دۇنيا بانكىسى

دۇنيا بانكىسىدۇنيا بانكىسى

دۇنيا بانكىسى (World Bank) تولۇق ئاتىلىشى خەلقئارا گۈللىنىش ئېچىش بانكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قىسقارتىلما نامى IBRD. دۇنيا بانكىسى دەسلەپتە دۇنيا ئۇرۇشىدا ۋەيران بولغان ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى بىلەن 1945-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى قۇرۇلغان. 1946-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنى تىجارەت باشلىغان.1947-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قول ئاستىدىكى  مەخسۇس ئورگانغا ئايلانغان. باش بانكىسى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا، پارىژ، نيۇ يورك، لوندون قاتارلىق جايلاردا ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىش ئورنى بار.

دۇنيا بانكىسىنىڭ بەلگىسىدۇنيا بانكىسىنىڭ بەلگىسى

دۇنيا بانكىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋەيران بولغان سانائىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە زور مىقدارلىق قەرز سوممىسى بىلەن تەمىنلەپ، ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقتىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. 2006-يىلى دۇنيا بانكىسى ھەر قايسى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنى 30 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەپ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى، دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. دۇنيا بانكىسى يەنە دۇنيانىڭ مەدەنىيەت-تارىخى ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىسىنى ساقلاش ئۈچۈن مەخسۇس فوند ئاجرىتىپ دۇنيانىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ كەلمەكتە.
دۇنيا بانكىسىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى: ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى، جۈملىدىن ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەملىشىش، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئادەتتىكى ئىقتىساد ھالىتىگە سىلىق ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش؛«خۇسۇسىي قەرز ئېلىشقا كېپىل بولۇش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، خۇسۇسىيلارنىڭ دۆلەت سىرتىغا مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا سودا ئىشلىرىنىڭ تەڭپۇڭ راۋاجلىنىشى ۋە خەلقئارا كىرىم-چىقىمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەملىشىش؛ پۇل قەرز ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، قەرز مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش قاتارلىقلار. ئۇنىڭ مەبلىغىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاساسەن: ئەمەلىي يىغىۋالغان مەبلەغ؛ زايوم تارقىتىپ مەبلەغ توپلاش قاتارلىقلار مەبلەغنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى، مۇشۇ قەرز قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقى خۇسۇسىي مەبلەغ سالغۇچىلارغا سېتىپ بېرىلىدۇ.
ئومۇمەن، دۇنيا بانكىسىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان دۆلەت ۋە رايونلار، ئالدى بىلەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلىتى بولۇشى كېرەك. دۇنيا بانكىسىغا ئەزا بولغان دۆلەت ۋە رايونلار ھازىر 184 كە يەتتى. 1980-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى دۇنيا بانكىسى جۇڭگونىڭ بۇ بانكىدىكى ۋەكىللىك ھوقۇقىنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈردى، 1981-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز بۇ بانكىدىن تەدرىجىي قەرز ئېلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، تارىم ۋادىسى ئېكولوگىيىسىنى ساقلاش، 12 مۇقامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگونىڭ قەدىمقى شەكىلسىز مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قوغداشقا جەمئىي 78مىلىيارت دوللار ئۆسۈمسىز ۋە تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بەردى.

دۇنيا بانكىسىدۇنيا بانكىسى

دۇنيا بانكىسىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى كېڭەش مەجلىسى بولۇپ، ئۇ ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر تەيىنلىگەن بىردىن باش ۋە مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقىدىن تەشكىللىنىدۇ، ھەر يىلى 9-ئايدا فوندى تەشكىلاتى بىلەن بىرلەشمە يىغىن چاقىرىدۇ. ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى 22 ئادەمدىن تەشكىللىنىدۇ ھەم كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ، ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى بىر كىشىنى سايلايدۇ ۋە بۇ كىشى بانكا باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۆتەيدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسىمۇ بولىدۇ. دۇنيا بانكىسىنىڭ تور بېتى :http://www.worldbank.org. دۇنيا بانكىسىنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىل-مەدەنىيىتى، مۇقەددەس جايلىرى (مازار ۋە قەبرىستانلىق، دىنى ئېتىكاپ ۋە مەشھۇر شەخسلەر مۇزېيى)، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى (ئەنئەنىۋى تىبابەت ۋە سانائەت پاتنېتلىرى)، ساياھەت-خەرىتە ئىشلەش ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈشكە كېرەكلىك يەرلىك مىللەتلەر مەدەنىيەت مەۋجۇتلىقىنى قوللاش قەرز تۈرى www.worldbank.org/indigenous بېكىتىدە بىر قەدەر تەپسىلى سۆزلەنگەن. تۆۋەندىكىسى 2004-يىللىق تۈرنىڭ تەپسىلاتى...

http://www.worldbank.org.cn/Chinese/content/271w62845266.shtml


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 7

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 9396 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-05