مونتېنېگرو جۇمھۇرىيىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
مونتېنېگرو جۇمھۇرىيىتى  Republic of Montenegro   
پايتەخت: پودگورىسا، ئاھالىسى  250مىڭ. 
زېمىنى: 14مىڭ 26كۋادرات كىلومېتىر.
ئاھالىسى: مونتېنېگرونىڭ2009-يىلى 3-ئايدىكى نوپۇسى672 مىڭ186، ئاھالىنىڭ 43%نى  مونتېنېگرولار،  32%نى سېربلار، 1.5%نى سىگانلار، 8%نى بوسنىيىلىكلەر(ئاساسەن سانجاك رايونىغا ئولتۇراقلاشقان) ، 5%نى ئالبانلار، 12%نى سىگان قاتارلىق مىللەتلەر  ئىگەللەيدۇ . سېرب تىلى دۆلەت تىلى. ئالبانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىككى ئۆلكىدە ئالبان تىلى ھۆكۈمەت تىلى.
دىنى : مونتېنېگرو ئاھالىسىنىڭ 70%ى پروۋىسلاۋىيە دىنىغا، 25%ئىسلام دىنىغا، 1%ى پروتېستانت دىنىغا، 1% كاتولىك دىنىغا  ئىشىنىدۇ.
پۇلى:  ياۋرو . مونتېنېگرو گەرچە ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ رەسمى ئەزاسى بولمىسىمۇ ئەمما 2005-يىلىدىن بۇيان ياۋرو ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئىقتىسادى:  مونتېنېگرو مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇن يۇگۇسلاۋىيەدىكى سانائىتى تەرەققى قىلمىغان يېزا ئىگىلىك جۇمھۇرىيىتى ھىساپلىناتتى، يۇگۇسلاۋىيە پارچىلانغان دەسلەپكى يىللاردا ئۇرۇش ۋە دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىمبارگوسى تۈپەيلى سېربىيە بىلەن بىرلەشكەن مونتېنېگرو ئىقتىسادى ئۈزۈل كېسىل ۋەيران بولغان ئىدى. 2006-يىلىدىن كېيىن مونتېنېگرونىڭ مۇستەقىل بولۇشى، ياۋروپا مەبلىغىنىڭ ئېقىپ كىرىشى بىلەن دۆلەت ئىقتىسادى تەرتىپكە چۈشۈپ گۈللىنىشكە يۈزلەندى.
    2008 -يىلى مونتېنېگرونىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 4مىليارد 515مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 9مىڭ700 دوللار توغرا كەلگەن. مونتېنېگرونىڭ2006- يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 8.6% بولدى. 2007-يىلى مونتېنېگرونىڭ دۇنيا پۇل پوندى تەشكىلاتىغا ۋە دۇنيا بانكىسىغا ئەزا بولۇشىغا ئەگىشىپ چەتئەل مەبلىغى زور مىقداردا ئېقىپ كىردى ۋە كانچىلىق، ساياھەتچىلىك تارماقلىرى ئۇچقاندەك گۈللەندى.
 دۆلەت بايرىمى:( 1882-يىلى)2-ئاينىڭ 15-كۈنى، مونتېنېگرونىڭ مۇستەقىل بولغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :(شەرقى2- ۋاقىت رايونى)
قىسقىچە تارىخى: مونتېنېگرو  ئەسلىدە ئىلىرىيىلىكلەر(ئالبانلار)نىڭ ئانا ماكانى بولۇپ مىلادى8-ئەسىردە شەرقى ياۋروپادىن كەلگەن سىلاۋيانلار بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ۋە شەرقى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ ئىپتىدائى دىنلاردىن خىرىستان دىنى پراۋوسلاۋىيە مەزھىپىگە ئۆتكەن. مىلادى 10-ئەسىردە چاسلاۋ كىلونىمىروۋىچ(Caslav Klonimirovic)-نىڭ يېتەكچىلىكىدە  مۇستەقىل سېربلار پادىشاھلىقى قۇرۇلغان،  تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ بالقاننى بويسۇندۇرۇشىغا ئەگىشىپ 1389-يىلى كوسوۋو ئۇرۇشىدا ئوسمان ئىمپىرىيىسى  سېرب نىمەنىيە  پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ سېربىيەنىڭ باشقا رايونلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئەمما، ئوسمان سۇلتانلىقى بىلەن سېربىيەنىڭ تاغلىق رايونىدىكى ئېپىسكوپلارنىڭ دىنى ھاكىمىيىتى تۈزگەن مەڭگۈلۈك تېنچلىق شەرتنامىسىگە ئاساسەن مونتېنېگرو(مەنىسى قارا تاغ) بەش ئەسىرگە يەتكەن ۋاقىتتا مۇستەقىل ھاكىمىيەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولغان. نەتىجىدە ئەسلىدە سېربلار بىلەن بىر مىللەت بولغان مونتېنېگرولار تىل ۋە ئۆرپ ئادەتتە سېربلاردىن پەرقلىنىدىغان يېڭى بىر مىللەتكە ئايلانغان.   1852-يىلى مونتېنېگرودىكى دىنى ھاكىمىيەت پادىشاھلىققا ئۆزگەرگەن.
    ئاۋىستىرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ شاھزادىسى سېرب مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ مونتېنېگروغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشى، رۇسىيەنىڭ سېربىيەگە بولۇشۇپ ئۇرۇش ئېلان قىلىشى بىلەن ياۋروپادا زەنجىرسىمان ئۇرۇش كۆتۈرۈلۈپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن مونتېنېگرو زىمىنى دەسلەپتە ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1918-يىلى ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپىرىيىسى ئۇرۇشتا يېڭىلگەندىن كېيىن مونتېنېگرو مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ شۇ چاغدا مودا بولغان پان سىلاۋيانىزىم ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن مۇستەقىل دۆلەت سېربىيە يېڭىدىن قولغا كەلتۈرگەن ۋويۋودىنا، كوسوۋو،  بوسنىيە ۋە يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان كرودىيە، سىلوۋېنىيەلەر بىلەن بىرلىشىپ يۇگۇسلاۋىيە (جەنۇبى سىلاۋيان مەنىسىدە) بىرلەشمە پادىشاھلىقىنى قۇرغان.
   2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۇگۇسلاۋىيە گېرمانىيە، ۋېنگىرىيە، ئىتالىيەنىڭ ئۈچ تەرەپتىن قىلغان ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ۋويۋودىنا ۋېنگىرىيەگە، كوسوۋو ئالبانىيەگە قوشۇۋېلىنغان، پادىشاھلىقنىڭ قالدى زىمىنى گېرمانىيە يۆلەپ تۇرغۇزغان قورچاق كىرودىيەنىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كىرودىيە مىللى قەھرىمانى تىتونىڭ ئىچكى جەھەتتىن گېرمانىيەلىكلەرگە قارشى تۇرۇپ سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىشى ، سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن مۇستەقىل يۇگۇسلاۋىيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتىپاقى قۇرۇلۇپ مونتېنېگرو يۇگۇسلاۋىيە ئىتىپاقىدىكى ئالتە ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيەتنىڭ بىرى بولغان .
   1980-يىلى تىتو ئۆلگەندىن  كېيىن مىللى مەسىلىلەر گەۋدىلىنىشكە باشلىدى، 1990-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلىنىپ يۇگۇسلاۋىيەگە سىرتتىن بېرىلىدىغان ھەربى ۋە دىپلوماتىيە ئۈمىدى ئۈزۈلگەندىن كېيىن يۇگۇسلاۋىيە ئىتىپاقىدىكى سىلوۋونىيە، كىرودىيە قاتارلىق بىر قەدەر باي دۆلەتلەر مۇستەقىللىق جاكارلاپ يۇگۇسلاۋىيە ئىتىپاقىدا پەقەت سېربىيە ۋە مونتېنېگرولا قالدى. بوسنىيە ۋە ماكىدونىيەنىڭ مۇستەقىللىقى سېربىيەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەي ، ياۋروپا ئىتىپاقى، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قول تىقىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشتى. 1995-يىلىغا كەلگەندە يۇگۇسلاۋىيە دىگەن تارىخى نام يوقاپ سېربىيە بىلەن مونتېنېگرو بىرلەشمە جۇمھۇرىيەتكە ئۆزگەردى. 2006-يىلى مونتېنېگرو مۇستەقىللىق جاكارلاپ ياۋروپادىكى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ كېيىن مۇستەقىل بولغان دۆلەت سۈپىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان.
 مونتېنېگرو زىمىنى ئاساسەن قاراتاغ تاغلىق يېرى يېرىم ئىگىزلىكلىرى، دەريا ۋە دېڭىز بويلىرىدىكى تار تۈزلەڭلىكلەردىن شەكىللەنگەن، ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ،65% ئورمانلىق.15% تېرىلغۇ يەر. تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، كان  بايلىقى مول . مونتېنېگرودا ئاھالىنىڭ 16%دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
   2008-يىلى مونتېنېگرونىڭ  ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك كىرىمى 2%،سانائەت30%، مۇلازىمەت 68%نى ئىگەللىگەن بولۇپ 2007-يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 353 مىڭ 300 ، يانپون ئابونتى 821مىڭ800، ئىنتېرنېت ئابونتى280مىڭ بولغان.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 541 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01