يالغۇز ئامېرىكىلا ئەمەس، ياپونىيە، ياۋروپا ئىتىپاقى قاتارلىقلارمۇ ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈشىنى خالىمايدۇ، جۇڭگۇدا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈشىمۇ ئامالسىزلىقتىن بولۇۋاتقان ئىش. پۇلنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى سۈنئى ھالدا بولماي تەبىئى بارلىققا كەلسە(مەسىلەن 3يىلنىڭ ئالدىدا تۈركىيە بارلىق پۇللىرىنىڭ ئارقىدىكى 6نۆلنى ئەمەلدىن قالدۇردى، بۇ سۈنئى قىممەت ئۆستۈرۈش بولۇپ بازارغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ) پۇل پاخاللىقىغا ئوخشاشلا دۆلەتنى تاشقى پىرىۋوتتا زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ھازىرقى كۈندە دۆلەتلەرنىڭ تاشقى پىرىۋوت ۋە خەلقارا سودىغا تايىنىشى كۈچلۈك بولغانلىقتىن كىچىككىنە پەرقمۇ نەچچە مىليارد دوللارلىق زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن ياۋرۇنىڭ باھاسى ئۆتكەن بەش يىلدا 1.6 ھەسسە ئۆرلىدى، ئۆسۈشتىن ئىلگىرى1000ياۋرۇ قىممىتىدىكى مال ئۈچۈن ئىمپورت سودىگىرى 730دوللار تۆلىگەن بولسا ياۋرۇنىڭ قىممىتى ئۆرلىگەندىن كېيىن 1000دوللار تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ، نەتىجىدە بۇ ياۋرۇ ئىشلىتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تاشقى سودىسىدا پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلىپ مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەندەك تەسىرات پەيدا قىلىدۇ دە ئىكىسپورت ئىشلىرىغا پايدىسىز ئەكىس تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. خەلقارا سودىدا دوللار ئاساسى ئوبوروت قىلىنغاچقا شۇنداقلا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى پىرىۋوت زاپىسىمۇ دوللار ئارقىلىق ئايرىۋاشلىنىدىغان بولغاچقا پىرىۋوت زاپىسىدىكى دوللارمۇ ياۋرۇغا سۇندۇرغاندا قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن تەڭ بىر كېچىدىلا مۇناسىپ ھالدا نەچچە مىليارد ئازىيىپ كېتىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. دۇنيا بويىچە قەرزى ئەڭ كۆپ دۆلەت ئامېرىكىمۇ دوللارنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشۈشى بىلەن تەڭ نەچچە مىليارد دوللارلىق قەرزدىن بىكارلا قۇتۇلۇپ قالىدۇ.