كىيۇتو ئۇنىۋېرسىتى=Kyoto University

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

     ئاسىيادىمۇ دۇنياغا داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر خېلى كۆپ. ياپونىيىدە  ئاسىياغا شۇنداقلا دۇنياغا داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر ئاز ئەمەس. ئۇنىڭ ئىچىدە ياپونىيىنىڭ كونا پايتەختى كىيۇتو شەھىرىدىكى كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ سانىنىڭ بىر قەدەر كۆپلىگى بىلەن داڭلىق. كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۇنىۋېرسال خاراكتېردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىنسانشۇناسلىق ، ئەدەبىيات، قانۇن، ئىقتىساد، تەبىئى پەن، مېدىتسىنا، دورىگەرلىك، سانا-ئەت، يېزا ئىگىلىك قاتارلىق فاكۇلتېتلاردا تولۇق كۇرسى بويىچە ئوقۇغۇچى تەربىيىلەشتىن سىرت، ئەدەبىيات، مائارىپشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق، تەبىئى پەن، مېدىتسىنا، دورىگەرلىك، سانائەت، ئىنسانشۇناسلىق مۇھىت، ئېنېرگىيە، ئاسىيا-ئافرىقا رايون تەتقىقاتى، ئۇچۇرشۇناسلىق، ھايات ئىلمى، يەرشارى -مۇھىت قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئاسپىرانتلارنى تەربىيىلەيدۇ.
     كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى  1892-يىلى 23 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ تەلىۋىگە بىنائەن قۇرۇلۇپ  1897-يىلى ئوقۇش باشلىغان، ياپونىيەدىكى توكيۇ ئۇنىۋېرسىدىن كېيىنلا قۇرۇلغان ئالى مەكتەپ بولۇپ، توكيۇ ئۇنىۋېرسىتى ياپونىيە ئۈچۈن دۆلەت باشقۇرغۇچىلارنى تەربىيىلىسە ، كىيۇتو ئۇنىۋېرسىتى ياپونىيە ئۈچۈن يۇقۇرى ساپالىق تەتقىقاتچى-ئالىملارنى تەربىيەلەشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.    كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى ياپونىيىنىڭ قەدىمى پايتەختى شۇنداقلا ياپون مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈگى دەپ تەرىپلەنگەن كيوتو شەھىرىنىڭ شەرقى شىمالى قىسمىغا جايلاشقان. كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى نىڭ مەكتەپ مۇھىتى ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ ئىلىم-پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا ياپونلۇق ئوقۇغۇچىلاردىن سىرت دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇ بىلىم تەھسىل قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بار. ئۇلار ئىقتىساد ، تارىخ، مېدىتسىنا، يېزا ئىگىلىك، ھاياتشۇناسلىق، قاتارلىق كەسىپلەردە ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئۇقۇۋاتىدۇ.  كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى يەن دۇنيادىلى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتلار ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنى تەسىس قىلغان ئاز ساندىكى ئۇنىۋېرسىتلارنىڭ بىرى.  كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتكە بىۋاستە قاراشلىق ئۇنىۋېرسىت بولغاچقا ھەر يىلدا كېتىدىغان بىر مىليارت دوللار چىقىمىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى كۆتۈرىدۇ، شۇنداق بولغاچقا ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلار ئاز مىقداردا ئوقۇش پۇلى تاپشۇرغاندىن باشقا، مەكتەپتە ياخشى ئۇقۇيالىسىلا ئوقۇش پۇلى قاتارلىقلاردىن غەم قىلىش ھاجەتسىز.
     كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ئاسىيا بويىچە ئالدىدا بولۇپ، مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەردىن 1949-يىلى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يۇكاۋا خىدېكى، 1965-يىلى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن  سىن ئىتىرو توموناگا، 1960-ئيىلىدىن 1964-يىلىغىچە ياپونىيەگە باش ۋەزىر بولغان ئىكېدو ھاياتو،   1981-يىلى نوبىل خېمىە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فيكۇڭ كېنىچى، 1987-يىلى نوبىل مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن   تونىگاۋا سۇسۇمۇ، 2001-يىلى نوبىل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رىيوجى نايورى قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق شەخسلەر بار. (ئۇيغۇر تەبىئى پەن ئالىمى ئەخمەتجان ئابدۇرېھىم، غاپپار پەتتارلار  دوكتۇرلۇقنى مۇشۇ مەكتەپتە ئالغان، دوكتۇرلاردىن بىلال ئىلياس ھازىرمۇ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ).
 كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نامى مەشھۇر بولسىمۇ كۆلىمى ئۇنچىلا چوڭ ئەمەس. مەكتەپ ھەر يىلى تەخمىنەن 3مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، ئوقۇغۇچى سانى 2مىڭ ئەتراپىدىكى دوكتۇر، 3مىڭ ئەتراپىدىكى ئاسپىرانت  ئوقۇغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 15مىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇنىۋېرسىتتا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار يەنە ياپون تىلىدىن ھەقسىز دەرس ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.


بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ تور ئادرېسى www.kyoto-u.ac.jp

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 422 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01