بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە بىر

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 ئەنگلىيىنىڭ تولۇق نامى «بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىUnited Kingdom of Great Britain and Northern Ireland » بولۇپ، قىسقارتىلىپ «بىرلەشمە پادىشاھلىقUnited Kingdom » دەپ ئاتىلىدۇ.
 زېمىنى : 244مىڭ820كىۋادىرات كىلومېتىر
           ئەنگلىيە ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيە، شوتلاندىيە، ۋالىس ۋە شىمالى ئىرلاندىيەدىن ئىبارەت تۆت يېرىم ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمىسى بولۇپ، ئەنگلىيە پۈتۈن بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ 80%دىن ئارتۇق  نوپۇسىنى تەشكىل قىلغاچقا ۋە تارىختىن بۇيان ئەنگلىيە  بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ ئاساسى بولۇپ كەلگەچكە بۈيۈك برىتانىيە ئادەتتە  «ئەنگلىيە» دەپ ئاتىلىدۇ.
 پايتەختى : لوندون شەھىرى.ئاھالىسى 11مىلىيۇن
   ئەنگىلىيە ياۋروپانىڭ غەربىدىگە يېقىن بولغان ئاتلانتىك ئوكيانغا جايلاشقان ئاراللار توپى بولۇپ، ئۇ شىمالىي دېڭىز، دوۋېر بوغۇزى (پا دى كال بوغۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ئەنگلىيە بوغۇزى (لامانشى بوغۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئارقىلىق ياۋروپا قۇرۇقلۇقى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ.  تەبىئىي جەھەتتىن چوڭ برىتانىيە ئارىلى، ئېرلاندىيە ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئەتراپىدىكى گېبرىد، ئوركىن، شوتلاند تاقىم ئاراللىرى، مايىن ئارىلى ۋە فرانسىيەگە يېقىن نورماند دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان جېرسى ۋە گۇەرىنسەي قاتارلىق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چوڭ برىتانىيە ئارىلى ئەنگلىيە، شوتلاندىيە، ۋالىستىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. فىرانسىيەدىن ئەنگىلىيەگە تۇتاشقان 35كىلومېتىرلىق دېڭىز ئاستى قاتناش تونېلى ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىن ئايرىلىپ تۇرغان ھالىتىگە خاتىمە بەردى. 

 ئاھالىسى: 60 مىليون 776 مىڭدىن ئاشىدۇ ، ئاھالىنىڭ %83 نى ئىنگلىزلار، 8.6%نى  شوتلاندىيلىكلەر ، 4.9%نى ۋالىسلار، 3%نى ئېرىشلار، 2%نى قارا تەنلىكلەر، 3%نى ھىندى-پاكىستانلىقلار، 2.7%نى باشقا كۆچمەنلەر تەشكىل قىلىدۇ.  ئىنگلىز تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ۋالىستىكى 26%ئاھالە ۋالىس تىلىدا (كىلىت تىلىدا)، شوتلاندىيەنىڭ شىمالىدىكى70مىڭغا يېقىن ئاھالە شوتلاند يەنى گىل تىلىدا، شىمالىي ئېرلاندىيىدىكى100مىڭغا يېقىن ئاھالە ئىرىش تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ھەر قايسى كۆچمەن مىللەتلەر ئاساسەن دىگۈدەك ئۆز تىلىنى قوللىنالايدۇ.
 دىنى ئېتىقادى: ئاھالىنىڭ 71.6% ى ئانگىلىكان دىنى ۋە كاتولىك دىنىغا، 3%ى ئىسلام دىنىغا، 1%ى ھىندى دىنىغا  ئېتىقاد قىلىدۇ.
    قىسقىچە تارىخى: ئەنگلىيە جايلاشقان بىرىتانىيە يېرىم ئارىلى ئەسلىدە كىلىت خەلقىگە تەۋە بولغان بىرىتان، ۋالىس ۋە شوتلاندلارنىڭ ماكانى بولۇپ، كىلىتلار مىلادىدىن ئىلگىرىلا ياۋروپادا گىرىك، نورمانلار بىلەن بىر قاتاردا ئۈچ خىل مۇستەقىل مەدەنىيەت گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن مۇستەقىل مەدەنىيەت تىپىدىكى تۈركۈم ئىدى. مىلادىدىن  بۇرۇنقى 55-يىلى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ برىتانىيە ئارىلىنىڭ جەنۇبىنى ئىشغال قىلىشى ۋە كېيىن رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ خىىرىستان دىنىنى قوبۇل قىلىشى بىلەن بۇ رايونغا خىرىستان دىنى يېتىپ كەلدى. كېيىن مىلادى 5-ئەسىردە گېرمان تىل ئائىلىسىدىكى ئانگىلو-ساكسونلارنىڭ گېرمانىيىنىڭ شىمالىدىن ئۇلۇغ برىتانىيە ئاراللىرىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى يەرلىك كىلىتلارنىڭ ئاسمىلاتسىيەلىشىش قەدىمىنى تېزلەتتى. قالدى كىلىت مىللەتلىرى تۈركۈملەپ يوقىتىلدى ياكى باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. بۇنىڭ بىلەن بىرىتانىيە تىل-مەدەنىيەت جەھەتلەردە ياۋروپا قۇرۇقلۇقى بىلەن باغلىنىپ ئەنگلىيە دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى . ئەنگلىيە دېگەن نام ئەنە شۇ ئانگىلو ساكسونلارنىڭ نامىدىن ئېلىنغان . ئەنگلىيىدە مىلادى 7 - ئەسىردە فېئوداللىق تۈزۈمىدىكى دۆلەت شەكىللەنگەن. 