بالقان ئىتتىپاقى(1912-)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

بالقان ئىتتىپاقى(1912-) 

   بالقان ئىتتىپاقى 1912-يىلى بۇلغارىيە، سېربىيە، گرېتسىيە، مونتېنېگرو قاتارلىق دۆلەتلىرى تۈزگەن تۈركىيىگە قارشى ھەربىي سىياسىي ئىتتىپاق بولۇپ  ئىتتىپاق قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە تۈركىيەنى چەكلەش ۋە پارچىلاش ئارزۇسىدا يۈرگەن روسىيىنىڭ ئاكتىپ قوللىشى ۋە ئەنگلىيە - فرانسىيىلەرنىڭ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن.
      1912-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، بۇلغارىيە بىلەن سېربىيە توختام تۈزۈپ، شەرتنامە تۈزگۈچى بىر تەرەپ ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، يەنە بىر تەرەپ ياردەم قىلىش كېرەك؛ ئەگەر ياۋروپادىكى مەلۇم چوڭ دۆلەت (ئاۋسترىيىنى دېمەكچى) بالقاندا كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنسا، ئىككى تەرەپ ئورتاق قارشى تەدبىر قوللىنىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. شەرتنامىدە يەنە ئىككى دۆلەت ھەربىي ئىشلاردا تۈركىيىگە قارشى تۇرۇش ۋە ماكېدونىيىنى بۆلۈشۈۋېلىشنى مەخپىي كېلىشكەن. 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، بۇلغارىيە بىلەن گرېتسىيە خاراكتېرى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىتتىپاق شەرتنامىسى تۈزگەن. 9-ئايدا، بۇلغارىيە بىلەن مونتېنېگرو تۈركىيىگە قارشى كېلىشىم ھاسىل قىلغان. شۇنداق قىلىپ بۇلغارىيىنى يادرو قىلغان بالقان ئىتتىپاقى ئاخىر بارلىققا كەلگەن. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدا، ئىتتىپاق تۈركىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ بارلىق ماكىدونىيەنى تۈركىيەدىن تارتىۋالغان. ئەمما ئۇرۇشتىن كېيىن گىرىتسىيەنىڭ دەسلەپتە بۇلغارىيەگە تەۋە بولۇشقا كېلىشىلگەن زىمىننى تەلەپ قىلىشى بىلەن ئىچكى قىسمىدا زېمىن ماجىراسى كېلىپ چىقىپ، ئىككىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىنى (1913-يىلى) كەلتۈرۈپ چىقارغان. نەتىجىدە سېربىيە ۋە گىرىتسىيە ماكىدونىيەنىڭ نۇرغۇن قىسمىنى بۆلۈشىۋالغان. ئىتىپاقمۇ بىر مەزگىل  شۇنىڭ بىلەن پارچىلىنىپ كەتكەن.
     1923-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، تۈركىيە ، چېگرا مەسىلىسىدىن خاتىرجەم بولۇش ۋە  بالقان ئىتىپاقى تۈركىيەدىن تارتىۋالغان زىمىنلارنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق ئۇ يەرلەردىكى تۈرك پۇخرالارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىماقچى بولغان ۋە ئىتىپاققا قاتنىشىنى ئىلتىماس قىلىپيېڭى  پايتەختى ئەنقەردە،  ئىككىنچى قېتىملىق «بالقان ئىتتىپاقى شەرتنامىسى» (يۇگوسلاۋىيە، گرېتسىيە، تۈركىيە دوستلۇق، ھەمكارلىق شەرتنامسى> ياكى <ئەنقەرە شەرتنامىسى> مۇ دېيىلىدۇ) ئىمزالانغان. بۇنىڭدا ئورتاق مەنپەئەتلىك بولغان بارلىق مەسىلىلەردە كېڭىشىش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئورتاق قوغدىنىش تەدبىرلىرى قوللىنىش بەلگىلەنگەن. شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولغان چاغدا، بالقان ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، باش شتاب ئەنقەردە تەسىس قىلىنغان. لېكىن ئىتىپاقتا ئورتاق نەرسىلەر ئاز بولغانلىقتىن يەنىلا تۈركىيەنىڭ ماكىدونىيەدىكى تۈركلەرگە نىسپى ئاپتونومىيە ياكى تىل-مائارىپ ھوقۇقى بېرىش تەلىپى قاندۇرۇلمىغان. 1954-يىلى 8-ئايدا، ئۈچ دۆلەت يەنە يۇگوسلاۋىيىنىڭ بلېد دېگەن يېرىدە «يۇگوسلاۋىيە، گرېتسىيە، تۈركىيە ئىتتىپاقى، سىياسىي ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، «بالقان ئىتتىپاقى شەرتنامىسى»نىڭ تولۇقلىمىسى قىلغان شەرتنامە 1955-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان ۋە بوسنىيە مەسىلىسى، كوسوۋو ئاپتونومىيىسى، تۈركلەرنىڭ زىمىنىدىن ھەيدەلمەسلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان. باش شتاب ئافىناغا يۆتكەلگەن، كېيىن سوۋېت ئىتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندا تەسىر كۈچى تالىشىشى، بۇلغارىيەنىڭ تۈركلەرنى ئىسىم ۋە ئېتىقاد ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاپ تىل-مائارىپ ھوقۇقىنى چەكلىشى قاتارلىق ئىچكى زىددىيەتلەر  تۈپەيلى مەلۇم مەزگىل ئىسمى بار، جىسمى يوق بولۇپ قالغان. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈركىيەدىن باشقا بالقان دۆلەتلىرى ماكىدونىيە مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىق، بوسنىيە ئۇرۇشى ۋە كوسوۋو مەسىلىسىدە سېربىيەنى قوللاش قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەردە ھازىرمۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 0:33:05]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 556 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01