بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ بايرىقى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    ئەنگلىيە دۆلەت بايرىقى ئەنگلىيىنىڭ مۇھاپىرەت ئىلاھى ساينىت گېئورگىنىڭ كېرسىتى، شوتلاندىيىنىڭ مۇھاپىزەت ئىلاھى ساينىت ئاندرېۋنىڭ كرسېتى ۋەئېرلاندىيىنىڭ مۇھاپىزەت ئىلاھى ساينت پاتركىنىڭ كرېسىتىدىن تەركب تاپقان بولۇپ، 1801 - يىلى رەسمىي بارلىققا كەلگەن. ساينىت گېئورگىنىڭ ئاق  كرېسىتلىك قىزىل بايرىقى 1200 - يىلى بارلىققا كەلگەن، كېيىن ئەنگليىنىڭ دۆلەت بايرىقى بولغان.ساينىت ئاندرېۋنىڭ « X » شەكىللىك ئاق كرېسىتلىك كۆك بايرىقى ئەڭ ئاۋۋال 8 - ئەسىردە پەيدا بولغان. بىراق  13 - ئەسىردە شوتلاندىيە ئۇنى دۆلەت بايرىقى قىلغان.  1606 - يىلى جامېس Ⅰ ئەنگلىيە بىلەن شوتلاندىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندە،  بۇ ئىككى بايراقنىڭ نۇسخىسىنى ئۈستىلەپ قويۇپ بىرلەشتۈرۈپ،  ئۇنى بۈيۈك برىتانىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى قىلغان. ئىرلاندىيەدىكى ساينت پاتركىنىڭ « X » شەكىلىدىكى قىزىل كرېسىتلىك ئاق بايرىقى ئەڭ بۇرۇن فىتستنوردې جەمەتىنىڭ بايرىقى ئىدى. 1801 - يىلى ئېرلاندىيە بۈيۈك برىتانىيە بىلەن بىرلىشىپ پادىشاھلىق دۆلەت بولغاندىن كېيىن بۇ بايراقنى يەنە بۈيۈك برىتانىيە دۆلەت بايرىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاخىر بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ ھازىرقى بايرىقى بارلىققا كەلگەن.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 487 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01