ئاي شارى Moon

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 1 سۆزلۈك تەھرىرلەش
    ئاي- يەر شارىنىڭ بىردىنبىر تەبىئىي ھەمراھى، يەر شارىغا ئەڭ يېقىن تەبىئىي ئاسمان جىسمى.
    ئاينىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقى384400 كىلومېتىر بولۇپ، يېقىن ۋاقتىدا 363مىڭ كىلومېتىر، يىراق ۋاقتىدا 405مىڭ500كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاي شارى ئاي ئۆزى نۇر تارقاتمايدۇ، بىز كۆرگەن ئاي نۇرى ئاي يۈزىدقن قايتقان قۇياش نۇرىدىن ئىبارەت.
   ئاي شارىنىڭ ھەجىمى يەر شارى ھەجىمىنىڭ48 /1، ىگە تەڭ، كۆلىمى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ كۆلىمىگە تەڭ دېگۈدەك كېلىدۇ.
    ئاي شارىنىڭ دىئامېتىرى 3476كىلومېتىر بولۇپ يەر شارى دىئامېتىرىنىڭ 11دەن ئۈچىگە توغرا كېلىدۇ.
   ئاي شارىنىڭ ماسسىسى 735مىليارد توننا بولۇپ يەر شارى ماسسىسىنىڭ تەخمىنەن81 /1 ىگە، زىچلىقى يەر شارى زىچلىقىنىڭ5 /3 قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، ئاي شارى يەر شارىدەك ئۇنداق مۇستەھكەم ئەمەس.
   ئاي شارىدىكى ئېغىرلىق كۈچى يەر شارىنىڭكىنىڭ 6دەن بىرىگە تەڭ بولۇپ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىغا چىققان ۋاقىتتا بىرىنچى بولۇپ بەدىنىنىڭ يېنىكلەپ، كۈچ - قۇۋۋىتىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ؛ يول ماڭغاندا خۇددى ئۇچقاندەك بىلىنىدۇ،3 -4 مېتىر ئېگىزلىكتىكى توسالغۇ ماددىلاردىن ھەم10 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جىلغىلاردىن بىر سەكرەپلا ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ، يەر شارىدا100 كىلوگرام كەلگەن ماددا ئاي شارىدا17 كىلوگرامغىمۇ يەتمەيدۇ، كىشىلەر ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئۇنى كۆتۈرەلەيدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئېغىر ئالەم كىيىمى بىلەن ئاي شارىدا ماڭغاندا، ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.
    ئاي شارى ھېچقانداق ھاياتلىق مەۋجۇت بولمىغان بىر دۇنيا بولۇپ، ئۇنىڭدا ھاۋا، سۇ دېگەنلەر يوق، ئاتموسفېرانىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ۋە دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ تېمپېراتۇرىنى تەڭشەش رولىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭدا كېچە - كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى چوڭ.
    ئاي شارىنىڭ كۈن نۇرى چۈشكەن يۈزىدە تېمپېراتۇرا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا127 سېلىسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، كېچىسى نۆلدىن تۆۋەن183 سېلىسىيە گرادۇسقا چۈشۈپ قالىدۇ، كېچە - كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى300 سېلىسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ. ئاي شارىنىڭ ماگنىت مەيدانى ناھايىتى ئاجىز بولغانلىقتىن، ھاياتلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن تېز سۈرئەتلىك زەرەتلىك زەررىچىلەر بىۋاسىتە ئايغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل تەبىئىي شارائىتتا ئاي شارىدا يەر يۈزىدىكى ھاياتلىق ياشىيالمايدۇ.
   ئاي يۈزىنى چوڭ - كىچىك ھالقىسىمان تاغلار قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، شەكلى يەر شارىدىكى يانار تاغ ئېغىزلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھالقىسىمان تاغلارنىڭ ئېگىز - پەسلىكى، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس، ئەڭ چوڭىنىڭ دىئامېتىرى236 كىلومېتىر كېلىدۇ. دىئامېتىرى بىر كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئەمەس، ئەڭ چوڭىنىڭ دىئامېتىرى236 كىلومېتىر كېلىدۇ. دىئامېتىرى بىر كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ھالقىسىمان تاغلاردىن جەمئىي30 مىڭدىن كۆپرەكى بار. ئادەتتە ھالقىسىمان تاغلارنىڭ كۆپىنچىسى مېتېئورىتلارنىڭ سوقۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان بولۇشى ياكى يانار تاغلارنىڭ پارتلىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىدۇ. ئاي شارىدا يەنە ئون نەچچە تۇتاش كەتكەن تاغ تىزمىلىرى بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى6400 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى9000 مېتىردىن ئاشىدۇ. بىز ئاددىي كۆز ئارقىلىق كۆرۈۋاتقان ئاي يۈزىدىكى قارا داغلار »ئاي دېڭىزى« دېيىلىدۇ، ئۇ ئاي شارىدىكى تۈزلەڭلىك ياكى ئويمانلىقتىن ئىبارەت.
   ئاي شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى بىلەن قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى تەڭ، يەنى3 .27 كۈن، ئۇلارنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. شۇڭا، ئاي شارىدا كېچە بىلەن كۈندۈز يېرىم ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئاي ھەمىشە يەر شارىغا ئۇدۇل قاراپ تۇرىدۇ.1969 - يىل7 - ئاينىڭ21 - كۈنى (بېيجىڭ ۋاقتى)، ئا ق ش ئالەم ئۇچقۇچىسى ئارمستروئىگ بىلەن ئالدىرىن ئولتۇرغان »ئاپوللو −11 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى75 سائەت50 مىنۇت ئۇچقاندىن كېيىن، ئاخىر تۇنجى بولۇپ ئايغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قوندى، شۇنىڭدىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ ئالەم قاتنىشى تارىخىدىكى يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. تۇنجى قېتىملىق ئايغا چىقىشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ئىنسانلار ئاينىڭ پەيدا بولۇشى، قۇرۇلمىسى ۋە ئۆزگىرىش جەريانى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدى. كۆپ قېتىملىق تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئاي شارىنىڭ ماددىي قۇرۇلمىسى يەر شارىنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى، ئاي جىنسلىرى تەركىبىدە ئاليۇمىن، كالتسىي، سېلىتسىي، تىتان، ماگنىي، كالىي قاتارلىق66 خىل ئېلېمېنت بارلىقى، ئۇلار ئېچىپ پايدىلىنىش جەھەتتە يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 768 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01