ماكىدونىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گىرىبى ماكېدونىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى دەل ئوتتۇرىسىغا ئالتۇن قۇياش سىزىلغان بىر قىزىل بايراق بولۇپ، قۇياشتىن 16ئالتۇن نۇر چېچىلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە ئالتۇن نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش ماكېدونىيىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى- كوراب تېغىنىڭ چوققىسىدىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئىكەن. بۇ قۇياشلىق بايراق ئىسكەندەر ماكىدونىسكى دەۋرىدە ئىشلىتىلگەن بولغانلىقتىن، شۇنداقلا بۇلغارىيە ۋە گرېتسىيىدىكى ماكېدونلارمۇ «كولابى چوققىسىدىكى قۇياش» قا ئىنتايىن چوقۇنغانلىقىتىن، گرېتسىيە ئۇنى دۆلەت بايرىقى قىلىشنى گرېتسىيە چېگىرىسىدىكى دېڭىزغا تۇتىشىدىغان ماكېدونىيە رايونىغا يامان نىيەتتە بولغانلىق دەپ قارىغان. شۇڭا بۇ ئىككى دۆلەتتە دۆلەت نامىدىكى تالاش - تارتىش بۇز بېرىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەت بايرىقى ھەققىدىكى تالاش - تارتىشمۇ پەيدا بولۇپ، گرېتسىيە ماكېدۇنىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېتراپ قىلماي، دۆلەت بايرىقنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرماقتا.
ماكىدونىيەنىڭ ھازىرقى دۆلەت گىرىبى سابىق يۇگۇسلاۋىيە دەۋرىدىن قالغان بولۇپ تىپىك سوتسىيالىستىك دۆلەتلىك پۇرىقىغا ئىگە. ماكىدونىيەنىڭ ئەنئەنىنى ئاساس قىلىپ لايىھەلەنگەن ئۈچ قېتىملىق دۆلەت گىرىبى بۇلغارىيە ۋە گىرىتسىيەنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئىشلىتىلمىدى.