىدە مۇدىر بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۈچ دەرۋازا مەكتىپىنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرى يېڭى يۈكسىلىشكە ئېرىشكەن. مەرۇپ سەئىدىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مەكتەپنىڭ نامى "ئۈچ دەرۋازا مەكتەپ" تىن "ئۈمىد مەكتەپ" كە ئۆزگەرتىلگەن. مەرۇپ سەئىدى يالغۇز ئۈمىد مەكتەپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۆزىنىڭ پائالىيەت دائىرسىنى باشقا مەكتەپلەرگە، گېزىتخانا، مەدەنىي- ئاقارتىش ئۇيۇشما خىزمەتلىرى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش كۇرسلىرىغىچە كېڭەيتىپ، ئۆزىنىڭ پىشقان پىداگوك، شائىر، مول بىلىمگە ئىگە مەرىپەتچى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان .
    مەرۇپ سەئىدى 1936- يىلى شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرلىكىگە تەيىنلىنىپ ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەن . جاللات شېڭ شىسەي ئەكسىيەتچى ماھىيتىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، 1939- يىلى تۈرمىگە تاشلانغان، 1942- يىلى تۈرمىدە خېلىل سەتتارى ، ئايۇپ مەنسۇرى، ئارۇپ ئەپەندى قاتارلىقلاربىلەن بىللە ناھەق  ئۆلتۈرۈلگەن. 
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 295 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01