قۇياش solar

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
    قۇياش يەر شارى ۋە باشقا پىلانېتىلارنى ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلاندۇرۇپ، ھەمدە ئۇلارغا يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بېرىپ تۇرىدىغان قۇياش سىستېمىسىدىكى مەركىزىي ئاسمان جىسىمى، شۇنداقلا   يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن بولغان تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇپ، جىمى ھاياتلىق قۇياش بولمىسا داۋاملىشالمايدۇ. قۇياشنىڭ ماسسىسى يەر شارى ماسسىسىنىڭ330 مىڭ ھەسسىسىگە، ھەجىمى يەر شارى ھەجىمىنىڭ1 مىليون300 مىڭ ھەسسىسىگە، دىئامېتىرى يەر شارى دىئامېتىرىنىڭ109 ھەسسىسىگە (تەخمىنەن1 مىليون390 مىڭ كىلومېتىرغا) توغرا كېلىدۇ. يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 150 مىليون كىلومېتىر كېلىدۇ. لېكىن، چەكسىز يۇلتۇزلار دۇنياسىدا قۇياش پەقەت ئاددىيلا بىر ئەزادىن ئىبارەت.
    قۇياش سىرتقى يۈزىدە توختىماي پارتىلاش ھادىسسى يۈز بېرىپ تۇرغان، چوغدەك قىزىپ تۇرغان گاز شارى بولۇپ، سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى6000 سېلىسىيە گرادۇس، ئىچكى قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى17 مىليون سېلىسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ. قۇياش ئاساسەن ھىدروگېن بىلەن گېلىيدىن تەركىب تاپقان. ماسسىسى بويىچە ھېسابلىغاندا، ھىدروگېن تەخمىنەن %71 نى، گېلىي تەخمىنەن %27 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز مىقداردا ئوكسىگېن، كاربون، ئازوت، تۆمۈر، سىلىتسىي، ماگنىي، گۈڭگۈرت قاتارلىقلارمۇ بار.
   قۇياش ئىچىدىن سىرتىغا قاراپ ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدىغان يادرو مەركىزى رايونى، رادىئاتسىيە رايونى ۋە كونۋېكسىيە رايونى قاتارلىق ئۈچ قەۋەتتىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى بولغان، ھىدروگېننىڭ توپلىشىپ گېلىيغا ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت ئىسسىق يادرو رېئاكسىيىسى يادرو مەركىزى رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئېنېرگىيە رادىئاتسىيە، كونۋېكسىيە قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قۇياشنىڭ سىرتقى يۈزىگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، ئەڭ ئاخىردا، قۇياش يۈزىدىن چېچىلغان قۇياش رادىئاتسىيىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. قۇياشنىڭ سىرتقى قەۋىتى ئادەتتە «قۇياش ئاتموسفېراسى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ يەنە ئىچىدىن سىرتقا قاراپ فوتوسفېرا، خروموسفېرا ۋە قۇياش تاجى قاتارلىق ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ. فوتوسفېرا قۇياشنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى نېپىز قاتلام بولۇپ، قېلىنلىقى500 كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇياشنىڭ دىئامېتىرى مۇشۇ يۇمىلاق يۈزگە ئاساسەن بېكىتىلگەن. فوتوسفېرانىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن6000 سېلىسىيە گرادۇس بولۇپ، قۇياشنىڭ نۇرى ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ جايدىن تارقىلىدۇ. بۇ نېپىز قەۋەت كىشىلەرنىڭ كۆرۈش سىزىقىنى توسۇۋالىدۇ، شۇڭا، كىشىلەر قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىرلارنى بىلىشكە ئامالسىز قالماقتا.
    خروموسفېرا قۇياش ئاتموسفېراسىنىڭ ئوتتۇرا قاتلىمى بولۇپ، ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى2000 كىلومېتىر كېلىدۇ. زىچلىقى فوتوسفېرا زىچلىقىدىن تۆۋەن بولۇپ، ناھايىتىمۇ سۈزۈك. خروموسفېرانىڭ تېمپېراتۇرىسى نەچچە مىڭ سېلىسىيە گرادۇستىن نەچچە ئون مىڭ سېلىسىيە گرادۇسقىچە بولىدۇ، لېكىن خروموسفېرادىن تارقىلىدىغان نۇر فوتوسفېرادىن تارقىلىدىغان نۇرنىڭ بىرقانچە1000 /1 ىگە توغرا كېلىدۇ، ئادەتتە بىز ئۇنى بىۋاسىتە كۆرەلمەيمىز. پەقەت كۈن تۇتۇلغاندا ياكى خروموسفېرا تېلېسكوپى بىلەن كۆزەتكەندىلا ئاندىن كۆرگىلى بولىدۇ. كۈن تولۇق تۇتۇلغاندا، يەنى قۇياش فوتوسفېراسى ئاي تەرىپىدىن تامامەن توسۇۋېلىنغان چاغدا، قارامتۇل ئاي ھالقىسى ئەتراپىدىن خۇددى ئادەمنىڭ قېشىغا ئوخشايدىغان ناھايىتى ئىنچىكە بىر قىزىل نۇرنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ دەل قۇياش خروموسفېراسىنىڭ نۇرىدۇر.
    قۇياش تاجى قۇياش ئاتموسفېراسىنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتى بولۇپ، قېلىنلىقى نەچچە مىليون كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ قاتلامنىڭ ئاتموسفېراسى تېخىمۇ شالاڭ بولۇپ، يەر يۈزى ئاتموسفېرا زىچلىقىنىڭ تەخمىنەن مىلتيۇندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. قۇياش تاجىنىڭ نۇر تارقىتىشى خروموسفېرادىن خېلى ئاجىز بولۇپ، ئادەتتە ئاددىي كۆز بىلەن ھەرگىزمۇ كۆرەلمەيمىز. پەقەت كۈن تولۇق تۇتۇلغاندا، قارامتۇل ئاي ھالقىسىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن كەڭ كۆلەمدە كۈمۈش رەڭلىك نۇرلارنىڭ تارقىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ دەل قۇياش تاجىسى قەۋىتىنىڭ ئۆزىدۇر.
    قۇياش تاجىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ،1 مىليون سېلىسىيە گرادۇس كېلىدۇ. بۇنداق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ھىدروگېن ۋە گېلىي ئاتوملىرى ئىئونلىنىپ مۇسبەت زەررەتلىك پروتونلار (يەنى ھىدروگېن ئاتوميادروسى، گېلىي ئاتوم يادروسى) ۋە مەنپىي زەررەتلىك ئەركىن ئېلېكترونلارغا ئايلىنىدۇ. بۇ زەرەتلىك يادروسى، گېلىي ئاتوم يادروسى) ۋە مەنپىي زەررەتلىك ئەركىن ئېلېكترونلارغا ئايلىنىدۇ. بۇ زەرەتلىك زەررىچىلەرنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولغاچقا، زەرەتلىك زەررىچىلەر قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلۇپ، قۇياش سىستېمىسىنىڭ بوشلۇقىغا قاراپ ھالقىپ چىقىدۇ. بۇنداق شەكىللەنگەن زەرەتلىك زەررىچىلەر ئېقىمىنى كىشىلەر «قۇياش بورىنى» دەپ ئاتايدۇ.
    قۇياش تاجىنىڭ شەكىل - ھالىتى ۋە چوڭ - كىچىكلىكى قۇياش داغلىرى پائالىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قۇياش داغلىرى پائالىيىتى كۈچەيگەن يىللاردا قۇياش تاجى يۇمىلاق ھەم يىراققا سوزۇلغان ھالەتتە كۆرۈنىدۇ؛ئاجىزلىغان يىللاردا قۇياش تاجى ئۇزۇن ھالەتتە كۆرۈنىدۇ.
    قۇياشمۇ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى قۇياش يۈزى ئېكۋاتورىدا25 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ، ئىككى قۇتۇپقا يېقىنلاشقانسېرى بۇ دەۋر ئۇزىرايدۇ، ئىككى قۇتۇپ رايونىدا تەخمىنەن35 كۈن بولىدۇ.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 625 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01