شائىر قۇغۇرسۇر ئالتۇن (478- 567)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    قۇغۇرسۇر  ئالتۇن مىلادىنىڭ 478- 567- يىللىرى ئارلىغىدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرى
    ئۇ ھۆكۈمىران تەبىقىگە مەنسۇپ بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، سىيانپىلار ۋە باشقا تۈركىي قەبىلىلەر بىرلىشىپ قۇرغان شىمالى چى خانلىقىدا (550-577) مەشھۇر دۆلەت ئەربابى بولغان. ھەربىي، سىياسىي دىپلوماتىيە جەھەتتە داڭقى چىققان قۇغۇرسۇر  ئالتۇننىڭ بىزگە قەدەر يېتىپ كەلگەن بىردىن- بىر ئەسىرى «تۇرا قوشىغى» 6- ئەسىردە يېزىلغان بولۇپ، «تۇرا» سۆزى گايىدا ھىڭگان تاغلىرىدىن تارتىپ، موڭغۇلىستان زىمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىدە ياشىغان شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نامى سۈپىتىدە قوللىنىلسا، گايىدا شەرقتىكى ئۇلۇغ ئوكيان قىرغاقلىرىدىن تارتىپ، غەرىپتە قارا دېڭىز، دىنپىر دەرياسى بويلىرىغا قەدەر سۇزۇلغان كەڭرى زىمىندا ياشىغۇچى پۈتۈن تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى سۈپىتىدە قوللىناتتى. «تۇرا قوشىغى» دا ئەنە شۇ دەۋرلەردىكى شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ تاغلىرى ئەتراپىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ۋە ئوردۇس يايلىقىنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسىنى چوڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ تەسۋىرلەنگەن. شۇڭا بۇ شېئىرنى «تۇرا قوشىغى» دېگەندىن كۆرە، «ئۇيغۇر قوشىغى» دەپ ئاتىساق بولىۋېرىدۇ. 

چوغاينىڭ تاغلىرى ئاستىدا ئاقار،
 تۇرالارنىڭ دەرياسى ئويناپ – دولقۇنلاپ.
ئاسماننىڭ گۈمبىزى بارىگاسىمان،
تۇرىدۇ جىمىكى دالىنى قاپلاپ.

شۇنچە كۆپ غۇبارسىز ساماۋى ئاسمان،
دالىلار بىپايان، كۆرۈنمەيدۇ قاش.
كۆرۈنۈپ قالىدۇ سانسىز چارۋا مال،
 شاماللار يەلپۈسە، ئوتلار ئەگسە باش.
     شائىرنىڭ ئىسمى ئالتۇن بولۇپ، فامىلىسى قۇغۇرسۇر ئىدى. قۇغۇرسۇر- ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقى (647-845 يىللار) دەۋرىدىكى توققۇز ئويغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قەبىلىسى تەركىبىدە ئىدى. شائىر ئۆزىنىڭ قايسى قەبىلىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، ئوز ئۇرۇغىنىڭ نامىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئۆزىنى قۇغۇرسۇر ئالتۇن دەپ ئاتىغان.  تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، شائىر «تۇرا قوشىغى» نى شىمالىي چى خانلىقىنىڭ پادىشاھى گاۋخىڭ ئاغرىپ قالغاندا تۈركىي تىلىدا يازغان ئىكەن. خۇسۇغۇر ئالتۇننىڭ بۇنىڭدىن باشقىمۇ ئەسەرلىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇنى ئىزدەپ تېپىش بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىىقات نوقتىلىرىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

      قۇغۇرسۇر ئالتۇن ئىسىم فامىلىسى ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر شائىرى بولۇپ، ھازىرغىچە دەۋرى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىراق بولغان باشقا شائىرنىڭ ھاياتى ياكى ئىسمىغا ئائىت مەلۇماتلار تېپىلمىدى. شائىرنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەسەرلىرى ئاز بولسىمۇ ئەينى دەۋردە ئۆز تىلىنىڭ ئېتىبارى ۋە تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقانلىقى ، بۇ تىلنى بۈگۈنگىچە ئىشلىتىۋاتقان بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرىلا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى شۈبھىسىز. 

 ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر ناملىق كېتابتىن ئېلىندى 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 277 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01