كالىفورنىيە ئۇنىۋېرستى بېركېلىي شۆبىسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    ئەگەر ئامېرىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى شەرقتىن غەربكە قاراپ ئىلگىرىلىگەن دېسەك، ئۇنداقتا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركېلىي شۆبىسى (University of California Berkeley ،  بېركېلىي ئۇنىۋېرسىتى قىسقارتىلىپ UCB  قىلىپ يېزىلىدۇ) ئامېرىكىنىڭ غەربنى چوڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەقلىي كۈچنى ئېچىش بازىسى بولغان.
    19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسىمغا يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، «ئالتۇن قازغۇچىلار» كالىفورنىيە قاتارلىق غەربىي جەنۇبىي رايونلارغا تۈركۈملەپ كېلىشكە باشلىدى، ئەسلىدە ھېچقانچە نامى بولمىغان سان فرانسىسكو بازىرى، بىر كىشىنىڭ ئالتۇن قېزىۋېلىپ بىر كېچىدىلا بېيىپ كەتكەنلىكى بىلەن نامى ئەتراپقا پۇر كېتىپ، بۇ يەرنىڭ ئاھالىسىنى كۆپەيتىۋەتتى.
    ئەينى چاغدىكى شىتاتلىق قانۇن چىقىرىش كومىتېتى «كالىفورنىيەگە بەخت ۋە شەرەپ كەلتۈرىدىغان» مەكتەپ قۇرۇش پىكرىدە چىڭ تۇردى (California’s gold to the gloryand happiness of advancinggenerations)، شۇنداق قىلىپ 1868-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلدى، دۇرانت ئەپەندى تۇنجى مۇدىر بولدى. مانا بۇ بۈگۈنكى بېركېلىي ئۇنىۋېرسىتىنىڭ  دەسلەپكى گەۋدىسىدۇر. ھازىرقى دۆلەت ئىلكىدىكى بۇ مەكتەپ خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، كالىفورنىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىنىڭ شەرقىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان غەربىي رايوننىڭ ئىلىم تۈۋرۈكلىرىگە ئايلاندى. ھەر يىللىق ئالىي مەكتەپلەر رەت تەرتىپىدە ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى ياكى ماسساچۇسېتس تېخنىكا ئىنستىتۇتىدىنلا كېيىن تۇرىدىغان، ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرى ئىچىدە 3-، ياكى 4-ئورۇندىكى ئالىي مەكتەپ بولۇپ تۇرماقتا.
     دەسلەپكى مەزگىلدىكى  بېركېلىي  سىرتتىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ تەسىرىدە، ئىلمىي ئىدىيە جەھەتتە ئامېرىكىدىكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەركىن ۋە ئوچۇق بولدى، بۇ ئەنئەنە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوقالغىنى يوق.
     بېركېلىي  ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجادىي ئىقتىدارىغا ۋە تەنقىدىي تەپەككۇرىغا، باراۋەرلىككە ئەھمىيەت بېرىدۇ.  بېركېلىينىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت مۇھىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغىنى بۇ مەكتەپتىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىدۇر. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ھەر يىلى 32000 ئەتراپىدا بولىدۇ، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار بولسا ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 10%ئىنى ئىگىلەيدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھەر يىلى بۇ مەكتەپكە 100 نەچچە دۆلەتتىن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئالىملار كېلىپ تۇرىدىكەن.
     بېركېلىينىڭ دوكتور ئاسپىرانتلىرىنىڭ سۈپىتى ئىزچىل ھالدا ئامېرىكا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. چەت ئەللىك ئاسپىرانتلار ئېرىشىدىغان ياردەم مەبلىغىدىن بۇ مەكتەپنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: دوكتور ئاسپىرانتلار بىر يىلدا 50 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق تۈرلۈك ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشەلەيدۇ، بۇ ئامېرىكىدىكى ئوتتۇراھال ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمىگە توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش خىراجتى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەكتەپ ھەر يىلى يەرلىك (ئامېرىكىلىق) ئوقۇغۇچىلاردىن تولۇق كۇرسقا ۋە ماگىستېرلىق، دوكتورلۇققا تەخمىنەن 6000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا بولغان مۇلازىمىتىدىن بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىنى ئاساس قىلىشنى ئەڭ يۇقىرى مىزان قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئوقۇش باشلىنىش ئالدىدا مەكتەپنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىن ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىغان خەتلەر سىزنى قايسى ئىشلارنى قانداق قىلىشىڭىز توغرىسىدا ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. مەكتەپتىكى ھەرقايسى ئورۇنلار ھەمدە جەمئىيەتتىكى ئورگانلار مەخسۇس مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى ئۆتكۈزىدۇ، ساقچى ئىدارىسى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى ۋە ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ۋە مەكتەپ خادىملىرى بىر-بىردىن مۇنبەرگە چىقىپ يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى چۈشەندۈرىدۇ.