11-ئەسىردە ئەسلىدە شىمالى ياۋروپادىكى نورۋىگىيەدىن كەلگەن نورمانلارنىڭ، فىرانسىيەدىكى يېرىم ئارال رايونىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ مەجبۇرى كېنەز بولۇۋالغان نورماندىيە كېنەزلىكىنىڭ ئەۋلادى، ئاللىبۇرۇن فىرانسۇزلىشىپ كەتكەن ۋىليام ئېنگىلاند رايونىنى بويسۇندۇرۇپ نورماندىيە ۋە ئېنگىلاندنىڭ پادىشاھى بولۇپ قالدى. نەتىجىدە فرانسىيە بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ نورماندىيەنى تالىشىش ئۇرۇشى 300يىلدىن ئارتۇق داۋاملىشىپ ئاخىرى نورماندىيەلىكلەرنىڭ سېپى ئۆزىدىن ئەنگىلىزغا ئايلىنىپ ئەتكەن خان جەمەتىنىڭ نورماندىيەدىن ۋاز كېچىشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختاتتى.  15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى كاپىتالىزمنىڭ ئېلېمېنتلىرى تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان ئەنگلىيە ھىلە مىكىر ئىشلىتىپ ۋالىس ۋە شوتلاندىيەنىڭ پادىشاھلىقىنى قولغا كىرگۈزىۋېلىپ بىرىتانىيە ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈردى.  كېيىن ئېرلاندىيەگە ھۇجۇم قىلىپ يېرىمىدىن كۆپ ئىرلاندىيەلىكنى قىرغىن قىلىش بەدىلىگە ئۆزىگە قوشۇۋالدى. ئاتاقتا بىرلەشمە پادىشاھلىق بولسىمۇ ئەمەلىيەتتتە بىرىتانى ۋە ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ پۈتكۈل ئەمەلى ھوقۇقى ئەنگىلىيەنىڭ قولىدا بولۇپ كەلدى. 1640 - يىلدىن 1660 - يىلغىچە بولغان بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئەنگىلىيەدە كاپىتالىزم تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلاپ ئامېرىكا، ئافرىقا، ئاسىيا، ئوكىئانىيە قىتئەلىرىدە زور زىمىننى بىر-بىرلەپ بېسىۋېلىپ 19 - ئەسىرگە كەلگەندە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئىگىلىگەن مۇستەملىكىلىرىنىڭ مەيدانى ئۆز زىمىنىدىن 150 ھەسسە ئوشۇق بولۇپ، بۈيۈك برىتانىيە ئىمپېرىيىسى زېمىنى شىمالى ۋە شەرقى يېرىم شارغا، شەرقى ۋە غەربى يېرىم شارغا تارقالغانلىقتىن «كۈن پاتماس ئىمپىرىيە» دەپمۇ ئاتالغان.
 ئەنگىلىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى 1870 - يىلدىن 1890 - يىلغىچە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، كېيىن چىققان ئامېرىكا، گېرمانىيىلەر ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. مۇستەملىكچىلىك ھۆكۈمرانلىقىمۇ تەۋرىنىشكە باشلىغان. 1921 - يىلى ئەنگلىيە ئېرلاندىيىنىڭ جەنۇبىدىكى 26 ۋىلايەتنى ئامالسىز ئاپتونوم فېدىراتسىيە دەپ ئېتىراپ قىلىپ، ئېرلاندىيەنىڭ جەنۇبى قىسمى مۇستەقىل بولغان. دۆلەت نامىنىمۇ «بۈيۈك برىتانىيە ۋە ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى» دىن «بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى» غا ئۆزگەرتكەن.
    پۇلى : ئەنگىلىيەنىڭ پۇل بىرلىكى  پوند بولۇپ ، گەرچە ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولسىمۇ ئەمما ياۋرو ئىشلىتىش ۋاقتى بىر نەچچە قېتىملىق ئۇمۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇلۇشتا كېيىنگە سۈرۈلدى. ئەنگىلىيەنىڭ پۇلى پوند بىر قەدەر قىممىتى يۇقىرى پۇل بولۇپ، 2002-يىلى 0.667پوند = بىر دوللار ،  2004-يىلى 0.546پوند = بىر دوللار ،  2002-يىلى 0.541پوند = بىر دوللار بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
   ئەنگلىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەت. 2006-يىلى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 2تىرلىيۇن 346مىلىيارد دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 31مىڭ800دوللار توغرا كەلگەن. 2006-يىلى دۇنيادا نېفىت باھاسى قاتارلىق ئەنگىلىيەگە پايدىلىق ئېكىسپورت تاۋارلىرىنىڭ باھاسى ئۆسكەنلىكتىن ئەنگىلىيەنىڭ ئىقتىسادى 2.8%ئۆسكەن.  ئۇنىڭ خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، جۇڭگودىن قالسىلا بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 1پىرسەنتى يېزا ئىگىلىك بىلەن، 18%سانائەت بىلەن، 80%مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
    2006-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ مۇقىم تېلېفون ئىشلەتكۈچىسى 33مىلىيۇن 600مىڭ، يانپون ئىشلەتكۈچىسى 69مىلىيۇن 657مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسى 33مىلىيۇن534مىڭ بولغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 536 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01