بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى(United Nations)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى

 

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى(United Nations)دۇنيادىكى مۇستەقىل دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە ئەڭ چوڭ خەلقارا تەشكىلات بولۇپ،  قىسقارتىپ «ب د ت » دەپ ئاتىلىدۇ.  
    ب د ت ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇپ 1945 -يىلى 6-ئايدىكى سان فرانسېسكو يىغىنىدا ئىمزالانغان «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي نىزامى»غا ئاساسەن، شۇيىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. ئاساسىي نىزامغا ئىمزا قويۇشقا قاتناشقان 51 دۆلەت ب د ت نىڭ ئاساس سالغۇچى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى تۈپەيلىدىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت دىكى قانۇنىي ھوقۇقى پەقەت 1971-يىلى 10-ئايغا كەلگەندىلا، ئاندىن ئەسلىگە كەلگەن. ئاساسىي نىزامدا ب د ت نىڭ مەقسىتى «خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ساقلاش»، «تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى چەكلەش»، «خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» ۋە ھاكازالاردىن ئىبارەت دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ب د ت ۋە ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك پرىنسىپلار مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ھەرقايسى ئەللەر ئىگىلىك ھوقوقتا بارەۋەر بولۇش؛ خەلقئارالىق تالاش تارتىشلارنى تىنچلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىش؛ باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكى ياكى سىياسىي مۇستەملىكىگە تەھدىت سېلىش ياكى قورال كۈچى، ياكى ب د ت نىڭ مەقسىتىگە خىلاپ باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق دەخلى ـ تەرۇز قىلماسلىقى؛ ب د ت ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ماھىيەت جەھەتتە دۆلەت ئىچكى تەۋەلىكىگە مەنسۇپ بولغان ئشلىرىغا ئارىلاشماسلىق.
    ب د ت غا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى دۆلەت، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۆرسىتىشىدىن ئۆتسە ھەمدە چوڭ يىغىندا ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئەزا دۆلەت قوشۇلسا، ئەزا دۆلەت بولالايدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سابىق مۇستەملىكىلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇشى بىلەن 1980-يىلىغا كەلگەندە ئەزا دۆلەت 150تىن ئاشقان بولسا، سابىق ھاۋالە بىلەن باشقۇرۇلغان رايونلار ۋە سوۋېت ئىتىپاقى، يۇگۇسلاۋىيە، چېخيە، ئېفىئوپىيەنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانى  2007-يىلىغا قەدەر 192 گە يەتتى.
     ب د ت دا بارلىق ئەزا دۆلەتلەردىن تەركىپ تاپقان چوڭ يىغىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كېڭەش خەلقئارا سوت ۋە كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىبارەت بەش مۇھىم ئورگان بار. ب د ت نىڭ ھوقۇق ئورگىنى بولغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگۇدىن ئىبارەت بەش دۆلەتتتىن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش ھوقۇقى بار. باشقا 10 دۆلەت ئىككى يىلدا بىر قېتىم بەش دۆلەت نۆۋەت ئالماشتۇرۇپ سايلىنىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.
    كاتىبات باشقارمىسىدا بىر نەپەر باش كاتىپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇ ب د ت نىڭ  ئاساسىي مەمۇرىي مەسئۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ب د تنىڭ باش كاتىپلىرى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمى ئەزا بولمىغان دۆلەتلەردىكى ئەنگىلىز ۋە فىرانسۇز تىلىنى بىلىدىغان دىپلوماتىيە خادىملىرىدىن ھەر نۆۋەتتە قىتئەلەر بويىچە ئالماشتۇرۇلۇپ سايلىنىدۇ.
   ب د ت نىڭ باش شتابى نيۇيۇركتا تەسىس قىلىنغان. ۋېنادا ب د ت ئىش بېجىرىش مەھكىمىسى، جەنۋەدە ياۋرۇپا ئىش بىجىرىش باشقارمىسى بار. ھەرقايسى ئاپپاراتلارنىڭ يىغىنلىرى ئادەتتە باش شتابتا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئەمما ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەشەببۇسى بويىچە باشقا جايدا ئۆتكۈزۈشكىمۇ بولىدۇ.
    ب د ت قۇرۇلغاندا ئەنگىلىز ۋە فىرانسۇز تىلى خىزمەت تىلى قىلىپ بەلگىلەنگەن ئىدى. كېيىن رۇس تىلى، خەنزۇ تىلى، ئىسپان تىلى ۋە ئەرەپ تىلى ب د ت نىڭ خىزمەت تىلى قىلىپ بەلگىلەندى. لېكىن ب د ت نىڭ ئاساسلىق ھۆججەتلىرىدىن باشقا ھۆججەتلەر يەنىلا ئەنگىلىز تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
   ب د ت نىڭ ئاساسلىق چىقىملىرى 2000-يىلىدىن بۇيان يىلىغا  2مىلىيارد دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ پۇل ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەزالىق بەدەل پۇلىدىن كېلىدۇ. ئەزالىق بەدىلى شۇ دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادى كۈچى ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى بويىچە بەلگىلىنىدۇ.
   ب د ت نىڭ تور بېتى : http://www.un.org

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 433 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01