قۇياش سىستېمىسى=太阳系=solar system

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
    قۇياش سىستېمىسى قۇياشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئوت ھالىتىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ھەركەت قىلىدىغان ئاسمان جىسىملىرىنىڭ سىستېمىسى بولۇپ، ئاساسەن قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ، يەر شارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. توققۇز چوڭ سەييارىنى ۋە بۇ سەييارىلەرنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئاي قاتارلىق 50 تىن ئارتۇق ھەمراھنى،10 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك سەييارىنى، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنى، ئاقار يۇلتۇزلارنى، شۇنىڭدەك يۇلتۇزلار ئارا گاز جىسىملار ۋە چاڭ - توزانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بۇ چوڭ ئائىلىسىدە قۇياش ئەڭ چوڭ بولۇپ، بارلىق ئاسمان جىسىملىرى مەلۇم ئوربىتا بويىچە ئۇنى چۆرىدەپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بەزىدە بىرقانچە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ۋە ئاقار يۇلتۇزنىڭ تاسادىپىي سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە ھەرىكەت ئوربىتىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ، شۇنداقتىمۇ يەنىلا قۇياشنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتەلمەي قۇياشنى سوقىچاق شەكلىدە ئايلىنىدۇ. قۇياش خۇددى بىر شەكىلسىز ئارغامچا بىلەن پۈتۈن ئاسمان جىسىملىرىنى ئۆزىگە تارتىپ بىللە ئايلاندۇرۇۋاتقان چەكسىز بوشلۇقتىكى شارلار توپىغا ئوخشايدۇ. بۇ «ئارغامچا» دەل «ئالەملىك تارتىشىش كۈچى» دېيىلىدۇ.
    قۇياش سىستېمىسى ئىچىدە قۇياش ئالاھىدە «نوپۇز» غا ئىگە. ئۇنىڭ ماسسىسى پۈتۈن قۇياش سىستېمىسى ئومۇمىي ماسسىسىنىڭ %9.99 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇ ھەم قۇياش سىستېمىسىدىكى ئۆزىدىن يورۇقلۇق تارقىتالايدىغان بىردىنبىر تۇرغۇن يۇلتۇزدۇر، ئەتراپتىكى باشقا ئەزالارنىڭ ھەممىسى پەقەت قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇش ئارقىلىقلا نۇر تارقىتالايدۇ.قۇياش سىستېمىسىنىڭ بوشلۇقتا ئىگىلىگەن دائىرىسى ناھايىتى چوڭ، ئەگەر قۇياشقا ئەڭ يىراق سەييارە — پلۇتوننىڭ ئوربىتىسىنى قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چېتى دەپ ھېسابلىساق، ئۇ چاغدا بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ئالەمدە ئىگىلىگەن دائىرىسىنىڭ دىئامېتىرى12 مىليارد كىلومېتىر كېلىدۇ. توققۇز چوڭ سەييارە قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي ئەزالىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مېركۇرىينىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن، قالغانلىرى رەت تەرتىپى بويىچە ۋېنېرا، يەر شارى، مارس، يۇپىتېر، ساتۇرن، ئۇران، نېپتۇن، پلۇتونلاردىن ئىبارەت. يەنە نەچچە يۈز مىڭلىغان كىچىك سەييارىلەر بار بولۇپ، ئاساسلىقى مارس بىلەن يۇپىتېر ئارىسىغا توپلاشقان، ئەگەر توققۇز چوڭ سەييارىنى چوڭ - كىچىكلىك تەرتىپى بويىچە قاتار تىزساق، ئەڭ چوڭى يۇپىتېر بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ساتۇرن، ئۇران، نېپتۇن، يەر شارى، ۋېنېرا، مارس، مېركۇرىي كېلىدۇ. پلۇتوننىڭ  دىئامېتىرى 3000 كىلومېتىردىن  3600 كىلومېتىرغىچە بولۇشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىمەكتە، ئەگەر مۇشۇ سان ئېتىراپ قىلىنسا، توققۇز چوڭ سەييارە ئىچىدە پلۇتون ئەڭ كىچىك سەييارە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئوخشاش ئەمەس، شۇڭا، ئۇلارنىڭ ھەربىرىدە تۇرۇپ قۇياشقا نەزەر سالغاندا، قۇياشنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىمۇ ئوخشاش كۆرۈنمەيدۇ.
   قۇياش سىستېمىسى ئۆز نۆۋىتىدە  سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ناھايىتى كىچىك بىر قىسمى بولۇپ، قۇياشنىڭ ئۆزىمۇ سامان يولى سېستىمىسى تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئائىلىسىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئالەمنىڭ مەركىزى ئەمەس ھەم سامانيولى سىستېمىسىنىڭمۇ مەركىزى ئەمەس، ئۇ قۇياش سىستېمىسىدىكى بارلىق ئەزالىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ.
   ئالەمدە «قۇياش سىستېمىسى» پەقەت بىرلا ئەمەس.1983 - يىلى8 - ئايدا ئامېرىكا ئالىملىرى قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا يەنە بىر «قۇياش سىستېمىسى» نىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تېلېسكوپ ئارقىلىق بىر قىسىم ئاسمان جىسىملىرىنىڭ توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا مەۋجۇت بولۇپ ئۇنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغانلىقىنى ھەم ئۇلارنىڭ قۇرۇلمىسى قۇياش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ بايقاش ئارقىلىق ئىنسانلار قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى «قۇياش سىستېمىسى» نى كۆزىتىش ۋە سېلىشتۇرما تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى، ئىنسانلار قۇياش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىش جەريانىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئالەمنىڭ سىرىنى ئېچىپ، ئاسمان جىسىملىرىغا بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغۇسى.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 865 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01