     بۇ ھەتتا نۇرغۇن ئىنچىكە تەپسىلاتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ۋېلسىپىتنى ئوغرىغا ئالدۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؛ ئامېرىكا بويىچە 4-ئورۇندا تۇرىدىغان  بېركېلىي  كۇتۇپخانا سىستېمىسىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك؛ مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىكى ئاشخانىلارنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى؛ ئوقۇغۇچىلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى قانداق سېتىۋېلىشى كېرەك دېگەندەك.
     بېركېلىي  ئۇنىۋېرسىتېتى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيارەتچى ئالىملار ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، دوكتور Ivor Emmanuel ئامېرىكىدا «ئالىي مەكتەپلەرنى پروفېسسورلار سورايدۇ» دېدى. يېقىندا تېخى پروفېسسورلار نامايىش قىلىپ مەكتەپ مۇدىرىيىتىنىڭ مائارىپ خىراجىتىنى ئازايتقانلىقىغا قارشى چىقتى. ئەمما مەكتەپنىڭ پروفېسسورلارغا قارىتىلغان سىناپ تەكشۈرۈشىمۇ ئىنتايىن قاتتىق. ئۇ چاخچاق قىلىپ « پروفېسسورلار بىلەن مەكتەپ تەرەپ ھامان ئېيتىشىپ تۇرىدۇ، بىراق بۇنىڭ پايدىسى بار، ئەگەر ئالىي مەكتەپتىمۇ دېموكراتىيە ۋە باراۋەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىسا، بىز سىلەر ياشلارنى قانداق تەربىيىلەيمىز؟»
    دېموكراتىك ۋە باراۋەرلىك مەكتەپكە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
    ھازىرغىچە بېركېلىي ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇغانلاردىن  22ئادەم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ 8 نەپەر پروفەسسور، مەكتەپداش تۇرىڭ مۇكاپاتىغا (تۇرىڭ مۇكاپاتى 1966-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا كومپيۇتېر جەمئىيىتىنىڭ كومپيۇتېر ساھەسىدىكى تۆھپىكارلارغا بېرىدىغان ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى . كومپيۇتېر ساھەسىنىڭ نوبېل مۇكاپاتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئەنگلىيەلىك ماتېماتىكا تالانت ئىگىسى ئالان تۇرىڭ ئەپەندىنىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان. ئالان تۇرىڭ ئەپەندى كومپيۇتېرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە كومپيۇتېر نەزەرىيىسىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. تۇرىڭ مۇكاپاتى ئاساسلىقى كومپيۇتېر تېخنىكىسى ساھەسىدە چوڭ تۆھپە ياراتقان شەخسلەرگە بېرىلىدۇ. بۇ تۆھپە كومپيۇتېر كەسپىدە ئۇزاققىچە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇشى كېرەك---بىلىۋال)؛ 23 نەپەر پروفېسسور ئامېرىكا دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مېدالىغا ئېرىشتى؛ 102 نەپەر پروفېسسور ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، 68 كىشى ئامېرىكا قۇرۇلۇش ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، 169 كىشى ئامېرىكا پەن-تېخنىكا ھۈنەر-سەنئەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
     ئەمەلىيەتتە  بېركېلىي  ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغاندا ئامېرىكىنىڭ شەرقىدىكى ئالىي مەكتەپلەر 200 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ قالغانىدى، ماسساچۇسېتس تېخنىكا ئىنستىتۇتى تېخنىكا ساھەسىدە ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا  بېركېلىي  20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىگە كەلگەندە ئاندىن تېخنىكا ئىنستىتۇتى قۇرغان بولسىمۇ، قانداق قىلىپ ناھايىتى تېزلىكتە ماسساچۇسېتس تېخنىكا ئىنستىتۇتى بىلەن تېخنىكا ساھەسىدە تەڭ تۇرالايدىغان چولپانغا ئايلىنالىدى؟ ئۇ بولسىمۇ پۇرسەت.
     كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  بېركېلىي  كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان كىتاب 9 مىليون 200 مىڭ پارچە بولۇپ، شىمالىي ئامېرىكا بويىچە 4-ئورۇندا تۇرىدىغان كۇتۇپخانا ھېسابلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپ بۆلۈمىدە 23 مىڭ ئوقۇغۇچى بار، تەتقىقات ئورنىدا 10 مىڭ كىشى بار، ئۆمۈرلۈك پروفېسسور (تەكلىپلىك پروفېسسورلارنى ۋە لېكتورلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دىن 2000 دىن ئارتۇقى بار. بەركەلەيدا 130 دىن ئارتۇق فاكۇلتېت ۋە تەتقىقات ئورنى بار بولۇپ ئۇلار 14 ئالىي مەكتەپ (ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورنى)نى تەشكىل قىلىدۇ.
    كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتى بېرېكلې شۆبىسىنىڭ تور بېتى  http://www.berkeley.edu
مەزكۇر ئۇچۇر Biliwal.com دىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 442 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01