ئۈرۈمچى شەھىرى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئۈرۈمچى شەھىرى


 ئومۇمىي ئەھۋالى :
 ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بۇلۇپ، دۇنيا بۇيىچە دېڭىز-ئوكياندىن ئەڭ يېراق شەھەر ھىسابلىنىدۇ. شەرقىي جەنۇبى تۇرپان ۋىلايتى بىلەن جەنۇبى بايىنغولىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستى بىلەن، غەربى ۋە شىمالى خۇيزۇ ئئاپتۇنۇم ئوبلاستى ۋە ۋۇجىياچۈ شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى مەركىزى بۇلۇپ ئاپتۇنۇم رايوننىڭ سىياسى ، ئىقتىساد، مەركىزى . قارمىقىدا تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، يېڭىشەر رايونى، شىمىگو رايونى، تۇدۇڭخابا رايونى، دۇڭسەن رايونى، داۋانچىڭ رايۇنى ۋە ئۈرۈمچى ناھىيسى بار، شەھەر خەلىق ھۆكۇمىتى شىمىگو رايۇندا. 2004-يىلنىڭ ئاخىردىكى ئۇمۇمى نۇپۇس 1مىليۇن 859مىڭ 559بۇلۇپ 1مىلىيۇن379مىڭ 385خەنزۇ، 231مىڭ853 ئۇيغۇر، 161مىڭ276 خۇيزۇ، 53مىڭ324قازاق،8911مانجۇ، 7713موڭغۇل، 4288شىبە، 1378قىرغىز، 3057رۇس،1688ئۆزبېك، 882تاتار،  202تاجىك  قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان.
تەبىي بايلىقى:
    ئۈرۈمچى شەھىرنىڭ شەرقىي، غەربىي ۋە جەنۇبىي تەرەپلىرى تا ئبىلەن ئورالغان بۇلۇپ، شىمالىي قىسمى كەڭ كەتكەن ئېقىن تىنما تۇزلەڭلىكى . سۇ بايلىقىدىن ئۈرۈمچى دەرياسى، تۇدۇڭخابا دەرياسى، بەيياڭخې دەرياسى، سايئوپا لكۈلى قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان زاپىسى ئىنىقلانغان قىزىلما بايلىقلقردىن تۇز، كۆمۈر، گلاۋبېر تۇزى، نىفىت، تۆمۇر، مانگان، فوسفور، گەج، نىفىتلىق سلانېتىس مىسقاتارلىقلار بار، بۇنىڭ ئىچڭدە كۆمۈر زاپپىسى ناھايتى كۆپ بۇلۇپ»كۆمۇرلۇك ئۈستىدىكى شەھەر«دىگەن نامى بار. ياۋايى ھايۋانلاردىن يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى ، ئارقار، قارا لەيلەك، چوڭ دوغداق قوڭۇر ئېيىق قاتارلىقلار بار. ئۈرۈمچى شەھىرى مۆتىدىل بەلۋاغ يېرىم قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرچا تىمپىرا-تۇرسى 7. 0سېلسىيە گىرادوس يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل يىغىن مىقدارى217. 4مىللى-مىتىر، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2164. 2مىللىمىتىر يىللىق ئوتتۇ-رچە قىروسىز مەزگىلى 168كۇن .
ئىگىلىك ئقتىسادى:
   ئۈرۈمچى شەھىرى يىڭىدىن گۇللەنگەن ئۇۋىرسال سانائەت شە-ھىرى شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسىم چىگرا رايوندىكى ئەڭ مۇھىم سودا شەھىرى. ئۇنىڭدا نىفىت خىمىيە سانەئەت ، پولات تۆمۈر، مىتاللورگىيە، كۆمۇر، ئېلىكتېر، ئىنېرگىتىسى، ماشىنا-ئىلېكتىر، ئاساسى خىمىيە سانائېتى، پاختا-يۇڭ تۇقۇمچىلىق ، يىمەكلىك پىششىقلاش قاتارلىق ئاساس قىلىنغان ، تۇرى بىرقەدەر تۇلۇق زامانىۋى سانائەت سېستىمىسى شەكىللەنگەن. ئۈرۈمچى شەھىرنىڭ يىزا ئېگىلىكى تىپىك شەھەر ئەتراپى ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇلۇپ »كۆكتات-مېۋە سۈت-ئۆيلىرى قۇشلىرى ، گۆش-سۇ مەھسۇلاتلىرى«قاتارلىق ئۇچ چوڭ قۇشۇمچە يىمەكلڭكلەر بازىسى شەكىللەنگەن.
قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى:
   ئۈرۈمچى شەھەرى تەڭرىتاغنىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبى شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى تۇتاشتۇردىغان قاتناش تۈگۇنى ، ئۈرۈمچى ئايرىدرومى مەملىكەت بۇيىچە بەش چوڭ ئايرىدرومنىڭ بىرى ئۈرۈمچى پويىزئىستا-نىسى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق تۇمۇر يول گۇرۇپپىلاشتۇرۇش ئىستانىسى . شەھەر رايۇندىكى يوللار تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان ، ساي تېز سۆرەتلڭك يۇلى ، تاشقى ئايلانما يول تۇرپان-ئۈرۈمچى-داخۇاڭشەن، ئۈرۈمچى كويتۇن يۇقىرى سۇرەت-لىك يۇلى قاتارلىقلار ئۆزئارا تۇتاش قان بۇلۇپ، شەرىقتىن ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جا-يلىرى بىلەن غەرىپتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دولەتلەر بىلەن تۇتىشىدىغان زامانىۋىسېتئېريئولۇق »يىمەك يولى«نى شەكىللەندۇرگەن ئۈرۈمچىدە ھەيۋەتلىك گۇزەل تەبئېي مەنزىرلەر ۋە مىللي ئالاۋەدىلىككە باي ئانتروپولوگىلىك مەنزىرلەر، دۆلەت ئېچى ۋە سىرتىغا مەشھۇر بولغان داۋانچىڭ، مەنزىرسى كىشىنى مەپتۇن قىلدىغان سايئوپا كۇلى ، تۇز كۆل، قۇيۇق مىللى تۇسكە ئېگە دۆڭكۆرۇك، »مۇزلۇقتڭكىتېرە-ك قاتما «دەپ نام ئالغان 1-نۇمۇرلۇق مۇزلۇق ، گۇزەل مەن زىرلىق نەنسەن داڭ-لىق سايەئەت رايونى ، جۇخۇاتەي، بەيياڭگۇ، نۇرغۇن بىباھا گۇھەر ساقلانغان ئاپتۇ-نۇم رايۇنلۇق مۇزېي ، گېئومۇزېي، ئۇلان باغ قەدىمى شەھىرى قاتارلىقلاربار بۇلۇپ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەملىكەت ئىچى ۋە سىر تىدىكى ساەتچىلەر تەلپۇنىدىغان جا-ي ھەيۋەت بىلەن قەتكۆتۇرۇپ تۇرغان قىزىل تاغ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سىمۋولى، ئئۇنىڭغا چىقىپ يېراققا نەزەر تاشلىسىڭىز، زامانىۋى داڭلىق شەھەر كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1070 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01