شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى NATO

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى NATO

    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسقارتىلىپ «ش ئا ئە ت» ياكىNATO) North Atlantic Treaty Organization) ناتو دەپ ئاتىلىدۇ.
   ش ئا ئە ت ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن، تەشكىلاتنىڭ ھەربى قوماندانلىقىنى ئامېرىكا تەيىنلەيدىغان، ئەنگىلىز ۋە فىرانسۇز تىلىنى ئاساسى باشقۇرۇش تىلى قىلغان، باش شتابى بېلگىيە پايتەختىبريۇسسېلدا بولغان دۇنياۋى ھەربى تەشكىلات . ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سوۋېت ئىتىپاقى باشچىلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرگە قارشى تۇرۇش، ۋە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپنىڭ ئۆز ئەللىرىگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىدىدە 1949 - يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، كانادا،بېلگىيە، گوللاندىيە، دانىيە، نورۋېگىيە، پورتۇگالىيە، ليۇكسىمبۇرگ، ئىسلاندىيە، ئىتالىيىدىن ئىبارەت12 دۆلەت ۋاشىنگتوندا «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالاپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى رەسمىي قۇردى.
    1952-يىلى گرېتسىيە ۋە تۈركىيە، 1955-يىلى فېدراتىپ گېرمانىيە، 1982-يىلى ئىسپانىيىلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇتەشكىلاتقا كىردى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ، ئۇنىڭدا مىنىستىرلار كېڭىشى، مۇداپىئە ئىشلىرى پىلان كومىتېتى ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تەسىس قىلىنغان، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، شتاب باشلىقلىرىدىن تەشكىللەنگەن. ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئاستىدا «ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابى»، «ئاتلانتىك ئوكيان ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى قوماندانلىق شىتابى» ۋە «دېڭىز بوغۇزى ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابى»، ئۇنىڭدىن باشقا بىر «يادرو پىلانى گۇرۇپپىسى» تەسىس قىلىنغان. يۇقىرىدىكى ئۈچ قوماندانلىق شتابى ئىچىدە ئوتتۇرا ، شىمالى، جەنۇبى ياۋروپا ئىتىپاقداش ئارمىيىسى قوماندانلىق شىتابىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابى» ئەڭ مۇھىم بولۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ ئالىي قوماندانىنى ئامېرىكا بەلگىلەيدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي قىسىملىرى ھەر يىلى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ. شەرتنامىدە: شەرتنامە تۈزگەن دۆلەتلەر «ئورتاق مۇداپىئە» نى يولغا قويۇش، ئەزا دۆلەتلەر ئۆز ئارمىيىسىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىلاتنىڭ قوماندانلىقىغا تاپشۇرۇش . شەرتنامە تۈزگەن دۆلەتلەر «قۇراللىق ھۇجۇم»غا ئۇچرىسا، شەرتنامە تۈزگەن باشقا دۆلەتلەر «زۈرۆر دەپ ھېسابلىغان ھەرىكەت، جۈملىدىن قورال كۈچى ئىشلىتىش ھەركىتىنى قوللىنىش ۋاستىسى ئارقىلىق تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن بولغاچقا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە تۈركىيە، گىرىتسىيە، غەربى گېرمانىيە قاتالىق ئەللەرنى سوۋېت ئىتىپاقى باشچىلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇمى ۋە مۇداخىلىسىدىن ساقلاش رولىنى ئوينىغان.
    1990-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلىنىپ غەرپ دۆلەتلىرىگە بولغان ئاساسى خەۋپ تۈگىگەن بولسىمۇ لېكىن ش ئا ئە ت يەنىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ 1999-يىلى چېخ، پولشا، ۋېنگىرىيەنى، 2004-يىلى لاتۋىيە، لىتۋا، ئېستونىيە، سىلوۋېنىيە، سىلوۋاكىيە، رومانىيە، بۇلغارىيەنى يېڭىدىن ئەزالىققا قوبۇل قىلدى، ئالبانىيە، كىرودىيە، بوسنىيە، ماكىدونىيە، گىرۇزىيە، مونتېنېگرو، ئوكرائىنا قاتارلىق ئەللەرمۇ ش ئا ئە ت گە ئەزا بولۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئامېرىكا قاتارلىق ئىقتىسادى تەرەققى تاپقان ئەللەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بىلەن ش ئا ئە ت ھازىر 26 ئەزاسى بار، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەربى قوشۇن توختاتقان، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك تەڭدىشى يوق ھەربى تەشكىلاتقا ئايلاندى. ھازىر ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى ياپ دې ھوپ سىچېۋېر ( jaap de hoop schever. خەنزۇچە 夏候雅伯 دەپ ئېلىنغانلىقتىن تەرجىمىدە شاخۇياب دەپ ئېلىنىپ قالغان). ش ئا ئە تنىڭ تور بېتى: ش ئا ئە تنىڭ بەلگىسى

[admin تەستىقلىدى . 2010-3-31 13:13:42]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 475 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01