قىزىل كېسىلىنى داۋالاش

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    قىزىل -قىزىل ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆتكۈر خاراكتېرلىك نەپەس يۇلى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، يۇشۇرۇن ھالىتى ئادەتتە 3-5كۈنگىچە 
    ئاساسلىق ئالامەتلىرى : قىزىش،چۇشكۇرۇش ،بۇرنىدىن سۇ ئېقىش،يۆتىلىش، كۆز بېرىكتۇرگۇچى شىللىق پەردىسى قىزىرىش،ئېزىق چىش مىلىكىدە ئىنچىكە بوز(كۆكۈش) چۆرىسى قىزىل چېكىتلىك داغلار پەيدا بولىدۇ. بۇ قىزىل شىللىق پەردە دېغى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەسۋە چىقىش باسقۇچىمۇ 3-5كۈنگىچە بولۇپ ، پۈتۈن بەدەن ئالامەتلىرى ئېغىرلاش بىلەن بىللە، لىمفا تۇگۇنلىرى، جىگەر، تال قاتارلىق ئەزالار ئىشىپ،ئۆپكىدە قۇرۇق خىرت ئاڭلىنىدۇ.
 ئەسلىگە قايتىش دەۋرى:10-14كۈنگىچە بولۇپ ئەسۋە چىقىش تەرتىپى بۇيىچە قىزىل داغلار يوقايدۇ.
ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش:
 1.قىزىل بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بار ئويىنىڭ تازىلىقى،ھاۋا ئالمىشىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك .ئەمما بىمار كۈچلۈك كۇن نۇرى ،ۋە شامال بىلەن بىۋاستە ئۇچراشسا بولمايدۇ.
 2بىمارنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ تۇرغاندا،قايناق سۇنى كۆپ ئىچىش،سۇيۇق ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك.
 3قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىللە يىلمان لۆڭگە بىلەن بەدىنىنى سۇرتۇش،ھەرگىز ئىسپرت ۋە سوغاق كامپۇرس بىلەن قىزىتمىسىنى چۇشۇرۇشكە بولمايدۇ.
 4ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش،تۇز سۇيى بىلەن كۈندە ئېغىزىنى بىرنەچچە قېتىم چايقاپ تۇرۇش كېرەك.
 5 ئەگەشمە كېسەللىكلىرى يۇز بەرگەندە كېسەللىك ئالامىتىگە ۋە ئەھۋالىغا  قارتا دۇرا ئىشلىتىش يەنى ياللۇغ قايتۇرغۇچى دۇرىلارنى،ئىمونت كۇچىنى يۇقۇرى كوتىردىغان دۇرىلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن  ئىشلىتىش كېرەك.
 ناۋادا بىمارنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ،نەپىسى قىيىنلىشىپ،يۆتىلى كۇچۇيۇپ،ئېغىزنىڭ ئەتراپى قىزىرىپ،پۇت قوللىرى مۇزلاپ،تومۇرنىڭ سۇقۇش ئاستىلاپ ،يۇرەك ھەرىكىتى تېزلىشىپ كەتسە بۇ بىمارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاشقانلىنى بىلدۈرىدۇ. دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

 يىمەكلىك بىلەن داۋالاشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى 

       قىزىل بىمارلىرىنى يېمەكلىك بىلەن داۋالاش  : 1-پۇرچاق ئۇيۇتمىسى 30گىرام،يېشىل ماش30 گىرام، ناۋات مۇۋاپىق مىقداردا .تەييارلاش ئۇسۇلى : يېشىل ماشنى يۇيۇپ بىر سائەت چىلاپ ئاندىن قاينىتىپ ئىزىلگەندە پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى سېلىپ يەنە 20 مىنۇت قاينىتىپ ناۋاتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ .قىزىتمىنى قايتۇرۇپ زەھەرنى تازلايدۇ.

قىزىل ۋاكسىنىسىنى  ئەملەش ۋاختى

         ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ دەسلەپكى ۋاقتى بالا تۇغۇلۇپ 8ئايدىن كىيىن بۇلۇپ، قىزىل ۋاكسىنىسىنىڭ ئېمونت كۈچى 4-6يىلغىچە بولۇپ ھەر 4يىلدا كۈچەيتمە ئېمۇنتلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك . بىر قېتىم قىزىل چىققانلارنىڭ ئادەتتە قايتا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئاساسى جەھەتتىن كۆرۈلمەيدۇ شۇڭا ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ زۇرۇريىتى يوق.

يۇقۇملانغانلارنىڭ يېمەكلىكىنى تەڭشەش

 (1)قىزىتمىسى ئۆرلەپ ئەسۋە چىقىش باسقۇچىدا چۇقۇم ئاسان ھەزىم بولدىغان، مايسىز،سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى بىرىش كېرەك يەنى شوۋگۇرۇز،سۇيۇق ئاش،شويلا سۇتئاش...

 (2) قىزىتمىسى يېنىپ ئەسلىگە كىلىش باسقۇچىدا بولسا ئۇزۇقلۇق مول ئاسان ھەزىم بولدىغان يۇقۇرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر يەنى سۇت، جىگەر، بېلىق، ئۇرۇق گۆش،پەمىدۇر تۇخۇم قورىمىسى،يېڭى كۆكتات ۋە مىۋە شەربەتلىرنى قۇشۇپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

(3)ئەگەشمە كېسەللىكلەر بىللە كەلگەن چاغدا دورا بىلەن داۋالاش بىلەن بىللە سۇيۇق تاماق ،سۇت ، پۇرچاق قىيامى،سەۋزە قىيامى ۋېتامىن مول بولغان مىۋە ۋە كۆكتاتلارنى قۇشۇپ بىرىش كېرەك.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-6 15:50:47]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 424 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01